خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئېغىر باستۇرۇشلىرىغا قارشى خەلقئارالىق ئاۋازلار بارغانسېرى يۈكسەلمەكتە. 7-دىكابىر كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم، بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىدىغان بىر قاتار قانۇن لايىھەلىرى ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.
باياناتتا ئاۋام پالاتاسى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى سادىر قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك 1155-نومۇرلۇق «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇلارغا قاراتمىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەش ھەققىدىكى قارار لايىھەسى ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ئەيبلىگەنلىكى ھەققىدىكى قارار لايىھەسىدىن ئىبارەت بىر قانۇن لايىھەسى ۋە ئىككى قارار لايىھەسىنى ماقۇللاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

8-دىكابىر كۈنى نەنسىي پېلوسى خانىم مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن بۇ يەردە بولۇۋاتقان ئىشلاردىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. ئاۋام پالاتاسى يەنە ئۆزىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ بىر قاتار قانۇن لايىھەلەر ئارقىلىق بېيجىڭغا ئېنىق سىگنال بەردى. بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتمىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايىتى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ھىسابلىنىدۇ. بۇ چوقۇم دەرھال ئاخىرلىشىشى كېرەك. مەن ھەر دائىم دەيمەن، ئەگەر بىز ئامېرىكانىڭ سودا مەنپەئەتى سەۋەبىدىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى تىلغا ئالمىساق ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمىساق، بىز دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر يېرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە سۆزلەيدىغان ئەخلاقىي سالاھىيىتىمىزنى يوقتىپ قويىمىز. بۇ ھەپتە ب د ت نىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى› ۋە ‹كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى› ئىمزالانغانلىقىغا 73 يىل بولدى. خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگىنىگە 20 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بۇ ھەپتە پرېزىدېنت بايدىن رەھبەرلىكىدە دېموكراتىيە بويىچە دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلىدۇ. بۇ يىغىن نەق ۋاقتىدا ئېچىلغان بىر يىغىن بولدى. شۇڭا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. پرېزىدېنت دائىم: ‹بىز دائىم دېموكراتىيە بىلەن مۇستەبىتلىكنىڭ ئارىسىدا سىناققا دۇچ كېلىمىز، › دەيدۇ. مەن پرېزىدېنتنىڭ بۇ ھەپتە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلغانلىقنى تەبىرىكلەيمەن!»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز تەنھەرىكەتچىلەرنى قوللايمىز. لېكىن خەلقئارالىق ئولىمپىك كومىتىتىنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ئۆتكۈزۈۋاتقان دۆلەتكە ھېچ ئىش بولمىغاندەك مۇئامىلە قىلىشنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. بىز ئۆتكەن ھەپتىدىكى يىغىنىمىزدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاپ، ئېغىر قىين-قىستاققا ئېلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق ناھايىتى ئېغىر ۋەھشىيلىكلەرنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مىكگوۋېرن قاتارلىقلار سۇنغان ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى› ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى پۈتۈنلەي چەكلەيدۇ. بۇ قانۇن لايىھەسى بىزنىڭ ئىشچىلىرىمىزنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئىشچىلار بىلەن رىقابەتلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مەن پارلامېنتتا سۇنۇلىدىغان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ھەققىدىكى باشقا قارار لايىھەلىرىنىمۇ قوللايمەن. باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، ئەگەر بىز سودا مەنپەئەتى سەۋەبىدىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى تىلغا ئالمىساق، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە سۆزلەيدىغان بارلىق سالاھىيىتىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز.»
بۈگۈن، يەنى 8-دېكابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» مۇتلەق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ 428 نەپەر ئەزاسىنىڭ بىردەك قوللاپ بېلەت تاشلىشى، پەقەت بىر نەپىرىنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەستىقلاندى.
ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ 2020-يىلى 13-مارت كۈنىدىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بەزى داڭلىق ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئوز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىشكە بىۋاستە چېتىشلىق ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا سۇنۇلغان. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مىكگوۋېرن بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىيو تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئەگەر «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» ئوڭۇشلۇق مەقۇللۇقتىن ئۆتسە، ھەرقانداق مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى چەكلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە سارىيى فوندىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنىزمۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» ۋە باشقا ئىككى قارار لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللانغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ بۇ قارارلىرى باشقا دىموكراتىك دۆلەتلەرنىڭمۇ ئامېرىكانى ئۈلگە قىلىپ، شەرقى تۈركىتاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش ئۈچۈن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قارارلانى ئېلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.»
بايدېن ھۆكۈمىتى 6-دېكابىر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» سەۋەبلىك بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان كېيىن، ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيە، يىڭى زېلاندىيە، لىتىۋا ۋە كانادامۇ بۇ سەپكە قېتىلىپ، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.