ئامېرىكادا ئۇيغۇرلار ھەققىدە تونۇشتۇرۇلغان يېڭى قانۇن لايىھەسى ئامېرىكانىڭ زۇلۇمغا قارشى ئىرادىسىنى نامايەن قىلغان

0:00 / 0:00

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) بىلەن بوب مېنېندېز (Bob Menendez) ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە قاتناشقان ۋە ئۇنى قوللىغان شەخس ھەم ئورگانلارنى جازالاش دائىرىسنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە، يېڭى بىر قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرغان.

كېڭەش پالاتا ئەزالىرى نۆۋەتتە مەۋجۇت بولغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» بويىچە گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا ۋە ئۇلارنى مەجبۇرىي قۇل ئەمگىكىگە سېلىشقا چېتىلغان شەخسلەر جازالانسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ داۋاملىق ھالدا ئامېرىكانىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىغا كىرەلەيدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ يوچۇقنى ئېتىش مەقسىتىدە، بۇ يېڭى قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان ئىكەن.

سېناتور ماركو رۇبىيونىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا، «قۇل ئەمگىكىنى قوللىغۇچىلارنى جازالاش قانۇنى» (Sanctioning Supporters of Slave Labor Act) دەپ ئاتالغان بۇ قانۇن لايىھەسىدە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان زۇلۇمغا چېتىلغانلارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىدىكەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى پىتىر ئىرۋىن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر يوچۇقنى ئېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇن لايىھەسى ھازىرقى مەۋجۇت جازا تەدبىرلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. چۈنكى ھازىرقى مەۋجۇت جازا تەدبىرلىرى شەخسلەر ۋە ئورگانلارنىڭ خىتايدىكى ‹يەر شارى ماگنىتسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى› ئارقىلىق جازالانغان ئورۇن ۋە شەخسلەر بىلەن داۋاملىق تۈردە تىجارەت قىلىشى ۋە ئۇلارغا مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەشكە يەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار نورمال ئالاقىسىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. مەسىلە دەل مانا مۇشۇ يەردە. شۇڭا بۇ قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق مەزكۇر يوچۇقنى ئەتكىلى بولىدۇ. بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللانسا، جازالانغان ئورۇن ۋە شەخسلەر بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان، ئۇلارغا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ۋەھشىيلىكنى قوللاۋاتقان چەت ئەللىك شەخسلەر ۋە ئورۇنلارنىمۇ جازالىغىلى بولىدۇ. شۇڭا بىر ھېسابتا بۇ قانۇن ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى› نى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتا نۇسخىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم بانكىس تەرىپىدىن بىرلا ۋاقىتتا تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ تېز ئارىدا قانۇنغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، زۇلۇم قىلغۇچىلار ۋە پايدا-مەنپەئەتتىن ۋاز كېچەلمەي زۇلۇمغا شېرىك بولۇۋاتقانلارنى جازالايدىغان بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قەتئىي مەيدانىنى نامايەن قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دەرۋەقە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ تونۇشتۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان سېناتور ماركو رۇبىيو ئەپەندى دۆلەت مەجلىسىدىكى تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان باستۇرۇشىنىڭ قورقۇنچلۇق تەپسىلاتلىرى ئىنتايىن تولۇق ئىسپاتلانغان. بۇ جىنايەتلەردە پەقەت بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بولغانلارنى جازالاشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىمۇ ئوخشاشلا جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك. بۇ رەزىل قىلمىشلارغا يول قويغان ھەرقانداق شەخسنىڭ ئامېرىكانىڭ پۇل-مۇئامىلە بازىرىدىن نەپ ئېلىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك.»

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ تونۇشتۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى بوب مېنېندېز مۇنداق دېگەن: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي ئاز سانلىق مىللەتلەرگە پەسكەشلەرچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنىڭ يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىنى بۇزۇۋاتقانلىقىدا شۈبھە يوق. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى› (Uyghur Human Rights Policy Act) دا بەلگىلەنگەن جازالار ۋە بۇ قانۇن بەرگەن ھوقۇققا ئاساسەن ئىش كۆرۈشى، ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە شېرىكلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشى كېرەك.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى پىتىر ئىرۋىننىڭ قارىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىشتىكى نىيىتىنىڭ قەتئىيلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە، بۇ ئۇلارنىڭ مەقسىتىنىڭ پەقەتلا قانۇنلارنى چىقىرىپ قويۇپ قاراپ ئولتۇرۇش ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىلگىنىمىزدەك، ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئائىت ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى› ۋە ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› بار. ئەمدى بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ھەقىقىي مەنىدە قارشى تۇرۇش، ئۇنىڭغا چىن مەنادا زەربە بېرىشتەك ئارزۇسىنى نامايەن قىلىدۇ، دەپ قارايمەن. گەرچە بىر قانچە ئايدىن بۇيان كۈنتەرتىپتىكى ھەرخىل مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن قارىماققا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى دىققەتتىن چۈشۈپ قالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما دۆلەت مەجلىسى يەنىلا ئۇيغۇرلار مەسىلىسنى كۈچلۈك قوللاۋاتىدۇ. بۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.»

كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ماركو رۇبىيو ۋە بوب مېنېندېز «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نىڭمۇ ئوتتۇرىغا قويغۇچىلىرى بولۇپ، بۇ قانۇن ئۇيغۇرلارغا ئائىت تۇنجى ماقۇللانغان قانۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، يۇقىرىقى بۇ ئىككى كېڭەش پالاتا ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان مەجلىس ئەزالارنىڭ ئۇيغۇر كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتقان.