گېرمانىيە تاراتقۇلىرى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نى «جازا قانۇنى» دەپ ئاتىدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئامېرىكا قوبۇل قىلغان قانۇن گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قىزىق تېما سۈپىتىدە ئورۇن ئالدى.

17-ئىيۇن ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويۇپ، بىر كۈندىن كېيىن گېرمانىيەدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ قانۇن توغرىسىدا ناھايىتى كۆپ ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى ھەمدە مەزكۇر قانۇننى «جازا قانۇنى» دەپ ئاتىدى.

گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ئا ر د 18-ئىيۇندىكى «ئامېرىكا خىتايغا جازا يۈرگۈزدى» ناملىق خەۋىرىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» گە ئىمزا قويۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتىگە بىۋاسىتە ئالاقىدار بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى نىيەت قىلغانلىقىنى شەرھىيلىدى. خەۋەردە ئاز دېگەندە 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ھازىر جازا لاگېرلىرىدا ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىدا مەھبۇس كەبى قامىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىنىڭ كۈچلۈك نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«فرانكفۇرت مەجمۇئە گېزىتى» 18-ئىيۇن ئېلان قىلغان «ترامپ خىتايغا قارشى جازا قانۇنىغا ئىمزا قويدى» ناملىق خەۋىرىدە «پرېزىدېنت ترامپ مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئاز سانلىقلىرىغا زىيانكەشلىك قىلغان خىتايغا قارشى جازا قانۇنىنى ماقۇللىدى. بۇ قانۇن ھۆكۈمەتتىن 180 كۈن ئىچىدە خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشتا جاۋابكارلىقى بولغان خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئېنىقلاپ جازا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ،» دېيىلگەن.

«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» 18-ئىيۇن ئېلان قىلغان «ترامپ جازا قانۇنىنى ماقۇللىدى» ناملىق خەۋىرىدە جازا لاگېرلىرى ئارقىلىق مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن باستۇرۇش ئېلىپ بارغان ھەمدە ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن قىيناۋاتقان چېن چۈەڭو باشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ ئەمەلىي بىر قەدەم باسقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ قانۇنغا خىتاينىڭ قاتتىق قارشى چىققانلىقىنى، ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇنى قىزغىن قوللىغانلىقىنى، «ئىزتىراپ ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى بىر ئۈمىدكە ئىگە بولغانلىقىنى» تەكىتلەپ ئۆتتى.

گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى بۇ خۇسۇستا ئېلان قىلىنغان خەۋەر، ماقالىلەرنىڭ سانى كۆپ. گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇھې شەھىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئۇنتۇلۇش ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بۇ قانۇننىڭ تەستىقلىنىشى بىلەن گېرمانىيەدە بىردىنلا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان.

«دۇنيا» گېزىتى 18-ئىيۇن ئېلان قىلغان «خىتاي جازا قانۇنىغا قارشى چىقىپ ئامېرىكاغا تەھدىت سالدى» ناملىق خەۋىرىدە 17-ئىيۇن ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويۇپ بىر كۈندىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكاغا تەھدىت سالغانلىقى ۋە بۇ قانۇننى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىزاھلىنىپ ئۆتۈلگەن ھەمدە بۇ قانۇن ئىمزالانغان شۇ كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دېپلوماتلىرىدىن ياڭ جيېچىنىڭ ھاۋايدا ئۇچراشقانلىقى، خىتاي تەرەپنىڭ ئامېرىكانىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى بايان قىلغانلىقى ئورۇن ئالغان.

خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە يۇقىرى نازارەت سىستېمىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى، دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئامېرىكانىڭ مەزكۇر قانۇننى ماقۇللىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

«كۈندىلىك گېزىت» 18-ئىيۇن ئېلان قىلغان «خىتاي قاتتىق تەلەپپۇزىدا ئامېرىكانىڭ جازا قانۇنىغا جاۋاب قايتۇردى» ناملىق خەۋىرىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى تەرىپىدىن ئىمزا قويۇلغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» گە قارىتا «ئامېرىكا خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىشى، قانۇن لايىھىسىنى قايتۇرۇۋېلىشى، ئۇنداق بولمىغاندا خىتاينىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن قارشى تۇرىدىغانلىقى، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان بارلىق ئاقىۋەتكە ئامېرىكانىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقى» نى جاكارلىغانلىقى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ قانۇننىڭ تەستىقلىنىشىدىن بەكلا بىئارام بولغانلىقى بايان قىلىنغان.

دەرۋەقە، خىتاي ئاخبارات ساھەسى ئىككى كۈندىن بۇيان مەزكۇر قانۇنغا قارشى ھەر خىل تىللاردا تەشۋىقاتىنى كۈچەيتمەكتە. گېرمانىيەنىڭ ستۇتگارت شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر ھاجىم بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.