«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» لايىھەسى ئامېركا كېڭەش پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كېڭىشىدە يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشتى

0:00 / 0:00

24-ئىيۇن كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» لايىھەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ئاۋازدىن ئۆتكەن. قانۇن لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتا تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدىن ئۆتۈشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە پايدا ئېلىشىنى چەكلەشتىكى مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي بىرلىشىپ تونۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 4-ئايدا ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىدا ماقۇللانغان ئىدى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ تەرەققىياتنى تەبرىكلىدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقوق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقىي ئىشلار مەسئۇلى لۇئىسا گىرىۋ خانىم رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، سېناتور ماركو رۇبىيو ۋە جېف مېركىلىينىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى تەبرىكلىدى.

«بۇ قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتا تاشقىي ئىشلار كومىتېتىدا تونۇشتۇرۇلغان لايىھەلەر ئىچىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلاردىن بولغان ئىككى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەڭ كۆپ قوللىشىغا ئېرىشكەن لايىھە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز جۇمھۇرىيەتچى سېناتور ماركو رۇبىيو ۋە دېموكراتچى سېناتور جېف ماركىيلىينى بۇ ئىشتا تولىمۇ مۇھىم رول رەھبەرلىك رولى ئوينىدى. ئەمدى بۇ لايىھەنى كېڭەش پالاتاسىدا تونۇشتۇرۇپ ئاۋازدىن ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىت كەلدى.»

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدا ھازىر 52 نەپەر ئەزانىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى بۇ يىل 1-ئايدا تونۇشتۇرۇلغاندا، قوللىغۇچى ئەزا سانى 27 نەپەر ئىدى. كېڭەش پالاتاسى 100 نەپەر ئەزادىن تەركىب تاپىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، لۇئىسا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە بۇ قوللاشنى «دەرىجىدىن تاشقىرى» دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

«بۇ ئاجايىپ زور نومور. ئەگەر سىز باشقا تاشقىي ئىشلار قانۇن لايىھەلىرىگە قارىسىڭىز، قوللىغۇچى ئەزالار سانى ئادەتتە جىق بولسا 17-30 ئەتراپىدا بولىدۇ، گاھىدە بىر نەپەر بولىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ. 52 نەپەر دېگەنلىك كېڭەش پالاتانىڭ يېرىمىدىن كۆپى دېگەنلىك ۋە بۇ لايىھەنىڭ كېڭەش پالاتادا ناھايىتى ئاسانلا ياكى ئاپتوماتىك ھالدا ماقۇللىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ دېگەن ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى ئەھۋال. ھازىرقى مەسىلە كېڭەش پالاتانىڭ بۇنى دەرھال ئاۋاز قويۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىدا قالدى. بىز ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنى دەرھال كۈنتەرتىپكە ئېلىشقا چاقىرىمىز.»

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» لايىھەسىنىڭ يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيومۇ ئۆزىنىڭ رەسمىي تور بېـتىدە بايانات ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇنىڭ دەرھال ئاۋازغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ باياناتىدا مۇنداق دېگەن:

«بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىدىن پايدا ئېلىشىنى چەكلەشتىكى مۇھىم بىر قەدەم. بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمالمايمىز. مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان مەھسۇلاتلارنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم قانۇن چىقىرىشىمىز كېرەك. بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئەمدى كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن تېزدىن ماقۇللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

قانۇن لايىھەسىنىڭ يەنە بىر يازغۇچىسى دېموكرات سېناتور جېف مېركلېي بولسا مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئالدىدا سۈكۈت قىلالمايدۇ. بىز ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى ماقۇللاپ، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلىشىمىز ۋە بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى سادىر قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ ھەرىكەتكە ئۆتىشىمىز كېرەك.»

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە كەلگەن ماللارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشكە كۈچلۈك ئەھمىيەت بەرمەكتە. 23-ئىيۇن كۈنى يەنى بۇ قانۇن لايىھەسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىدىن ماقۇللىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسىنىڭ كۆپ كىرىستاللىق كىرىمنېي قاتارلىق ھالقىلىق خام ماتېرىياللىرىنى ئىشلەيدىغان خىتايدىكى خوشىن كرېمنىي سانائەت چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 5 شىركەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن جازا تەدبىرى ئېلان قىلغان ئىدى. كۆپ كرىستاللىق كرىمنېي قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق خام ئەشياسى بولۇپ، خىتايدا ئىشلەپچىرىلغان كۆپ كرىستاللىق كرىمنېي ئومۇمى مەھسۇلاتىنىڭ 90 پىرسەنتى دېگۈدەك ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. ئۇ ئۇيغۇر ئېلى ئىقتىسادىنىڭ پاختىدىن قالسىلا ئەڭ مۇھىم كىرىم مەنبەلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. شۇڭا بۇنى خىتاي ئىقتىسادىغا ئىنتايىن چوڭ زەربە دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» لايىھەسى ئەگەر ماقۇللانسا، ئامېرىكادا ئۇيغۇر رايونىدىن ئىمپورت قىلىنغان ھەرقانداق مال قاچان ئۇ شىركەت ئۆزىنىڭ ماللىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ياسالمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتمىگۈچە ئامېرىكانىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش قانۇنلىرىغا خىلاپ بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. شۇڭا لۇيىسا گىرىۋ خانىم بۇ قانۇننىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور، دەپ تەكىتلىدى.

«بۇ قانۇن ئەگەر ماقۇللانسا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقارغان ماللىرىنى ئامېرىكاغا ئېكىسپورت قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي پىلانلىرىنىڭ تۈۋرۈكلىرىگە ئىنتايىن چوڭ زەربە بولىدۇ. بولۇپمۇ توقۇمىچىلىق، يېزا-ئىگىلىك ۋە پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ساھەلىرىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك ئاساسىدا كەلگەن مەھسۇلاتلارنى قاتتىق چەكلەۋاتىدۇ. بىراق بۇ يەردىكى كونكىرېت پەرق بولسا ھازىر ئامېرىكا تاموژنىسى بۇ چەكلىمىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن رايوندىن كىرگۈزۈلۈۋاتقان ماللارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكىگە دائىر ئېنىق ئسپاتقا تايىنىشى كېرەك بولسا، قانۇندىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىنى مەنبە قىلغان ھەرقانداق مال چەكلىنىدۇ، چېگرادا تۇتۇپ قېلىنىدۇ. شىركەتلەر ئۆز مېلىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالىيلىقىنى ئىسپاتلاشقا مەجبۇر بولىدۇ. يەنە بىر مۇھىم تەرىپى بولسا پەقەت ئامېرىكا شىركەتلىرىلا ئەمەس، ئامېرىكا بازىرىدا سېتىلىۋاتقان ھەرقانداق دۆلەت ماركىسى بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بىلگىنىڭىزدەك ‹ZARA› ئىسپانىيەنىڭ ماركىسى بولسىمۇ، ئامېرىكادا سېتىلىدىغان بولغاچقا بۇ ماركىمۇ چوقۇم ئامېرىكا قانۇنى بويىچە ئىش كۆرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئەنگىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن G7 باشلىقلار يىغىنىدا دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر باشلىقلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇپ، يەر شارىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان بولۇپ. بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىكەن. لۇئىسا گىرىۋ خانىم ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭمۇ ھازىر ياۋروپا، ئەنگىلىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياقلاشتۇرۇش ئۈچۈن يەر شارىۋى تىرىشچانلىق قوزغاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.