«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئاخىرىقى لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىدىن ئۆتتى

0:00 / 0:00

14-دېكابىر كۈنى سەيشەنبە كەچتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەيدىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» لايىھەسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاخىرقى نۇسخاسى تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇسخاسى بۇ يىل 7-ئايدا كېڭەش پالاتاسىدىن تولۇق ئاۋاز بىلەن ئۆتكەن ئىدى. ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم ماكگوۋېرن تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان ئاۋام پالاتا نۇسخاسى ئالدىنقى ھەپتە ئاۋام پالاتادا 1 گە قارشى 428 ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان ئىدى.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو(Marco Rubio) ئەپەندى ئوڭدا ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم ماكگوۋېرن(Jim McGovern) ئەپەندى. 2021-يىلى 14-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو(Marco Rubio) ئەپەندى ئوڭدا ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم ماكگوۋېرن(Jim McGovern) ئەپەندى. 2021-يىلى 14-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون.

14-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى ماركو رۇبىيو ۋە جىم ماكگوۋېرن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئورتاق نۇسخاسىدا مۇرەسسەلىشىپ كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى.

شۇ كۈنى جىم ماكگوۋېرن ئەپەندى بۇ خوش خەۋەرنى تىۋىتتېردىكى رەسمىي ھېسابى ئارقىلىق ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاخىرىقى ئورتاق نۇسخاسىنىڭ شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا ئاۋام پالاتادا ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم شۇ كۈنى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى پۈتكۈل دۇنيانىڭ ۋىجدانىغا قىلىنغان بىر خىرىس بولۇپ، ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ۋە جىددىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. . . بىز نۆۋەتتە ئاۋام پالاتاسى بىلەن كېڭەش پاتالاسىنىڭ بۇ خىرىسنىڭ تەخىرسىزلىكى ۋە ئېغىرلىقىغا ماس كېلىدىغان بىرلىككە كەلگەن كېلىشىمىنى ئاۋازغا قويۇدىغانلىقىمىزدىن خۇشالمىز.»

نەنسىي پېلوسى خانىم يەنە يەنە مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى داۋاملىق ئەيىبلەيدۇ، ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ ھەمدە ئۇنى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا سودا مەنپەئەتىنى دەپ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەنچىلىكىنى تىلغا ئالمىسا، بىز دۇنيانىڭ باشقا ھەرقانداق بىر يېرىدە كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سۆز قىلىشتىكى ئەخلاقىي ۋە ۋىجدانى بۇرچىمىزنى يوقىتىمىز.»

نەنسى پېلوسى خانىم سۆزىدە يەنە ئاۋام پالاتاسىنىڭ چاقماق تېزلىكىدە بۇ قانۇن لايىھەسىنى كېڭەش پالاتاسىغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى ۋە ئارقىدىنلا پرېزىدېنت بايدېننىڭ ئىمزا قويۇشىغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر بىرلىككە كەلگەن قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىدىن 14-دېكابىر كۈنى كېچىدە تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغاندىن كېيىن، زور تەسىر قوزغىدى. بارلىق چوڭ ئاخباراتلار بىردەك مەزكۇر ۋەقەنى خەۋەر قىلدى. چۈنكى بۇ قانۇن ئىشقا كىرىشسە، ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەيدىكەن. شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك پاكىتلارغا ئېرىشمىگىچە قانۇنىي چەكلىمىنى بىكار قىلمايدىكەن. بۇ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىۋاتقان نۇرغۇن مەھسۇلاتلارغا چېتىلىدىغان بولۇپ، قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى باتارىيەسىنىڭ خام ماتېرىيالى بولغان كىرىستاللىق كىرىمنىي ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئەينى چاغدا ئامېرىكادىكى ئالما، كوكا-كولا ۋە نايكى قاتارلىق چوڭ شىركەتلەرنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە قارشى دۆلەت مەجلىسىدە لوبىيچىلىق قىلغانلىقىمۇ ئاشكارىلانغان.

سېناتور ماركو رۇبىيو تۆنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «ئىككى يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا شىركەتلىرى-چوڭ شىركەتلەر مېنىڭ خىتايدىكى قۇل ئەمگىكىگە زەربە بېرىدىغان قانۇن لايىھەمگە قارشى ھەرىكەت قىلدى. بىز بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتايغا بەك تايىنىپ قالدۇق. شۇڭا بىز ئايىغىمىزنى، قۇياش ئېنېرگىيە باتارېيەمىزنى ۋە باشقا نۇرغۇن مەھسۇلھتلارنىڭ قۇل ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقانلىقىغا كۆز يۇمدۇق. ئەمما بۈگۈن بۇ ۋەزىيەت ئۆزگەردى. بىر نەچچە ئايلىق خىزمەت ۋە مۇرەسسەلەردىن كېيىن، ئاخىرى مەن سۇنغان ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى لايىھەسى› رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.»

سېناتور ماركو رۇبىيو سۆزىدە يەنە پرېزىدېنت بايدېننىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىگە دەرھال ئىمزا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، يەنە «ئەمدى بىزنىڭ خىتايغا بولغان ئىقتىسادىي ‹خۇمارىمىز› نى ئاخىرلاشتۇرىدىغان پەيت كەلدى، بۇ قۇل ئەمگىكىگە زەربە بېرىشتىن باشلىنىشى كېرەك،» دېگەن.

شۇ كۈنى يەنە ئاۋام پاتالا ئەزاسى جىم ماكگورۋىنمۇ سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن بۇ ئورتاق لايىھەنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتا رول ئوينىغان بارلىق ئەزالارغا ۋە نەنسى پېلوسى خانىمغا رەھمەت ئېيتقان. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «مەجبۇرىي ئەمگەك دېگەن ئىنتايىن ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدۇر. مەجبۇرىي ئەمگەك ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى ئامېرىكا قانۇنىغا خىلاپ. بىز بۇ قانۇن لايىھەسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويدۇق. چۈنكى مەجبۇرىي ئەمگەك بۇ جىنايەتلەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ كەلمەكتە. بىز چوقۇم بۇ قانۇن لايىھەسىنى دەرھال قانۇنلاشتۇرۇپ، ئامېرىكالىقلارنىڭ كىيىۋاتقان كىيىمى، يېمەك-ئىچمەكلىرى ۋە ئىشلىتىۋاتقان تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتاي يولغا قويۇۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ياسالمىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.»

جىم ماكگوۋېرن ئەپەندى بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن نۇسخاسىنىڭ ئىلگىرىكى نۇسخىلىرىدىنمۇ بەك كۈچلۈك ۋە قاتتىقلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىشتا ئۈنۈملۈك رولى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېگەن:

«ھەممىمىز كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ئورنىمىزدىن دەس تۇرايلى. ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلىنىۋاتقان جىنايەتكە قارشى تۇرايلى، ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى لايىھەسى› نى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پرېزىدېنت بايدېننىڭ ئۈستىلىگە قويايلى!»

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئاخىرىقى باسقۇچتا كېڭەش پالاتاسىدىن ئۆتكەندىن كېيىنلا پرېزىدېنت بايدېننىڭ قول قويۇشىغا ئەۋەتىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر بۇ لايىھەنىڭ ئىنتايىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، پرېزىدېنت بايدېننىڭ ئىمزا قويۇشى ئۈچۈن ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. پرېزىدېنت بايدېننىڭ بۇنىڭغا ئىمزا قويۇپ، ئۇنى قانۇنلاشتۇرۇدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن. تۆنۈگۈن، يەنى 14-دېكابىر كۈنى ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتى بۇ مۆلچەرنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىنى يەنىمۇ قۇۋۋەتلەندۈرگەن. جېن پساكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن:

«پرېزىدېنت دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىككى پارتىيە ئەزالىرى سۇنغان ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى› توغرىسىدىكى كېلىشىمنى قارشى ئالىدۇ. بىز دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ۋە شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش ئۈچۈن قىلغان ھەرىكەتلىرى ۋە قىلماقچى بولغانلىرىغا قوشۇلىمىز. ھۆكۈمىتىمىزمۇ ئالىقاچان ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش، ‹يەر شارى ماگنىتسكىي قانۇنى› ۋە باشقا مالىيە جازالىرىنى قويۇش، ئېكسپورتنى كونترول قىلىش، ئىمپورت چەكلىمىسى ۋە سودا تەۋسىيەسى ئېلان قىلىش قاتارلىق كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللانغان. پرېزىدېنتىمىز يەنە ‹G7› دۆلەتلىرى يىغىنىدىمۇ، يەر شارىدىكى بارلىق تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالىي بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. ھۆكۈمىتىمىز بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئىشقا كىرىشىشىدىمۇ دۆلەت مەجلىسى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.»

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاخىرىقى نۇسخاسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدىن تېز سۈرئەتتە ئۆتكۈزۈلۈشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە زەربە بېرىشتىكى بۆسۈش خاراكتىرلىق قەدەملەرنىڭ بىرى بولغان. بۇ ھەر ساھەنىڭ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزىيى قاتارلىقلار ۋە ئامېرىكا دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىسسارىي نۇرىي تۈركەل ھەمدە ئامېرىكانىڭ سابىق دىنىي ئىشلار ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك قاتارلىقلار ئاۋام پالاتاسىنى تەبرىكلىگەن. ئۇلار دەرھال بۇ لايىھەنى كېڭەش پالاتاسىدىن تېزلىكتە ئۆتكۈزۈپ، پرېزىدېنت بايدېنغا ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان.