قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىسلەر «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» مۇناسىۋىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە پىكىر بىلدۈردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021-03-26
Share
ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلدى
Yettesu

يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا مەملىكەتلەر، شۇنىڭدەك ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە كانادا قاتارلىق 30 دۆلەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تۈپەيلى خىتايغا قارىتا جازا ئېلان قىلغانىدى. بەزى دۇنيا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇماتى بويىچە، بۇنىڭدىن 32 يىل ئىلگىرى، يەنى 1989-يىلى بېيجىڭنىڭ تىيەنئەنمېن مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي دائىرىلىرىنى خۇددى شۇنداق جازالىغانىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي ياۋروپالىق دىپلوماتلارغا قارشى قايتۇرما جازا ئېلان قىلدى. بۇ مەسىلىمۇ مەتبۇئاتلاردا كەڭ دائىرىدە يورۇتۇلماقتا.

«قازاق ئاخبارات بيۇروسى» ئېلان قىلغان «ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خىتاي ئۆز ئارا جازالارنى ئالماشتۇردى» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا ئەيىبلىگەن بولۇپ، بۇنىڭغا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسان ھەقلىرىنى داۋاملىق بۇزۇپ كەلگەنلىكى سەۋەب بولغانىكەن. جازالاش تىزىمىغا خىتاينىڭ تۆت ئەمەلدارى ۋە بىر مەھكىمىسى كىرگۈزۈلگەن. ئۆز نۆۋىتىدە خىتايمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تېز ئارىدا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئون ئەمەلدار ۋە تۆت مەھكىمىگە جازا ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيەنىڭ «تا س س» ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ›ئۇيغۇرلارنى ئەزگەنلىكى ئۈچۈن‹خىتايغا قارشى جازاسى تۈپەيلى نارازىلىق بىلدۈردى» دېگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى پيوتر كوۋاليوف بېيجىڭ مەتبۇئاتلىرىغا تايانغان ھالدا، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تەقىب قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارشى جازا ئېلان قىلغانلىقىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ماقالە ئاپتورى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئەڭ كۆپ سانلىق مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگە. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا پيوتر كوۋاليوف بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى بويىچە ئالىي كومىسسارى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىگە ئاساسلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىدا بىر مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس پيوتر سۋويىك ئەپەندى مۇنداق دېدى: «جازالار، بىرىنچىدىن، بىر نىشانغىلا قارىتىلغان، ئىككىنچىدىن، سىمۋوللۇق خاراكتېرگە ئىگە، يەنى ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بىر نەتىجە بېرىشى گۇمان تۇغدۇرىدۇ. خىتايمۇ باشقا مەملىكەتلەرنىڭ ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش، دۇنيادىكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلۈك مەملىكەت بولۇشىدىن مەھرۇم قىلىش ھەرىكىتىنى قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىۋاتىدۇ. مانا بۇ ۋەزىپە خىتاينى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بازىرىدىن سىقىپ چىقىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. لېكىن بۇ خىتاي ئۈچۈن سىر ئەمەس. خىتاي بۇنىڭغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ياۋروپا بىلەن ئالاقىلىرىنى بۇزۇۋېلىش تەرەپدارى ئەمەس، ئەكسىچە، ئۇلارنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جازالار خىتاي ئىقتىسادىغا قاتتىق تەسىرىنى يەتكۈزەلمەيدۇ. بۇ جازالار شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشقىمۇ تەسىر قىلالمايدۇ. خىتاي ئۆز ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ئىشلىرى دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ سىرتتىن ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا ھەرگىز يول قويمايدۇ، مۇنداق ئەيىبلەشلەرنى دائىم ئىنكار قىلىدۇ ھەم ئۇلارغا پىسەنتمۇ قىلمايدۇ».

سىياسەتشۇناس جاسارال قۇۋانىشالىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھازىر خىتاي ئۆزىنى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتارلىق بولمىسىمۇ، ئامېرىكا بىلەن تەڭ مەملىكەت ھېسابلاپ، ھېچ كىم ئۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرەلمەيدىكەن. خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا شۇنداقلا جازا بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشى بۇنىڭ يارقىن ئىسپاتىكەن.

جاسارال قۇۋانىشالىن مۇنداق دېدى: «بىراق خىتاي ئۇنچىلىك دەرىجىدە چىڭ ئەمەس. ئۇ مەيدىسىنى كېرىۋاتىدۇ. ئەمما ئامېرىكا، ياۋروپانىڭ جازالىرى خىتاينى ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ئىشلەپچىقىرىش مەھكىمىلىرىگە قويۇلغان جازالار ئۇنى قاتتىق بىئارام قىلماقتا. بۇ خىتاي ئۈچۈن چوڭ زەربە. ئەلۋەتتە، خىتاي ئۆز ئىقتىسادىنى كۈچەيتتى، كۈچ-قۇۋۋەت توپلىدى. لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سالغان جازاسى بۇ ھەقىقەتەنمۇ خىتاينى تەۋرىتىدىغان بىر ھەرىكەت. خىتاي پەقەت ھاكاۋۇرلۇق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئۆزىنى مۇنداق تۇتۇشى غەربنى تېخىمۇ ئېغىر جازالار قوللىنىشىغا مەجبۇر قىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن. بىزمۇ شۇنى خالايمىز. شۇنداق بولغان تەقدىردە بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلالايمىز.»

جاسارال قۇۋانىشالىن مۇسۇلمان ۋە مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي بېقىندىلىقتىن قۇتۇلالماي، بۇ مەسىلىدە سۈكۈت ساقلاپ ياتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسلىھەتچىسى، قازاقىستان ژۇرنالىستلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى رىزا سەمەدى ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلىشىنىڭ خىتاي باسقۇنچىلىرىغا قارشى بېرىلگەن ئەمەلىي چارە-تەدبىر ئىكەنلىكىنى، بۇ جازانىڭ دەردمەن ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىرلىكتە بارلىق ئاق نىيەتلىك خەلقلەرنى خۇرسەن قىلىپ، قوللاشقا سازاۋەر قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن ھوشىنى يوقىتىپ قويغان خىتاي ئالدى-كەينىنى ئويلىمايلا ئۇيغۇرلارنىڭ دەھشەتلىك پاجىئەسىگە قارشى ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان بىر قىسىم ياۋروپا سىياسىيونلىرىغا جازا قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇياتسىزلىقىنى، يالغانچىلىقىنى خەلقى ئالەم ئالدىدا يەنە بىر قېتىپ ئاشكارىلىدى. خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارىتا ھەر خىل شەكىلدە بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە گۇمان ۋە ئەندىشىدە قېلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى چۈشۈنىۋېلىش تەس ئەمەس. ئۇيغۇر خەلقى باسقۇنچى خىتاينىڭ خۇي-پەيلىنى باشقا خەلقلەرگە قارىغاندا ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. خىتاي ئادالەت ۋە ھەقىقەتنى زادىلا ئېتىراپ قىلمايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ زوراۋانلىق ماھىيىتىنى ئەمدى چۈشەنگەن بولسا كېرەك. ئەمدى ئۇ بۇ تەھدىتكە قارىتا ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش چاقىرىقىغا قوشۇلۇشى تەبىئىي، دەپ ئويلايمەن.»

ئىگىلىشىمىزچە، 25-26-مارت كۈنلىرى بىريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا مەملىكەتلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئامېرىكىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى جوزېف بايدېن ئىنتېرنېت ئارقىلىق قاتنىشىدىكەن. ئۇچرىشىشتا كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىش، ئالەمشۇمۇل كىلىمات ئۆزگىرىشلىرى، سودا ۋە مەبلەغ، شۇنىڭدەك ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرى ئوخشاش مەسىلىلەر قارىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت