«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك جازالارنى تەكشۈرۈش قانۇنى» نىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى
2022.12.19
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئاۋغۇست پفلۇگېر (August Pfluger) ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر يېڭى قانۇن لايىھىسىنى تونۇشتۇردى.
15-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ قانۇن لايىھەسىگە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك جازالارنى تەكشۈرۈش قانۇنى» ( Uyghur Human Rights Sanctions Review Act) دەپ نام بېرىلگەن. كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونىڭ ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىن قارىغاندا، بۇ قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا ھەرىكەت قىلىدىغان ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا رول ئالغان Hikvision، داخۇا، تيەندى ۋە BGI قاتارلىق خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىگە جازا تەدبىرى قويغىلى بولىدىكەن.
ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشتە خىتاي ھاكىمىيىتىنى تېخنىكا ئاساسى بىلەن تەمىنلىگەن يۇقىرىدىكى يىرگىنچلىك خىتاي شىركەتلىرىنى جازالاشتىكى تۇنجى ئەمەلىي قەدەملىكىنى بىلدۈردى. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
دۇنيادىكى نازارەت كامېرا سىستېمىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان «IPVM» تەتقىقات شىركىتى 2021-يىلى 1-ئايدا، خىتاينىڭ «Hikvision»، «Dahua» قاتارلىق چوڭ تېخنىكا شىركەتلىرى بازارغا سالغان كامېرالارنىڭ ئۇيغۇرلارنى بايقاش، ئىز قوغلاش ۋە نازارەت قىلىش ئىقتىدارى بارلىقىنى، بۇ شىركەتلەرنىڭ ھەتتا كامېرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بايقاش ئىقتىدارىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى تىزىمغا ئالدۇرغانلىقىنى ئاشكارىلاپ زور غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. ئۇلار يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان كامېرالارنىڭمۇ يۇقىرىدىكى شىركەتلەرگە تەۋەلىكىنى ئېنىقلىغان. نەتىجىدە بۇ شىركەتلەرنىڭ 2017-يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدا باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىدە ئىنتايىن ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقى ئاشكارىلانغان.
بۇ يىل 6-ئايدا يەنە، «IPVM» تەتقىقات شىركىتى خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى سانلىق مەلۇماتلارنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ھەتتا «Hikvision» شىركىتى كامېرالىرىنىڭ تارتقان كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ، مەلۇم بىر ئۇيغۇر ئەرنىڭ «چەتئەلگە باغلانغان» دەپ تۇتۇلۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان كامېرانىڭ نومۇرىنى ئېنىقلاپ چىققانىدى.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىرىلغان بۇ قانۇن لايىھەسى ھەققىدىكى باياناتتا بۇ تېخنىكا شىركەتلىرى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن:
«خىتاي كومپارتىيەسى باشقۇرۇشىدىكى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تېخنىكا بىلەن تەمىنلىدى. بىز بۇ قانۇن ئارقىلىق ئامېرىكا مالىيە مىنسىتىرلىقىنىڭ دەرھال بۇ شىركەتلەرگە جازا تەدبىرى چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىمىز».
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دىرېكتورى لۇئىسا گىرىۋنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ قانۇن لايىھەسى ئەمدى بۇنداق شىركەتلەر بىلەن نورمال ئالاقە قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە شىركەتلىرىگە بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ قانۇن لايىھەسىنى قارشى ئالىدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ياردەم قىلىۋاتقان بۇنداق شىركەتلەر بىلەن نورمال تىجارەتنى توختىتىدىغان ۋاقىت ئاللىقاچان كېلىپ ئۆتۈپ كەتتى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىشىنى تەلەپ قىلىپ يوللانغان كۈچلۈك سىگنالدۇر».
لۇئىسا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر بۇ قانۇن ماقۇللىنىپ ئىشقا كىرىشكەن تەقدىردە ئۇ بارلىق خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشنىڭ چىڭىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بۇ قانۇن لايىھەسى رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان تەقدىردە ئۇ پەقەت يۇقىرىدىكى 5 خىتاي پەن-تېخنىكا شىركىتىگىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق خىتاي شىركەتلىرى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ. مەنچە ھېچقانداق ئامېرىكا شىركىتى بۇنداق ئىنسانىيلىقتىن چىقىپ كەتكەن ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانسىزلىغان ئازاب-ئوقۇبىتى ۋە ھەتتا ئۆلۈمىگە يول ئېچىپ بېرىۋاتقان شىركەتلەرنى يۇقىرى تېخنىكا ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىمەسلىكى كېرەك».
ئەلفىدار ئىلتەبىر ئەگەر بۇ قانۇن ئىشقا كىرىشىپ خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرى جازالانغان تەقدىردە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىۋاتقان شىركەتلەرنى توختاتقىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق خىتاي شىركەتلىرىگە ئىقتىسادىي بېسىم پەيدا قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەلفىدار ئىلتەبىر يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان ھەرقانداق شىركەتلەرنىڭ جازالىنىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو 15-دېكابىر كۈنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك جازالارنى تەكشۈرۈش قانۇنى» ( Uyghur Human Rights Sanctions Review Act) نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا «ئامېرىكا بايدىن ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قاتناشقان شىركەتلەرگە دەرھال تەدبىر قوللىنىش» قا چاقىرغان بولسا، ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئاۋغۇست پفلۇگېر «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەر تۈرلۈك باستۇرۇشلىرىغا ياردەم قىلىۋاتقان بۇنداق تېخنىكا شىركەتلىرى جازاسىز قالماسلىقى كېرەك» دەپ ئەسكەرتكەن.