ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش، ئۇلارنى بىخەتەر دۆلەتلەرگە يەرلەشتۈرۈش ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-10-20
Share
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش، ئۇلارنى بىخەتەر دۆلەتلەرگە يەرلەشتۈرۈش ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاندى (سولدىن ئوڭغا) ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركىلىي(Jeff Merkley) ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى جەيمىس ماكگوۋرن(James McGovern) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان «زىيانكەشلىكتىن قوغداش-خوڭكوڭلۇقلار ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك يولىنى ئېچىش» تېمىسىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا. 2021-يىلى 19-ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون.
cecc.gov

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «زىيانكەشلىكتىن قوغداش-خوڭكوڭلۇقلار ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك يولىنى ئېچىش» تېمىسىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئوخشاشلا زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، دۆلەت ھالقىغان بېسىم پەيدا قىلىپ ئۇلارنى دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولۇشىدىن قەتئىيەنەزەر قامال قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي مەسىلە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 19-ئۆكتەبىر كۈنى ئېچىلغان «زىيانكەشلىكتىن قوغداش-خوڭكوڭلۇقلار ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك يولىنى ئېچىش» تېمىسىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىندا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ۋە گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر بىردەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش، ئۆچ ئېلىش، تۇتقۇن قىلىشتەك خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان خوڭكوڭلۇقلار ۋە ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ھازىرقى ۋاقتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەقەززاسى، دېيىشتى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىس(Christopher Smith) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان «زىيانكەشلىكتىن قوغداش-خوڭكوڭلۇقلار ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك يولىنى ئېچىش» تېمىسىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا. 2021-يىلى 19-ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىس(Christopher Smith) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان «زىيانكەشلىكتىن قوغداش-خوڭكوڭلۇقلار ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك يولىنى ئېچىش» تېمىسىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا. 2021-يىلى 19-ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىدا ئېچىلغان يىغىندا ئالدى بىلەن مەزكۇر كومىتېتى رەئىسى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركىلىي سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتىدۇ، خوڭكوڭدىمۇ ھازىر سىياسىي جىنايەتچىلەر بارلىققا كەلدى، ۋەزىيەت ئىنتايىن ئېغىر. . . . بىز كونكرېت تەدبىرلەرنى ئېلىشىمىز كېرەك. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلالمىساقمۇ، زۇلۇمدىن قېچىپ بوسۇغىمىزغا كېلىپ قالغانلارنى قوغداش قۇدرىتىمىز بار. بۈگۈنكى يىغىنىمىزنىڭ مەقسىتى مانا مۇشۇ» دېدى.

بۈگۈنكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جەيمىس ماكگوۋرن، كىرىستوفېر سىمىس، توم مالىنوۋسكىي قاتارلىقلار سۆز قىلدى. ئۇلارمۇ سۆزلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭلۇقلار، ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ نەرىدە بولۇشىدىن قەتئىيەنەزەر ئۇلارنى كونترول قىلىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان بېسىم ھەرىكىتىگە ئامېرىكانىڭ كۈچلۈك دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى.

يىغىندا يۇقىرىدىكى مەجلىس ئەزالىرىدىن باشقا يەنە، مىراس فوندىنىڭ ئالىي سىياسەت ئانالىزچىسى ئولىۋىيا ئېنوس، خوڭكوڭ دېموكراتىيە كېڭىشى مەسلىھەتچىسى، پائالىيەتچى سۈننىي چىڭ ۋە ئۇيغۇر شائىرى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى تاھىر ھامۇت ئىزگىل قاتارلىقلار گۇۋاھلىق بەردى.

ئولىۋىيا ئىنۇس خانىم سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتى ئاستىدا قالغان ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلارنى ئامېرىكانىڭ ئۆز قوينىغا ئېلىشى كېرەكلىكى ۋە شۇنداق قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن جىددىي ۋەزىيەتتىكى كىشىلەر كاتېگورىيەسى» يەنى (p2) سىستېمىسى بويىچە خوڭكوڭلۇقلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكادا پاناھلىنىشىغا يول ئاچقانلىقىنى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى دېدى: «ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ كرىزىسنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەسلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ، ئامېرىكا دەرھال ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلارنى ئەڭ مۇھىم قوغداشقا تېگىشلىك كىشىلەر دەپ بەلگىلىشى ۋە تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئامېرىكا بايدىن ھۆكۈمىتى شۇنداقلا يەنە باشقا دېموكراتىك شېرىك دۆلەتلىرىنىمۇ ئۇيغۇرلارنى ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا قۇچاق ئېچىشقا تەشەببۇس قىلىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەردە ھاياتىي كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئامېرىكا يەنە تۈركىيە، مالايشىيا، تايلاند، قازاقىستان قاتارلىق خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەردە پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىك ئالاقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئامېرىكا ھەرۋاقىت ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا ئامېرىكىنىڭ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك»

ئولىۋىيا ئىنۇس خانىمنىڭ سۆزىدىن كېيىن خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچى سۆز قىلىپ، ئەينى چاغدا ئۆزى بىلەن بىللە نامايىشقا قاتناشقان ياشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھازىر تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ تۇتقۇنىدىن قېچىپ قۇتۇلغان ئاز بىر قىسىم تەلەيلىكلەردىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە ئامېرىكانىڭ چوقۇم ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قېچىشقا تەمشىلىۋاتقان خوڭكوڭلۇقلارغا ياردەم قىلىشىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن يىغىندا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى تاھىر ھامۇت ئىزگىل ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇمۇ ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ زور كۆلەملىك تۇتقۇنى باشلانغاندا قېچىپ چىقالىغان ئازغىنە تەلەيلىك كىشىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا پاسپورتى بولمىغانلىقتىن بۇنداق پۇرسەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، پاسپورت بەرمەسلىكنىڭ خېلى يىللار ئىلگىرىلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ۋاسىتىسى بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. بىراق ئۇ پاسپورت ئېلىپ چەتئەللەرگە چىققان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېلىھەم خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى ئۆز تەجرىبىسىگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويدى.

تاھىر ھامۇت ئەپەندى ئامېرىكادا تېخى پاناھلىق ئىشلىرى ھەل بولمايۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن سىرت، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يەنى تۈركىيە، تايلاند، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ھېلىھەم پاسپورتسىز، كىملىكسىز ۋە ياكى ھەر كۈنى قايتۇرۇلۇش دەككە-دۈككىسى ئىچىدە ياشاۋاتقانلارنىڭمۇ كۆپلۈكىنى بايان قىلدى. ئۇ بۇ ئۇيغۇرلارغا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ئولىۋىيا ئىنۇس خانىم ۋە تاھىر ھامۇت ئەپەندىلەر مەجلىس ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىنىڭ ئاستا بولۇشىدىكى سەۋەبلەر، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنى ۋە خوڭكوڭلۇقلارنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن بىر ھەرىكەت قىلىپ-قىلمىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنى بىخەتەر دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا توسالغۇ بولۇۋاتقان ئامىللار، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق ۋاسىتىلەر بىلەن نازارەت قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىغىمۇ جاۋاب بەردى.

مەجلىس ئەزالىرى ئامېرىكادا پاناھلىق تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ھازىرغىچە پاناھلىق ئىشلىرىنىڭ ھەل بولماسلىقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئەھۋال، دېيىشتى. ئاۋام پالاتا ئەزاسى جەيمىس ماكگوۋرن دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە ھەر تۈرلۈك زۇلۇملار مەيدانغا كېلىۋاتقان بولسىمۇ بىراق ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە مەجلىسىنىڭ دەرھال ئۇيغۇرلارنى بىخەتەرلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قانۇنلارنى تېزدىن چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

يىغىندا تىلغا ئېلىنغان يەنە بىر مۇھىم تېما بولسا ئۇيغۇرلارغا ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بىر ھاكىمىيەتنىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىدىغانلىقى بولدى. كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركىلىي يىغىندىكى سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ شۇنچە چاقىرىقىغا قارىماي ئولىمپىكنى يۆتكەشكە قوشۇلمىغان ئولىمپىك كومىتېتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى 1936- يىلىدىكى ناتسىست گېرمانىيەسى ئۆتكۈزگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئوخشاتتى ۋە بۇ تارىخنىڭ تەكرارلىنىشىغا يول قويۇشقا بولمايدۇ، دېدى. سېناتور جېف مېركىلىي يەنە ئۆزلىرىنىڭ داۋاملىق ھالدا بۇ ھەقتە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتلەرنى مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىشقا، دىپلوماتلىرىنى ئەۋەتمەسلىككە، قوللىغۇچى شىركەتلەرنى قوللاشتىن چېكىنىشكە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ يىغىننى ئاياغلاشتۇردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت