يېقىندىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قانچە دۆلەت ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئېلان قىلدى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى پاناھلىق ئىشلىرىغا ئاسانلىق تۇغدۇرامدۇ؟» دېگەندەك مۇنازىرىلەر كۈچەيمەكتە.
ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن كىرىس كونس ۋە ماركو رۇبىئو بىرلىكتە ئامېرىكادىكى مۇساپىرلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئىشلىرىدا نۆۋەتتە خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى سۇنغان.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خادىملىرىدىن تەشۋىقات ۋە ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل پېتىر ئىرۋىن ئەپەندى مەزكۇر قانۇن لايىھەسى مارت ئېيىدا فلورىدا شتاتىنىڭ دۆلەت مەجلىس ئەزاسى دېموكرات تېد دورچ ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن دۆلەت مەجلىس ئەزاسى مارىيو دىئازبالارت قاتارلىقلار سۇنغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش قانۇن لايىھەسى» بىلەن ئوخشاش خاراكتېردىكى قانۇن لايىھەسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كىرىس كونس مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. بىز ئۇيغۇرلار ۋە باشقا دىنىي ياكى مىللىي كىملىكى سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ قوغدىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. خىتاي بىلەن ئۈنۈملۈك رىقابەتلىشىش ئۈچۈن، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى ئارتۇقچىلىقىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز، جۈملىدىن ئۆزىمىزنىڭ قىممەت قارىشىمىز بويىچە ياشىشىمىز كېرەك. ناھەق تۈرمىگە سولانغانلىقى ئۈچۈن ۋەياكى باشقا زۇلۇم تۈپەيلىدىن شىنجاڭدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغانلارنى دۆلىتىمىز قوبۇل قىلىشى كېرەك.»
مەلۇم بولۇشىچە ئامېرىكادا پاسپورتىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن پاسپورتىنى يەڭگۈشلەشتە ياكى ۋاقتىنى ئۇزارتىشتا قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان، شۇنىڭدەك سىياسىي پاناھلىققا ئىلتىماس قىلىپ نەچچە يىلدىن بېرى ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمەيۋاتقان ئۇيغۇرلار خېلى كۆپ ئىكەن.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكادا ھەتتا 6-7 يىلدىن بېرى كۆرۈشۈشكىمۇ چاقىرىلمىغان ئۇيغۇرلار بار، نۇرغۇن جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ئۆتسە ئۇيغۇرلارنىڭ يەلكىسىدىن ئېغىر بىر يۈكنى ئېلىۋەتكەندەك بولىدۇ.»
مەزكۇر قانۇن لايىھىسى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتتا ماركو رۇبىيۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. بۇ ۋەھشىيلىكنى تۈگىتىش ۋە شىنجاڭدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قوللىنىش كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتى ئىشلىرىدا ئالدىن ئويلىشىش ئۈچۈن سۇنۇلغان بۇ قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن».
پېتىر ئېرۋىن ئەپەندى ئەگەر مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئۆتسە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئامېرىكاغا كۆچمەن بولۇش ئىشلىرىنىڭ ئاسانلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەگەر تونۇشتۇرۇلغان قانۇن لايىھەسى ئۆتسە، ئاساسلىقى ئۇيغۇر رايونىدا ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى ‹ئالاھىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ئەھۋالى› قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا كېرىدىغان كىشىلەر بولسا، ئاشۇ رايوندا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلار، زىيانكەشلىك سەۋەبىدىن 30-ئىيۇن 2019-يىلدىن كېيىن قېچىپ چىققانلار، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتا-ئانىسى، جورىلىرى، بالا-چاقىلىرى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن ئۈچىنچى بىر دۆلەتتە مەڭگۈلۈك تۇرۇش رۇخسىتىگە ئىگە بولغانلار بۇنىڭغا كىرمەيدۇ.»
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئېرۋىن ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىگە قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللۇقتىن ئۆتسە، ئامېرىكادىكى ۋە ئامېرىكانىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكاغا كۆچمەن بولۇش ئىشلىرىدىكى تەكشۈرۈشلەر ئاددىيلىشىدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سەرسان بولۇپ يۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلار تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا كېرىپ كۆچمەن بولۇش ئىشلىرىنى بېجىرەلەيدۇ.»
ئامېرىكا يەھۇدىيلار كومىتېتى جاكوب بىلۇستېيىن كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى فېلىس گايىر بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللاشنىڭ ئامېرىكانىڭ قىممەت قارىشى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قائىدىسىنى قوغدىغانلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئاخىرىدا پېتىر ئېرۋىن ئەپەندى فېلىس گايىرنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ تامامەن ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكادىكى تۇرۇشلۇق سالاھىيەت مەسىلىنى ھەل قىلىشقا قىستايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان باشقا دۆلەتلەرگىمۇ دىپلوماتىك بىسىم چۈشۈرۈش ئارقىلىق مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ».
بۇ يىل فېۋرالدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دىنىي زىيانكەشلىكتىن قاچقان مۇساپىرلار توغرىسىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكادىكى تۇرۇشلۇق سالاھىيەت مەسىلىسى ھەققىدىكى بەش تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
بۇ يىل فېۋرالدا سۇپ چىنا تورىدا «ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىش» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە «ئۇيغۇرلارنى قوغداش نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇ ناھايىتى ياخشى سىياسىي ئىستراتېگىيە» دېگەن نۇقتا يورۇتۇپ بېرىلگەنىدى.