«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» رەسمى قانۇنغا ئايلاندى

0:00 / 0:00

ئاقساراينىڭ 23-دېكابىر ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن 23-دېكابىر كۈنى «ئ‍ۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويغان. شۇنىڭ بىلەن 16-دېكابىر پرېزىدېنت بايدېننىڭ ئىمزا قويۇشى ئ‍ۈچۈن ئاقسارايغا يوللانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەزكۇر قانۇن لايىھەسى 23-دىكابىر كۈنى رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان.

ئاقساراينىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «2021-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى پرېزىدېنت خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغان ۋە شۇنداقلا رايوندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتە مەسئۇلىيىتى بار چەتئەللىك ئەمەلدارلارنى جازالايدىغان 6256-نومۇرلۇق قانۇننى ئىمزالىدى.»

باياناتتا يەنە مەزكۇر قانۇننىڭ روياپقا چىقىشىدا رول ئوينىغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم، كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى شۇمىر، ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن مەكگاۋرن ۋە كىرىستوفېر سىمىس، كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن جېف مېركلېي ۋە ماركو رۇبىيونىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىلغان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن تۋېتتېردا «ئ‍ۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويغانلىقىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن ئېلان قىلغان: «مەن بۈگۈن ئىككى پارتىيە ئورتاق قوللىغان ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى› گە ئىمزا قويدۇم. ئامېرىكا تەمىنلەش زەنجىرىدىكى شىنجاڭ ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىن كەلگەن مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قولىمىزدىكى بارلىق ۋاستىلەرنى ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم ئۆزىنىڭ تۋېتتېر سۇپىسىدا يازما ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ «‹ئ‍ۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› غا ئىمزا قويۇپ، ئۇنى رەسمىي قانۇنغا ئايلاندۇرۇشى، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللانغان كۈچلۈك تەدبىردۇر» دېگەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دۇنيانىڭ ۋىجدانىغا قىلىنغان بىر خىرىس. شۇڭلاشقا ئاۋام پالاتاسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلەتكەنلىكىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن ئىككى قېتىم قانۇن ماقۇللىدى.»

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن پىرېزىدېنت بايدېن مەزكۇر قانۇنغا ئىمزا قويغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تۋېتتېر سۇپىسىدا مۇنداق دەپ يازغان: «مەن بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرى، لاگېرلارغا سولانغانلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئادۋوكاتلار بىلەن كۆرۈشكەندە، بۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ۋەدە بەرگەن ئىدىم. بۈگۈن پرېزىدېنت ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› غا ئىمزا قويۇپ، بىزنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش ئىرادىمىزنى ئىپادىلىدى.»

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىمۇ ئۆزىنىڭ تۋېتتېر سۇپىسىدا پىرېزىدېنت بايدېننىڭ مەزكۇر قانۇنغا ئىمزا قويغانلىقىنى تەبرىكلىگەن. ئۇلار يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «بىز ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىزنىڭ ئەخلاقىي پوزىتسىيەمىزنى ئىپادىلەيدىغان شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىشلىق قانۇننىڭ تولۇق يولغا قويۇلىشىدا ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيومۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «بۇ ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇللۇق ئەمگىكىگە جاۋابكار بولۇشى ئۈچۈن قوللانغان ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ھەرىكەتتۇر. بۇ بىزنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى تۈپتىن ئۆزگەرتىدۇ. بۇ قانۇن يەنە ئامېرىكالىقلارنىڭ بىلىپ-بىلمەيلا خىتايدا قۇللۇق ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. مەن بايدېن ھۆكۈمىتى ۋە خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە بۇ يېڭى قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە توغرا ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمەتلىرىدە ھەمكارلىشىشىنى خالايمەن.»

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ قەدەم باسقۇچىلىرى ئىككى خىل يۆنىلىشتە بولىدۇ. بىرى، شىركەتلەر ئۆزىنىڭ سىستېمىسىدىكى مەزكۇر قانۇنغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان نۇقتىلىرىنى تۈزىتىشى كېرەك. ئىككىنچىسى، شىركەتلەر خىتايدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولمىغان مەھسۇلاتلارنى ئەكەلدۈرۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن رۇخسەت ئالىدۇ.»

نۇرى تۈركەل ئەپەندى يەنە بەزى شىركەتلەرنىڭ ئەتكەس يوللار بىلەن ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكا بازىرىغا كېرگۈزۈش ئېھتىماللىقى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا قوللىنىلىدىغان تەدبىرلەرنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئامېرىكانىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىمۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ «ئ‍ۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويۇپ، ئۇنى رەسمىي قانۇبنغا ئايلاندۇرغانلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ رەسمىي ئىجتىمائىى ئالاقە سۇپىلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلغان.

«ئ‍ۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ رەسمي قانۇنغا ئايلانغانلىقى ئېلان قېلىنغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ئالغان بۇ تەدبىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. ئۇلار يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىتىش ئارقىلىق، باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىمۇ ئامېرىكاغا ئوخشاش ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشىقا چاقىرىق قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تور سۇپىلىرىدا مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «‹ئ‍ۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى› نىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشى تارىخى بىر ھادىسە بولدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار بۇ قانۇننى قىزغىن قارشى ئالىمىز. دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئامېرىكانى ئۈلگە قىلىپ، مۇشۇنىڭغا ئۇخشاش ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنلىرىنى ۋە باشقا ئۇيغۇرلارنى قوغدايدىغان قانۇنلارنى چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تەشكىلاتلىرىمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلانغانلىقىنى تەبرىكلەشكەن.

ئاخىرىدا نۇرى تۈركەل ئەپەندى يەنە مەزكۇر قانۇننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

كۆزەتكۈچىلەر، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە زەربە بېرىشتىكى بۆسۈش خاراكتىرلىق ئەمەلىي قەدەملەرنىڭ بىرى، دەپ قارىماقتا. مەزكۇر قانۇن چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى ۋە بارلىق ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.