خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پىلانلىق ۋە تۈرلۈك ناملاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مەھەللىرىنى ھەتتا شەھەر بازارلىرى بويىچە چېقىپ تۈزەش قۇرۇلۇشلىرى داۋام قىلماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تارقىتىدىغان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ، 11-فېۋرال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلەپ خەۋەر تارقىتىشىچە، دائىرىلەر بۇ يىل ئىچىدە يەنى 2025-يىلىدا رايوندىكى شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن يولغا قويماقچى بولۇپ، شەھەر-بازارلاردىكى 258 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىدىكەن. خەۋەردىن بۇ قۇرۇلۇشنىڭ 76 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنى قاپلايدىغانلىقى مەلۇم.
خەۋەردىن يەنە «كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش» نامىدىكى قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسلىق ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلارنى نىشانلاپ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى مەلۇم بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 118 ئولتۇراق رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خەۋەردە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تۇرالغۇ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بەي لىننىڭ سۆزى نەقىل قىلىنغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 2025-يىل ئىچىدە ئۆزگەرتىش پىلانلانغان شەھەر بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىش كۈچەيتىلىدىكەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2019-يىلىدىن 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەھەر-بازارلاردىكى ئۆزگەرتىلگەن كونا ئولتۇراق رايوننى جەمئىي 6888 كە يەتكۈزگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، دائىرىلەر ئاتالمىش «كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش» نى «خەلققە بەخت يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى» دەپ ئاتىۋالغان بولۇپ: «ھازىرغىچە 1 مىليون 166 مىڭ 700 ئاھالىگە نەپ يەتكۈزۈلۈپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ئۈنۈملۈك ياخشىلاندى، ئاھالىلەرنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ئۈزلۈكسىز ئۆستى» دەپ ماختالغان. ئەمما ئۇلار بۇ يىل ئۆزگەرتىلىدىغان بۇ 258 كونا ئولتۇراق رايوننىڭ قانداق شەرتلەرگە ئاساسەن «كونا» دەپ چېقىپ تۈزەش تىزىمىگە كىرىدىغانلىقى ۋە ياكى بۇ ئورۇنلارنىڭ كونكرېت تىزىمىنى ئېلان قىلمىغان.
بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەھەر قۇرۇلۇشى، پىلان كومىتېتلىرىغا قىلغان تېلېفونلىرىمىز ئېلىنمىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى تورىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2024-يىلى، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلى بويىچە 200 مىڭ ئائىلىنى قاپلىغان 1000 غا يېقىن كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغان.
2023-يىلى، 1115 كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتكەن، قاپلاش دائىرىسى 219 مىڭ 100 ئائىلىگە يەتكەن ئىكەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنغاندەك، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كونا مەھەللىلەرنى تۈزەش نامىدىكى چېقىپ تۈزەش ھەرىكىتى 2019-يىلىدا پىلانلىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ ۋاقىت دەل خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى» ئېڭىنى كۈچەپ تەرغىب قىلغان ۋە بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ئىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت ئىزلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ نامى، كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ھەر تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرى كۈچەيتىلگەنىدى. شۇنداقلا ۋەيران قىلىنغان ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ۋە تارىخ-مەدەنىيەت ئىزنالىرى ئورنىغا خىتايچە ئۇسلۇبتىكى رەستىلەر، خىتايچە خەتلەر يېزىلغان «خىتايدىكى كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلمىسى» دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان ساياھەت ئورۇنلىرى، خىتاي مەھەللىرى قۇرۇلۇشقا باشلىغانىدى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى قەدىمى مەھەللىرىنى چېقىپ يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يوق قىلىشى-2019يىلىدىن باشلاپ كۈچەيتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغاندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كونا مەھەللە ۋە بازار-رەستىلىرىنى چېقىپ-ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتى تۈرتكىسىدە يەنىمۇ كۆلەملەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كونا مەھەللىلەرنىڭ، شەھەر بازارلارنىڭ چېقىپ تاشلىنىشى بولسا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن يوقىتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بەرمەكتىكەن.
ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەھەللىرىنى چېقىپ ۋەيران قىلىشنى مەقسەت قىلغان بۇ خىل قۇرۇلۇشلارنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى «كۆكەرتىپ تۈزەش قۇرۇلۇشى»، «يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش قۇرۇلۇشى»، «سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى»، «بوز يەر ئېچىش»، «بىڭتۈەن شەھىرى قۇرۇش» دېگەندەك ناملاردا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەنلىكى، ئۇ جايلارنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى.
قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرى بۇنىڭغا بىر ئۆرنەك بولالايدۇ. خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەھەللىلىرىدىكى ئۆيلەرنى يەر تەۋرەشكە بىخەتەر ئەمەس، ئوت ئۆچۈرۈش قولايسىز دېگەندەك يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن 2000-يىللاردىن باشلاپ، چېقىشقا كىرىشكەن. ئۇلار بۇ ھەرىكىتىنى قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىنى «چېقىپ تۈزەش» دەپ ئاتىۋالغانىدى. ئەينى چاغدا خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىكچىلىك يولىنى ئۈزۈپلا قالماي، نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمىي شەھەرنىڭ تارىخىنى ۋەيران قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە بولغاچقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرۈشىگە ئۇچرىغان ئىدى. قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى چېقىشتا بۇ جايدا ئەۋلادتىن ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن 200 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئۆيلىرى چېقىلىپ ئورنىدىن كۆچۈرۈلگەنلىكى مەلۇم.
ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ تەنقىدىگە قارىماي، قەشقەر قەدىمىي كونا شەھەر رايونىنى چېقىپ تۈزىگەندىن كېيىنمۇ بۇ خىل ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە تارىخىي ئىزلىرىنى ۋەيران قىلىشنى، ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى شەھەر بازارلاردا تېخىمۇ كۆلەملەشتۈرۈپ داۋام قىلماقتا. بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنە ئاقسۇ، كۇچا ۋە باشقا ئۇيغۇر شەھەرلىرىدىكى كوناشەھەر رايونلىرىمۇ چېقىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
سەئىدىيە خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان يەكەن كوناشەھەر رايونى خىتاينىڭ ئاتالمىش «نامرات، قالاق ۋە كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش» پىلانىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلانغان. خىتاي دائىرىلىرى يەكەن كوناشەھەر رايونىدا 2018-يىلى 4-ئايدا باشلانغان چېقىپ تۈزەش قۇرۇلۇشى داۋامىدا 50 مىڭغا يېقىن ئاھالە ئەسلىدىكى ئولتۇراق جايلىرىدىن كۆچۈرۈلۈپ، يېڭى سېلىنغان بىنا ئۆيلەرگە ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەكەندىكى قەدىمى مازارلىق دوخان پاشا مازارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭ يىللىق قەدىمى شەھەر سېپىلى، يەنى «خانىقا دەرۋازا» سى ۋە كوناشەھەر رايونىدىكى دۇكانلار، ئۆيلەر، قەدىمىي مەھەللىلەرنىمۇ چېقىپ تۈزلىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى. 2023-يىلىدا، رادىيومىز يەنە قەشقەرنىڭ جەلپكار ساياھەتگاھلىرىدىن بىرى خام بازىرىنىڭمۇ چېقىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەنىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەردىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا قارىتا تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا خام بازىرى قۇرۇلۇشىنىڭ «ئەلالاشتۇرۇش» نامى ئاستىدا چېقىلىشقا باشلىغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.
خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر قەشقەر، يەكەن، كۇچا، ئاقسۇ ۋە باشقا شەھەرلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتكەندىن كېيىن بۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى تارىخ ۋە مەدەنىيىتى، بىناكارلىق نەمۇنىلىرى يوقىتىلىپلا قالماستىن ئۇيغۇرلار تارقاقلاشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا كۆپ ساندىكى خىتاي كۆچمەنلىرى كېلىپ ئورۇنلاشقان، بۇنىڭ بىلەن قەشقەر، يەكەن، كۇچا ۋە باشقا شەھەرلەردە خىتاي نوپۇسى تېز كۆپەيگەن، جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭىنى كۈچەيتىش نامىدا شەھەرلەرگە خىتايچە قىياپەتلەر كىرگۈزۈلگەن.
2025-يىلى خىتاينىڭ ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان «كونا» دېگەن نامدىكى مەھەللىلەرنى چېقىپ تۈزەش ھەرىكىتىدە يەنە يۈزلىگەن شۇنداق قەدىمىي ۋە ئەنئەنىۋى مەھەللە، ئورۇنلار نىشانغا ئېلىنىۋاتقانلىقى، مۇتەخەسسىسلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا.
ئىستانبۇل بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى (Indiana University) نىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر قانداق بىر قەدىمىي ۋە تارىخىي مەھەللە، بازار، كوچىنىڭ ئاتالمىش «كونا» دېگەن باھانىسىدە يوق قىلىنىشى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز يوقىتىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئۈچۈنمۇ چوڭ يوقىتىش بولىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدە توختىماي داۋاملىشىۋاتقان بۇ خىل مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىسپاتلىرىنى دوكلاتلاشتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلى 6-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە باشلىغان دۆڭ كۆۋرۈكتىن جەنۇبىي قوۋۇققىچە بولغان ئۇيغۇر مەھەللىرى جايلاشقان كونا شەھەر رايونىنى چېقىش قۇرۇلۇشىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.
ئۈرۈمچىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك چوڭ بازىرىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن كونا شەھەر رايونىنى چېقىش مۇراسىمىدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىكى شۆھرەت زاكىر، ئۈرۈمچىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراۋاتقان ئاستانە شەھەردە جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق مەركەزلىك ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش باش نىشانى ئۈچۈن قىلىنغان چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك ئۇ يەنە بۇنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مىللەتلەر ئارا ئالاقە ۋە ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىمۇ مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغانىدى.
كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى «ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنىڭ يوق قىلىنىشى، ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان مۇستەھكەم قورغاننىڭ ۋەيران قىلىنىشىدۇر» دەيدۇ.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى-2019يىلى تارقاتقان «شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» دە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 2000-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن سېلىنغان كونا ئولتۇراق رايونلار نۇقتىلىق ئۆزگەرتىلىدىكەن، 2000-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن كېيىن سېلىنغان ئولتۇراق رايونلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرى بويىچە تەدرىجىي يولغا قويۇلۇپ ئۆزگەرتىلىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى رەتكە تۇرغۇزۇش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 2000-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن سېلىنغان ئاتالمىش «كونا» ئولتۇراق رايون 5000 دىن ئاشىدىكەن.