دوكتور مەمەت ئىمىن: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چېكىدىن ئاشقان كارانتىن تەدبىرلىرى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس»

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چېكىدىن ئاشقان كارانتىن تەدبىرلىرى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئاچارچىلىق كىرىزىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى قاتتىق ئەندىشەلەندۈرمەكتە.

CNN تورىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، پۈتۈن خىتايدا ۋابا سەۋەبىدىن 70 نەچچە شەھەر تولۇق ياكى قىسمەن تاقالغان بولۇپ جەمىئىي 300 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى رايونلارنى يۇقۇم سانىغا قاراپ دەرىجىلەرگە بۆلگەن بولۇپ، خەتىرى يۇقىرى رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىن چىقىشى قەتئىي مەنئى قىلىنغان، ئوتتۇرا دەرىجىلىك خەتەرلىك رايونلاردا بولسا كىشىلەرنىڭ ئۆز قوراسىدىن سىرىتقا چىقىشى چەكلەنگەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا، بولۇپمۇ غۇلجا شەھىرىدە يولغا قويغان يۇقۇمنى قامال قىلىش تەدبىرىلىرى چېكىدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن غۇلجادىكى ئاچارچىلىق ۋە ۋاقتىدا داۋالىنالماسلىق كىرىزىسى يېقىندىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ دىققىتيىنى قوزغىماقتا.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دانىيەلىك ئىنسانشۇناس ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى رۇنې ستېنبېرگ (Rune Steenberg) ئەپەندى، قامال مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ پۈتۈنلەي پەرىقلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ: «ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر كارانتىن تەدبىرلىرى ۋە ئاچلىقتىن ئۆلىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ پاجىئەلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ ئىنىق ئىپادىسى» دېدى.

خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى ئانالىزلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە خىتايدا يەتتە خىلغا يىقىن ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىلغان. بۇ ۋاكسىنىلار دۆلەت ئىچىدە كەڭ كۆلەمدە ئۇرۇلغان، ھەتتا چەت ئەللەرگىمۇ ئىكىسپورت قىلىنغان. ھالبۇكى، كوۋىد 19 ۋىرۇسىنىڭ دېلتا ۋە ئومىكرون ۋارىيانتىغا قارشى ئىممونېنت شەكىللەندۈرۈشتە خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنىلارنىڭ ئۈنۈمى ئاساسىي جەھەتتىن يېتەرسىز بولغان. شۇ سەۋەبتىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ۋاكسىنىلىرىنى ئىمپورت قىلىشى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 97 پىرسەنت ئازايغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر دۆلەت ئىچىدە غەرب ئەللىرىدە ياسالغان ۋاكسىنىلارنى ئەملەشكە رۇخسەت بەرمىگەن. مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربتە ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنىلارنى ئىشلىتىشنى چەكلىشى، ئۆزلىرىنىڭ تېخىنىكا جەھەتتىن غەربتىن ئارقىدا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسسىسى مەمەت ئىمىن ئەپەندى، ۋىرۇس تارقاپ ئۈچ يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە خىتاي داۋاملىق قويۇۋاتقان چېكىدىن ئاشقان كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ۋىرۇس ھەققىدە جۇغلانغان تەجرىبە ۋە ئىلمىي مەلۇماتلارغا پۈتۈنلەي خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

«تەبىئىي مېدىتسىنا» ژۇرنىلىنىڭ 5-ئايلىق سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، ئەگەر كارانتىن يولغا قويۇلمىسا خىتايدا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 112 مىليونغا يېتىشى، ھەتتا بىر يېرىم مىليون ئىنساننىڭ ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ خىتاي سەھىيە سىستېمىسىنىڭ چۆكۈشى دىگەنلىك بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل ئەھۋالنىڭ خىتاينىڭ مەۋجۇت مۇستەبىت تۈزۈلمىسىگە نىسبەتەن چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېيتماقتا.

تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، «خىتاي ۋە ئۇنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى، يەر شارى رىقابەت ئىستىراتېگىيەلىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى مەمەت توختى ئاتاۋۇللاھ بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلدى. ئۇ خىتاينىڭ كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

مېدىتسىنا مۇتەخەسسىسى مەمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ۋاكسىنىسىغا بولغان ئىشەنچىسى ئېنتايىن تۆۋەن ئىكەن.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ سىياسىي مۇقىملىق ئۈچۈن ۋابانى باھانە قېلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ياكى كەلگۈسى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان بىئولوگىيەلىك توقۇنۇش ئۈچۈن مانېۋىر قىلىۋاتقان بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان كارانتىن تەدبىرلىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئاچلىق ۋە كىسەللىككە دۇچار بولغان، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىۋاتقان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر تور ئارقىلىق خىتاينىڭ مەۋجۇت سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاھۇ-زارى ۋە پەريادلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ پەقەت ئاز بىر قىسمىنىلا ئاشكارلاپ بەرگەنلىكىنى، ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ ناچار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى نارازىلىق ۋىدىيولىرىنىڭ خىتاينىڭ تور بىخەتەرلىكى سىستېمىسى ۋە مۇقىملىق سىياسىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالدى.

رۇنې ستېنبېرگ زىيارىتىمىز داۋامىدا، خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى چىكىدىن ئاشقان كارانتىن تەدبىرلىرىگە تارتىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە بۇ توغرىسىدىكى كەسپىي مېتودلار ھەققىدە توختالدى.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چېكىدىن ئاشقان كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۋېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.