ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقىنىغا خېلى بولۇپ قالغان ئۇيغۇرلارغا دائىر ئىككى قانۇن لايىھەسى يېقىندا بىرلەشتۈرۈلۈپ ھەمدە تۈزىتىلىپ يېڭىۋاشتىن مۇھاكىمىگە سۇنۇلغانىدى. 3-دېكابىر كۈنى كەچقۇرۇن «2019-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» ناملىق لايىھەگە قاراپ چىقىش ھەمدە ئۇنى ئاۋازغا قويۇشنى مەقسەت قىلغان مۇھاكىمە يىغىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە چاقىرىلدى. .
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قانۇن تەرتىپى بويىچە بۇ قېتىم مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئالدى بىلەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇلغانىدى. مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ئالدى بىلەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىمغا سۆز بەردى.
نەنسىي پېلوسى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەھشىيانە ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ مىليون بىگۇناھ كىشىنى لاگېرلارغا قاماپ بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردە تۈرلۈك قىيناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، لاگېر سىرتىدىكى ئاياللار ۋە سەبىي گۆدەكلەرنىڭ سەرسانلىق ۋە جۇدالىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىق بىر قاتار ئىجتىمائىي پاجىئەلەرنى سۆزلەپ كېلىپ: «بىز بۇ قانۇن لايىھەسىنى مۇزاكىرىگە قويۇش ئارقىلىق بېيجىڭغا شۇنى ئىشارە قىلماقتىمىزكى ئامېرىكا بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، بىز بۇ ئىشلارغا سۈكۈت قىلالمايمىز. مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ھەقىقەتنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارا قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىس ئارقىدىنلا سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆرۈلۈۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر بولغان كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىغا سورۇن ھازىرلاۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساقچى دۆلىتى بەرپا قىلىش ھەمدە يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەت مېخانىزمى ئارقىلىق نازارەت قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، مىليونلارچە كىشىنى خانىۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى ھەمدە: «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ھەمدە ئۇيغۇرلارغا قارشى بۇ زور كۆلەملىك جىنايەتنى سادىر قىلماقتا. ئۇ بۇ جىنايەتلەرگە بىۋاسىتە جاۋابكاردۇر» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋەھشىيانە تەبىئىتىنى نەزەردە تۇتقاندا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىغا ھەيران قېلىشنىڭ ھاجەتسىزلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئالغاندىمۇ ئاللىقاچان چەكتىن ئېشىپ كەتكەن قىلمىش، دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى، مىليونلارچە ساندىكى كىشىلەرنى لاگېرغا قاماش قىلمىشىنىڭ تارىختىكى «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى» دىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ بۇنىڭغا ئۇلىشىپ بارلىققا كېلىۋاتقان كۆپلىگەن ئىجتىمائىي پاجىئەلەرنىڭ ئاياللارنى جىسمانىي خورلۇققا، گۆدەك بالىلارنى روھىي خارابلىققا مەھكۇم قىلىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېر تۇتقۇنلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ «قۇللار ئەمگىكى» شەكلىدە ئۆزلىرىنى سەمرىتىشىدەك قەبىھلىككە يول ئېچىۋاتقانلىقىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ: «بىز بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىشىمىز، شۇ ئارقىلىق خىل ياۋايىلارچە شەكىل ئالغان قەبىھلىكلەرنى توختىتىش، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم» دېدى.
ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن ئالبيو سايرېس ئۆز نۆۋىتىدە سۆز ئېلىپ، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىنى قوللايدىغانلىقى ھەمدە باشقىلارنىمۇ بۇنىڭ ماقۇللىنىشىغا ئاۋاز بېرىشكە دەۋەت قىلىشى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ جىسمانىي قىيناق، روھىي خورلۇق، مەجبۇرىي مېڭە يۇيۇش ۋە باشقا پاجىئەلەرگە دۇچ كېلىشىنى ئاددىيلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەھشىيلىكى، دەپ قاراشتىن كۆرە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىنى غايەت زور تۈرمىگە ئايلاندۇرۇش، شۇ ئارقىلىق بىر پۈتۈن مىللەتنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشى، دەپ قاراش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكىل مەككائۇل نۆۋەتتە لاگېرلارغا قامالغان ئۈچ مىليون كىشىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى مېڭە يۇيۇشنىڭ نىشانى بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىنمۇ يۇقىرى قاتلامدىكى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشۇ ئۇيغۇرلار قامالغان لاگېرلارنى «يىغىۋېلىش لاگېرى» دەپ ئاتاۋاتقانلىقىنى، يەنە بەزىلەرنىڭ بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشلىرىنى «21-ئەسىرنىڭ يۈزىگە چۈشكەن داغ» دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى ئەسلىتىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆزىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى، دەپ ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ھالبۇكى ھازىر رېئاللىقتا يۈز بېرىۋاتقانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە ھەمدەم بولۇۋاتقان سىستېمىلىق مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدۇر. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرالمايدۇ. ئەگەر بىز سۈكۈت قىلساق ئۇ ھالدا ئاشۇ زۇلۇملارغا بىزمۇ شېرىك بولغان بولىمىز. بىز بۇنىڭغا يول قويالمايمىز» دېدى.
بۇ قېتىمقى تۈزىتىلگەن ھەمدە تولۇقلانغان قانۇن لايىھېسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە زور ئەجىر قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرى ئاۋام پالاتا ئەزاسى براد شېرمان ئىدى. ئۇ يېقىندا ئاشكارا بولغان بىر قىسىم خىتايچە ھۆججەتلەرنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى غايەت زور ساندا لاگېرغا قاماش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. شۇنداقلا «ئۆزىنى قانۇن دۆلىتى دەۋالغان بىر ھاكىمىيەت مىليونلارچە كىشىنى ‹ساغلام بولمىغان ئىدىيەگە ئىگە› دېگەن نامدا لاگېرغا قامىۋالغان. دۇنيانىڭ قەيىرىدە بۇنداق ئىش كۆرۈلگەن؟» دەپ سوئال قويدى. ئۇ يەنە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلىلا بۇ ھەقتە مەخسۇس كۆرسەتمە بېرىپ: «ئۇيغۇرلارغا قىلچىمۇ رەھىم-شەپقەت قىلماسلىق» نى جېكىلىگەنلىكىنى تەكىتلەش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئەسەبىيلىككە ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ھەققىدىكى تەشۋىقاتىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن تېد يوخو ئەپەندى يىغىن ئەھلىنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللاشقا دەۋەت قىلىپ، ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە مەلۇم بولغان ئۇچۇرلاردىن جەسەت كۆيدۈرۈش مەيدانى ھەققىدىكى مەلۇماتنىڭ تولىمۇ زور بىر شۇملۇقتىن بېشارەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بۇ ھەقتە سوئال قويۇپ «ئۆزىنى قوغداشنى، قورال ئىشلىتىشنى بىلىدىغان ھەربىي قىسىملارنى بۇ خىل جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇش نېمىگە زۆرۈر بولۇپ قالدى؟ ئامېرىكا ئەركىنلىك ئالىمىنىڭ يېتەكچىسى بولغانىكەن، ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈككە ئىشەنگۈچى بارلىق ئىنسانلار بۇ خىلدىكى ئادالەتسىزلىككە قارشى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى لازىم. ئەينى ۋاقىتتا بىز ‹ھەرگىز قايتىلانمايدۇ› دەپ ۋەدە قىلغان ئىشلار بىز ياشاۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردا قايتا يۈز بېرىۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشىمىز، دۇنيا ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىشى لازىم» دېدى.
ئاۋام پالاتانىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ مۇشۇ خىلدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ھازىر تەخىرسىز بىر باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. قىزغىن مۇزاكىرىلەردىن كېيىن ئەڭ ئاخىرىدا «2019-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» 1 گە قارشى 407 ئاۋاز بىلەن مۇتلەق ئۈستۈنلۈك ئىچىدە ماقۇللۇقتىن ئۆتتى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتادا ماقۇللىنىشى ھەمدە ئۇنىڭ كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللىشىغا يوللانغانلىقىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدى. شۇنداقلا بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى شانلىق غەلىبىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھالنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى تولىمۇ پەرىشان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما نۇرىي تۈركەل بۇ قانۇن لايىھېسىنىڭ ئاۋام پالاتادا ماقۇللىنىشىنى پەقەتلا بىرىنچى قەدەم، دەپ قاراش لازىملىقىنى، بۇ لايىھېنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىنىشى ھەمدە ئاخىرىدا رەسمىي قانۇن بولۇشىغىچە زور قىيىنچىلىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۇنتۇماسلىق لازىملىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى يېقىن كەلگۈسىدە كېڭەش پالاتاسىدا مۇزاكىرىگە قويۇلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ قانداق نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىشى ھەققىدە تۈرلۈك تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00