قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار 1962-يىلدىكى غۇلجا «29-ماي ۋەقەسى» نى ياد ئەتتى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا كۆپلىگەن قانلىق قىرغىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە ئېغىر يوقىتىشلارنى بەرگەنلىكى مەلۇم. شۇلارنىڭ بىرى بۇنىڭدىن 60 يىل ئىلگىرى، يەنى 1962-يىلى 29-ماي كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئىدى. «قانلىق ماي ۋەقەسى»، «غۇلجا پاجىئەسى»، «قانلىق يەكشەنبە» دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن مەزكۇر ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشى، سەۋەبلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرى توغرىلىق خەلق ئارىسىدا ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. ئۆز نۆۋىتىدە تارىخچىلارمۇ 1962-يىلىدىكى ماي ۋەقەسىنىڭ گۇۋاھچىلىرى تەمىنلىگەن پاكىتلارغا ئاساسلىنىپ، ئۇنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئېنىقلاشقا، ئىلمىي يوسۇندا تەتقىق قىلىشقا تىرىشماقتا. ئەنە شۇ ئىزدىنىشلەرنىڭ بىرى-سىياسەتشۇناس ۋە تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ «ئاخباراتنامە» سىدە يەر ئالغان «1962-يىلىدىكى ‹29-ماي غۇلجا قانلىق قىرغىنچىلىقى› غا 60 يىل» ناملىق ماقالىسىدۇر. بۇ ماقالە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالماقتا.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، شۇ كۈنى غۇلجا شەھىرىدە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرنىڭ تىنچ نارازىلىق نامايىشىنى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى قورال كۈچى ئىشلىتىپ رەھىمسىزلەرچە باستۇرغان ئىكەن. ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىشىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېڭى مۇستەملىكە سىياسىتى، يەنى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتىن باستۇرۇلۇشى، مەجبۇرىي كوممۇنالاشتۇرۇش، ئاچارچىلىق، ھەددىدىن ئاشقان جەبىر-زۇلۇملار سەۋەپ بولغان ئىكەن. بۇ پاجىئەنىڭ يۈز بېرىشىدە يەنە ئىككى ھاكىممۇتلەق سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ، يەنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن كوممۇنىست خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كرىزىسقا ئۇچرىشىشىمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئىكەن.

بىز غۇلجا 29-ماي ۋەقەسىنىڭ شاھىتلىرىدىن ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتۇلۇقوفنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۇنىڭدىن توپ-توغرا 60 يىل بۇرۇن، يەنى 1962-يىلى 29-ماي كۈنىنىڭ يەكشەنبە كۈنى بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن شۇ كۈنى كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئۇيغۇر ئېلىنى تاشلاپ، تەقدىرنىڭ تەققازاسى بىلەن قوشنا قېرىنداش قازاق ئېلىگە باشپاناھ ئىزدەپ چىققان ئىدىم. بۇ كۈن مېنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلىپ بۇ ياققا چىققىنىم ئۈچۈنلا بىر خاتىرە كۈنى ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۇ كۈن مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمنىڭ غۇلجا شەھىرىدە قېنى تۆكۈلگەن بىر قانلىق كۈن. ئۇيغۇر خەلقى بۇ كۈننى ‹قانلىق يەكشەنبە› دەپ ئاتاپ، بۈگۈنكى كۈنگىچە ياد ئېتىپ كەلمەكتە.»

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ ئېيتىشىچە، قاتناش ئىدارىسىدە بىلەت ئېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتەلمىگەنلەر نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئالدىغا بارغان بولسىمۇ، لېكىن قوراللىق ساقچىلار ئۇلارنى كىرگۈزمەي قوغلىغان. شۇنداقتىمۇ كۆپ ساندىكى خەلق دەرۋازىلارنى بۇزۇپ ئىچكىرىگە كىرىشكە تەمشەلگەن.

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف يەنە مۇنداق دېدى: «دەرۋازا بىلەن بىنانىڭ ئارىسى 200 مېتىردەك. بىنانىڭ تۆپىسىدىن خەلققە ئالدىنئالا تەييارلاپ قويۇلغان پىلىموتتىن ئوق ياغىدۇ. خەلقنىڭ ھەممىسى دېگىدەك يا يارىدار بولىدۇ، يا ئۆلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ قارشى تەرىپىدىكى بىنادىن، يەنى ئىلى ھەربىي رايونىنىڭ شتابىدىن خەلققە قارىتىپ ئوق ياغىدۇ. بۇنى كۆرگەن خەلق ئۆزىنى دالدىغا ئالىدۇ. خەلق تاراپ كەتكەندىن كېيىن، ئەسكەرلەر بۇيرۇققا بىنائەن ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى بېناسى ئىچىدىكى چوڭقۇر كولانغان ئۈچ قۇدۇققا تىرىكى بارمۇ، ئۆلۈكى بارمۇ، ھەممىسىنى تاشلاپ، ئۈستىنى كۆمۈپ تاشلايدۇ. ئوت ئۆچۈرىدىغان ماشىنىلار كوچىلارنى يۇيۇپ، بېسىقتۇرىدۇ.»

قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ مەزكۇر ماقالىسىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شۇ كۈنى نەق مەيداندا تەخمىنەن 130-150 كىشى ئۆلۈپ، 150 تىن ئوشۇق ئادەم يارىدار بولغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى قوراللىق ساقچىلار غۇلجا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا نامايىش قاتناشقۇچىلىرىنى مەخسۇس تىزىملىك بويىچە تۇتقۇن قىلغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان غۇلجا ماي ۋەقەسىنىڭ يەنە بىر شاھىتى، تونۇلغان شائىر ئابدۇخالىق ماھمۇدوف ئەپەندى ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى كۆرگەنلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئابدۇخالىق ماھمۇدوف يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ سەۋەبى، ئەڭ مۇھىمى، سوۋېت پۇقرالىرىنى خىتاي قانۇنسىزلىق بىلەن ئىشتىن بوشاتتى. ئۇ ۋاقتىدا كىيىم-كېچەك نورمىلىق، تاماق نورمىلىق ئىدى، ئىشسىزلىق ئېغىر بولۇپ، خەلقنىڭ قولىدائاخچا يوق ئىدى. سوۋېت گراژدانلىرى ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋالدا قالدى. ئۆزىمىزنىڭ پاسپورتى يوق. بىزنىڭ ئاتا-بوۋىمىز ئالمۇتالىق. ئۇنى داداملار ئېيتمايتتى. ماي ۋەقەسىنى ئەسلەش ھەممىمىزنىڭ ئىشى. ئۇنى تارىخىي جەھەتتىن مەن ئىسپاتلاپ بېرەلمەيمەن. بۇ پۈتۈن خەلقنىڭ خىتايغا بولغان قارشىلىقى، شۇنداقلا خىتاينىڭ خەلقىمىزگە بولغان ئۆچمەنلىكىنىڭ بىر نەتىجىسىدۇر.»

ئىگىلىشىمىزچە، 1950-يىلنىڭ باشلىرىدا موسكۋادا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالانغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا ۋە باشقا چېگرا شەھەرلىرىدە سوۋېت كونسۇلخانىلىرىنىڭ ھامىيلىقىدا «سوۋېت گراژدانلىرى جەمئىيەتلىرى» قۇرۇلغان. بۇ جەمئىيەتلەر 1955-يىلدىن باشلاپ يەرلىك خەلقلەرگە پاسپورت تارقىتىپ، ئۇلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈشكە دەۋەت قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار، قازاقلار ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە رەسمىي كۆچۈشى باشلانغان. 1962-يىلىنىڭ ئەتىياز مەزگىللىرىگە كەلگەندە ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ ئۆتۈش ۋەقەلىرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمەتلىرى 1962-يىلىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چېگرا ئاتلاپ قېچىش ۋەقەسىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك ھەم سىياسىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن پايدىلانغان.