ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» قايتا تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ياڭ كىم خانىم 2021-يىلى باش بولۇپ تۈزۈپ چىققان ۋە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) تەرىپىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تونۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» (Uyghur Policy Act) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بۇ قانۇن لايىھەسىنى قايتا تونۇشتۇرغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تىۋىتتېرىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن:

«بۇ ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قوللىشىدىكى قانۇن لايىھەسى ئامېرىكانىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنى قوللىشىنى ئاشۇرىدۇ، شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قولىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.»

بۇ قانۇننىڭ كېڭەش پالاتا نۇسخىسى ماركو رۇبىيو تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاۋام پالاتا نۇسخىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى ياڭ كىم(Young Kim) ۋە ئامى بېرا (Ami Bera ) تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان.

ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى 2022-يىلى دېكابىردا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا بىر قېتىم تونۇشتۇرۇلۇپ ئىنتايىن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان بولسىمۇ، ئەمما يېڭى يىلنىڭ كىرىشى بىلەن رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىش ئۈچۈن ۋاقىت يەتمەي قالغان ئىدى. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دىرېكتورى لۇئىسا گىرىۋنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە بۇ نۆۋەت بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىپ چىقىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز تۈنۈگۈن (20-ئاپرېل) بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ قايتا تونۇشتۇرۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى ياڭ كىم خانىمنى ئىشخانىسىغا بېرىپ زىيارەت قىلدۇق ۋە ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتۇق. ئۇ بىزگە بۇ لايىھەنىڭ بالدۇر تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ ئاۋام پالاتا ۋە كېڭەش پالاتا ھەر ئىككىلىسىدىن ماقۇللىنىپ چىقىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئېيتىپ خاتىرجەم قىلدى».

«ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» (ئۇيغۇر پولىچي ئاچت) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ياڭ كىم(Young Kim) خانىمنىڭ ئىشخانىسىدا خاتىرە سۈرەت. 2023-يىلى ئاپرېل، ۋاشىنگتون.
«ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» (ئۇيغۇر پولىچي ئاچت) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ياڭ كىم(Young Kim) خانىمنىڭ ئىشخانىسىدا خاتىرە سۈرەت. 2023-يىلى ئاپرېل، ۋاشىنگتون.

20-ئاپرېل، پەيشەنبە كۈنى، كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىدا تونۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى» كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ:

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تونۇتۇش پروگراممىلىرىغا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى كىرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئاممىۋى دىپلوماتىيە مۇنبەرلىرىدە سۆزلەشكە شارائىت ھازىرلاش؛ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى تەكشۈرۈشى ۋە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان ئىستراتېگىيە تەلەپ قىلىش؛ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ چەتئەللەردىكى دىپلوماتىك خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشىگە شارائىت يارىتىش، ئامېرىكانىڭ خىتاي، تۈركىيە ۋە باشقا ئۇيغۇر دىئاسپورا نوپۇسى كۆپرەك دۆلەتلەردىكى كونسۇلخانىلىرىدا كەم دېگەندە بىر ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان دىپلوماتىك خادىم اتەقسىم قىلىش؛ ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسىنى ب د ت پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتكە قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەش.

يۇقىرىدىكىلەردىن باشقا يەنە، بۇ قانۇن ئامېرىكانىڭ ئامېرىكا ئىچى ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر دىئاسپوراسىغا بولغان قوللىشىنى ئاشۇرىدۇ، شۇنداقلا يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قولىدا زۇلۇم كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاشقا مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا يېتەكلەيدىكەن.

لۇئىسا گىرىۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىدىكى قانۇن لايىھەسى ئىنتايىن مۇھىم قانۇن بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئەمەلىي رول ئوينايدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇننىڭ قايتا تونۇشتۇرۇلۇشى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ قانۇن تونۇشتۇرۇلغۇچە بولغان ئىككى يىل جەريانىدا ياڭ كىم خانىم بىلەن بۇ قانۇن ئۈستىدە يېقىندىن ھەمكارلاشتى. بۇ قانۇن كىشىگە ئۈمىد بېرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلار ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە».

ماركو رۇبىيو ئەپەندى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان رەسمىي باياناتىدا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنى بۇ قانۇننى قوللاشقا چاقىرىپ مۇنداق دېگەن:

«خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن ئىبارەت يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلماقتا. ئامېرىكا بۇنداق دەھشەتلىك خورلاش ئالدىدا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك. مەن ئۇيغۇرلارغا بولغان تونۇش ۋە تەشۋىقاتنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانۇننى قايتا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن ۋە خىزمەتداشلىرىمنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى تېزدىن ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلىمەن».

ئاۋام پالاتا ئەزاسى ياڭ كىم خانىم ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن:

«ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر پەقەت ئۆزىنىڭ كىملىكى سەۋەبىدىن خىتاي كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى جازا لاگېرلىرىدا سولىنىپ، زۇلۇم كۆرمەكتە، مېڭىسى يۇيۇلماقتا. . . ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى ئامېرىكانى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى ۋە پەرقلىق كىملىكىنى قوللاش ئۈچۈن كېرەكلىك قوراللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دەپسەندىچىلىكىگە قەتئىي قارشى تۇرىمەن ۋە دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكىنى قوللايمەن».

لۇئىسا گىرىۋ خانىم سۆزىدە، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ياڭ كىم ۋە ئامى بېرا لارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ياڭ كىم ۋە ئامى بېرا لارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانى ھېسابلىنىدۇ. بىز ياڭ كىم خانىمنى زىيارەت قىلغاندا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن مىننەتدارلىقىنى ئۇلارغا يەتكۈزدۇق ۋە كىم خانىمغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىمى بولغان سۆسەر تۇماق تەقدىم قىلدۇق».

نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە مەجلىسى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياغلاشتۇرۇش يولىدىكى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان بۇ جەھەتتىكى پائالىيەتلەر كۈچەيمەكتە. ئامېرىكانىڭ ب د ت 'دا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى لىندا توماس گىرىنفىيلد خانىممۇ (Linda Thomas-Greenfield) 20-ئاپرېل كۈنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكەر تۈرك بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن. ئۇ تىۋىتتېرىدا بۇ ھەقتە چىقارغان ئۇچۇرىدا، ئۆزىنىڭ ۋولكەر تۈرك بىلەن ئۇچرىشىپ دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان بىر قاتار كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسلىرى بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى دېگەن.