«ئۇيغۇر پاختىسى» غا ئائىت جىنايەتلەر ئەنگلىيە ئالىي سوتىدىن ئورۇن ئالدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك ھادىسىسى پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا ئەڭ ئېغىر بولۇپ، بۇنىڭ كۆپلىگەن ئىستېمالچىلارنى ئۆزلىرىمۇ تۇيمىغان ھالدا بۇ جىنايەتلەرگە شېرىك قىلىپ قويۇۋاتقانلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ قېتىم تەكىتلىنىپ كەلمەكتە. ئەمما بۇ ھەقتىكى رېئاللىق مەلۇم بولغاندىن كېيىنمۇ كۆپلىگەن دۇنياۋى ماركىلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مەنپەئەتنى چىقىش قىلغان ھالدا «جىنايەتكە شېرىك» دەپ قارىلىۋاتقان «ئۇيغۇر پاختىسى» دىن ئۆزىنى تارتالماسلىقى بۇنىڭ نۆۋەتتە بىر جىددىي مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇ خىل رېئاللىققا قارشى تۇرۇش مەزمۇنىدىكى يەنە بىر كۈچلۈك قەدەم يېقىندا ئەنگلىيەدە ۋۇجۇدقا چىقتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) ۋە «دۇنياۋى قانۇنىي ھەرىكەتلەر تورى» (GLAN) ئادۋوكاتلىق شىركىتى بىرلىكتە ئەنگلىيە ئالىي سوتىغا يوللىغان «ئۇيغۇر پاختىسى» نىڭ ئەنگلىيەگە كىرىشىنى چەكلەش ھەققىدىكى ئەرزنامە يېقىندا رەسمىي قوبۇل قىلىنىپ، بۇنىڭغا قاراپ چىقىش مەزمۇنىدىكى سوت گۇۋاھلىق يىغىنى 15-مايدا رەسمىي ئېچىلدى. .

بۇ قېتىمقى ئەرزنامە ھۆججەتلىرىنى تەييارلاشقا كۈچ چىقارغان شەخسلەردىن د ئۇ ق نىڭ ئەنگلىيەدىكى ۋەكىلى رەھىمە مەھمۇد خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2021-يىلى نويابىردا «دۇنياۋى قانۇنىي ھەرىكەتلەر تورى»، د ئۇ ق، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار بىرلىكتە ئەنگلىيە دائىرىلىرىگە ئەرزنامە تاپشۇرغان. ئەرزدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇشلارنى ھۆكۈمەتلەر ۋە قانۇن ساھەسىنىڭ قىرغىنچىلىق، دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقى، بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر قىسمى دەل ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان پاختا مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويماسلىق ھەققىدىكى قارارىنى ئۆزگەرتىشى لازىملىقى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ھالدا تەپسىلىي شەرھلەنگەن. ھالبۇكى 2022-يىلى ئۆكتەبىردىكى ئالىي سوتنىڭ ئىككى كۈنلۈك گۇۋاھلىق يىغىنىدىن كېيىن 2023-يىلى يانۋاردا بۇ ئەرزنامە رەت قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار قايتىدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بۇ ئەرزنامىنى تولۇقلاپ تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن ھەمدە 2023-يىلى مايدا بۇ ئەرزگە قايتىدىن قاراپ چىقىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. نەتىجىدە 15-مايدا بۇ ئەرز رەسمىي ھالدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەرزنامىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان پاختا مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويۇش مەسىلىسىدە ئەنگلىيەنىڭ «دۆلەتلىك جىنايەتلەر ئاگېنتلىقى» ھەرقايسى شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن مەنپەئەت ئېلىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان، دەپ ئەيىبلەنگەن. چۈنكى نەزەرىيە جەھەتتىن ئالغاندا ھەرقايسى شىركەتلەر ئۆزلىرى ئىمپورت قىلىۋاتقان پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ جىنايى قىلمىشلار بەدىلىگە، يەنى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق تەييار بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، ئۇلارنىڭ بىلىپ تۇرۇپ بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ئەنگلىيەگە ئېلىپ كىرىشى جىنايەتكە شېرىك بولغانلىق، شۇنىڭدەك مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلىنىش جەريانى ھەققىدە «يېتەرلىك ئويلىنىش» نىڭ كەم بولۇشى، دەپ قارىلىشى لازىم. يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا، بۇ ھال ئەنگلىيەنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە قىرغىنچىلىق بەدىلىگە ئىشلىنىۋاتقان مەھسۇلاتلار كەڭرى ئېلىپ-سېتىلىدىغان «جەننەت» كە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

ئەرزنامىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئەھۋال ماھىيەت جەھەتتىن ئالغاندا جىنايەت ساھىبلىرىنىڭ جىنايى مەبلەغنى ئايلاندۇرۇپ پۇل يۇيۇشىدىن پەرق قىلمايدىغان بىر قىلمىش. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئەھۋالنى مۇنداق تەسۋىرلەشكە بولىدۇ: بىر ماشىنا رېمونتچىسى ناۋادا زەھەر ساتقۇچىنىڭ ئۆزىگە رېمونت قىلدۇرغان ماشىنىسىغا رېمونت ھەققى ئۈچۈن تۆلىگەن پۇلنىڭ جىنايى يوللاردىن كەلگەن پۇل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ بۇ پۇلنى قوبۇل قىلسا ئۇ ئىشچىغا ھېچقانداق مەسئۇلىيەت ئارتىلمايدۇ؛ ئەمما ئۇ رېمونتچى ئۆزى رېمونت قىلىۋاتقان ماشىنىنىڭ زەھەر ئەتكەسچىسى سادىر قىلماقچى بولغان قاتىللىققا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى رېمونت قىلىپ بەرسە ئۇ ھالدا رېمونتچىغىمۇ تېگىشلىك مەسئۇلىيەت ئارتىلىدۇ؛ خۇددى شۇنىڭدەك مەلۇم بىر توپ ئېلىپ توپ ساتقۇچى ئۆزى سېتىۋالماقچى بولغان پاختىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن كەلگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى سېتىۋالسا ئۇمۇ ئوخشاشلا جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغان ھەمدە خاراكتېر جەھەتتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ مەسىلىلەر بۇ قېتىمقى ئەرزگە قاراپ چىقىش سوتىدا تىلغا ئېلىنغان مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولدى.

بۇ قېتىمقى ئەرزنامىنى تەييارلاش خىزمىتى كۆپلىگەن ساھەلەرنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا مۇيەسسەر بولغانلىقى مەلۇم. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىكى چىرىكلىك ساھەسىدە ‍ئوينىغان رولىغا باھا بېرىپ كېلىۋاتقان «چىرىكلىك نۇقتىلىرى» تورى بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن بۇنىڭغا ئاكتىپلىق بىلەن قول تىقىپ، بۇ ئەرزنامىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا پائال ھەمكارلاشقان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باش دىرېكتورى، دوكتور سۇزان خاۋلېي (Susan Hawley) بۇ ھەقتە توختىلىپ «بىز د ئۇ ق ۋە ‹دۇنياۋى قانۇنىي ھەرىكەتلەر تورى› باشلىغان بۇ بۇ دەۋا ئىشى ئەنگلىيەنىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە بىر قەدەم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قول تىقىپ ئارىلىشىشنى قارار قىلدۇق. چۈنكى ئالدىنقى قېتىملىق رەت قىلىش ھۆكۈمى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولسا ئۇ ھالدا ئەنگلىيە قانۇن سىستېمىسىنىڭ جىنايەتلەرگە باغلىنىشلىق قىلمىشلارنى تەكشۈرۈشى ۋە پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىدۇ» دەيدۇ. «ئۇيغۇر پاختىسى» نى چۆرىدىگەن ھالدا داۋام قىلىۋاتقان بۇ خىلدىكى «شىركەتلەرنىڭ پۇل يۇيۇشى» مەسىلىسى سوتنىڭ ئالدى-كەينىدە بىردەك تەكىتلىنىپ كەلگەن مۇھىم نۇقتىلاردىن بولغانلىقى ئۈچۈن «دۇنياۋى قانۇنىي ھەرىكەتلەر تورى» نىڭ ئالىي ئادۋوكاتلىرىدىن دېربىلا مىنوگۇ (Dearbhla Minogue) بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ھەقتە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.

«بۇ قېتىمقى ئەرز بەكمۇ مۇھىم. چۈنكى بۇنىڭدا قانۇن دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بەدىلىگە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىۋاتقان شىركەتلەرنى تەكشۈرۈشىگە ئوڭايلىق يارىتىلىدۇ. ئەگەر بىز بۇ قېتىملىق دەۋادا يېڭىپ چىقساق ئۇ ھالدا تېخىمۇ كۆپ شىركەتلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشقا يول ئېچىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئەنگلىيەدىكى پۇل يۇيۇش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشكىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. نېمىشقا دېگەندە پۇل يۇيۇش ۋاسىتىسى ياكى شەكلى ئارقىلىق قولغا كەلگەن مەھسۇلاتلار، مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن كەلگەن پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەنگلىيەگە ئىمپورت قىلىنىشىنىڭ ئۆزىمۇ بىر جىنايەت. شۇڭا بىز بۇ قېتىملىق دەۋادا بۇ قىلمىشنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن پۇل يۇيۇش بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتۇق.»

رەھىمە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق ئەرزگە قاراپ چىقىشتا ئەنگلىيە «جىنايى ئىشلار ئاگېنتلىقى» مۇ راۋرۇس تەييارلىق قىلغان. شۇنىڭدەك بۇ داۋادا ئۇتۇپ چىقىشقا زور كۈچ ئاجراتقان. بۇنداق ئەھۋالدا سوتنىڭ ھۆكۈمىمۇ كەسكىن تالاش-تارتىشلار ئارقىلىق مەلۇم بولىدىكەن. ناۋادا ئۇلار بۇ سوتتا يېڭىپ چىقالىسا بۇ دەرۋەقە تارىختىكى بىر زور غەلىبە بولۇپ قالىدىكەن.

دەرۋەقە بۇ سوتنىڭ قانداق ھۆكۈم چىقىرىشى كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارغا باغلىق بولۇپ، ھازىرقى ئەھۋالدا بۇ توغرىسىدا كېسىپ بىرنەرسە دېگىلى بولمايدۇ. ئەمما سوت جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادۋوكاتلىق قىلغان دېربىلا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوت ناھايىتى ‍ئوڭۇشلۇق داۋام قىلغان. شۇڭا ئۇلار بۇ جەھەتتە يەنىلا ئۈمىدۋارلىقتىن ۋازكەچمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى.

«مەن گۇۋاھلىق سوتىنى ناھايىتى ياخشى داۋام قىلدى، دەپ قارايمەن. سوتچىلارمۇ بىز ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىلارنى ناھايىتى زور قىزىقىش بىلەن ئاڭلىدى، شۇنىڭدەك بۇ ھەقتە كۆپلىگەن كەسكىن سوئاللارنى سورىدى. شۇڭا بىز بۇ قېتىملىق مۇنازىرىدىن خېلىلا مەمنۇن. شۇڭا بۇ قېتىملىق سوت گۇۋاھلىقىدىن ياخشى بىر نەتىجە چىقىدۇ، دەپ ئىشىنىمىز. ناۋادا شۇنداق بولۇپ بىز يېڭىپ چىقساق ئۇ ھالدا ‹جىنايى ئىشلار ئاگېنتلىقى›نىڭ ئەنگلىيە ئىمپورت قىلىۋاتقان پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىدەك رېئاللىقنى تەكشۈرۈش قىلمىشىنى قانۇنسىزلىق بىلەن رەت قىلغانلىقى جاكارلىنىدۇ. بىز مۇشۇنداق بىر نەتىجىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىدىن ئۈمىدۋارمىز.»

ئەنگلىيە تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ھادىسە بولغان بۇ قېتىملىق سوت گۇۋاھلىقى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭمۇ زور دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق مۇنازىرىسىنىڭ قانداق ھۆكۈم بىلەن ئاخىرلىشىشى كۆپلىگەن كىشىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تېمىلاردىن بولۇپ قالماقتا.