24-ئىيۇل ۋاشىنگتوندىكى «درىكسىن» كېڭەش پالاتاسى خىزمەت بىناسىدا «خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك: ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىۋاتقان تەقىب تېخنىكىسىنى باھالاش» تېمىسىدا بىر يىغىن ئېچىلغان. مەزكۇر يىغىن ئامېرىكا كېڭەش پاتالاسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تەرىپىدىن ئېچىلغان بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمىدا مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسلىرىدىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان كرىس كونس ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان سوم تىللس سۆز قىلغان.
مەزكۇر يىغىنغا يەنە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات، ئامېرىكادىكى خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورىنىڭ ياردەمچىسى تىنا ميۇفورد، ئامېرىكادىكى ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى سارا كۇك قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلغان.
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلغان ئۆمەر قانات ئەپەندى 25-ئىيۇل رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن كرىس كونس «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويۇپ بولغان ئىكەن. مەزكۇر قانۇنغا تېخى ئىمزا قويمىغان جۇمھۇرىيەتچى سوم تىللس مەزكۇر يىغىندا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ تەستىقلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە بۇ لايىھەگە ئىمزا قويغان.
يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلارنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويدۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئوپتىك ئىنژېنېرى، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ يېقىنقى تەرەققىياتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئۇيغۇر دىيارىدا 800 مىڭدىن ئۈچ مىليونغا قەدەر ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇرلارنى قوغداش مەقسىتىدە ئىككى قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان ئىدى. بۇلارنىڭ بىرى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» بولۇپ، بۇ لايىھە 2018-يىلى نويابىردا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت قاتارلىق 25 نەپەر سېناتور تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان. بۇلارنىڭ يەنە بىرى «ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسى» بولۇپ، مەزكۇر لايىھە 2018-يىلى دېكابىردا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاسىيا تارماق كومىتېتىنىڭ رەئىسى تەد يوھۇ ۋە ھەيئەت ئەزاسى برەد شېرمان قاتارلىق سەككىز نەپەر دۆلەت مەجلىسى ئەزاسىنىڭ بىرلىكتە ئىمزا قويۇشى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆزى داۋامىدا مۇشۇ ئىككى قانۇن لايىھەسى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ ئىككى قانۇننى بىرلەشتۈرۈپ تېخىمۇ كۈچلۈك بىر قانۇن لايىھەسى تۈزۈپ چىقىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ كېڭەش پالاتاسىدىن ماقۇللۇقتىن ئۆتۈش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. ئەمما نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ تەتىل ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالغاچقا، مۇشۇنىڭدىن بۇرۇن بارلىق كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇپ بولۇشى بۇنىڭ تەستىقلىنىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.
0:00 / 0:00