«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقنى توختىتىش» ھەققىدە ئوچۇق مەكتۇپ ئېلان قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.01.17
«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقنى توختىتىش» ھەققىدە ئوچۇق مەكتۇپ ئېلان قىلىندى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەمدە ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتنىڭ سورىقىنى قىلىش» مەزمۇنىدىكى بىرلەشمە مەكتۇپنى ئېلان قىلغان 29 تەشكىلات. 2021-يىلى 14-يانۋار.
Social Media

ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشلار ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەت كۈچلۈك غۇلغۇلا قىلىۋاتقاندا بارغانسېرى كۆپ ساھەنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ھەمدە قولىدىن كېلىشىچە بۇنىڭغا ھەمدەم بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى 14-يانۋار كۈنى يېڭىۋاشتىن ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەمدە ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتنىڭ سورىقىنى قىلىش» مەزمۇنىدىكى بىرلەشمە مەكتۇپ بۇ ھالنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

مەكتۇپتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە باشقا 51 تەشكىلات ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ يەنە بىر قېتىم ئاشكارا يۈز بېرىشى» دەپ قارايدىغانلىقى، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ مۇدھىش ئاپەتكە دىپلوماتىك، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە باشقا تىنچلىق ئۇسۇللىرى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ھەمدە ئۇلارنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقى تەپسىلىي شەرھلەندى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا خاس بارلىق مەدەنىيەت كىملىكى يوقىتىلىش بىلەن بىرگە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكى، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى جۇدالىققا گىرىپتار قىلىش ۋە قىز-چوكانلارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشنىڭ ھازىر بەكمۇ ئومۇملاشقان بىر ھادىسە ئىكەنلىكى، مۇشۇنداق ئاشكارا قىرغىنچىلىق يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان رېئاللىق ئالدىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خەلقئاراغا ئورتاق بولغان قانۇن ۋە نىزاملارغا بىنائەن ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى لازىملىقى كەسكىن تەكىتلەندى.

مەزكۇر مەكتۇپنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ «شەرقىي تۈركىستاندىكى سىستېمىلىق قىرغىنچىلىق 2017-يىلىلا باشلىنىپ بولغان. نېمە ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا ئەزا دۆلەتلەر بۇنىڭغا قارشى بىرەر تەدبىر ئالمايدۇ؟» دەپ سوئال قويدى.

بۇ ھەقتىكى باياناتتا ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ئوچۇق مەكتۇپ 2020-يىلى 15-سېنتەبىردە بىر قېتىم ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىم قايتا ئېلان قىلىنغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ خادىمى پىتېر ئىرۋىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەكتۇپنى قايتا ئېلان قىلىش ھازىر زۆرۈر بولۇپلا قالماستىن ئۇنى تېخىمۇ كۆپ تەشكىلاتلارغا ۋە ھۆكۈمەتلەرگە يەتكۈزۈشمۇ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ھېسابلىنىدىكەن.

«بۇنىڭدا بىرنەچچە سەۋەبنى كۆزدە تۇتتۇق. بىرىنچىسى، بۇ ھال ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە كانادا ھۆكۈمەتلىرى بۇ ئىشلارغا چېتىلىدىغان قىرغىنچىلىق ئامىللىرى ھەققىدە يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا ماس ھالدا كۆپلىگەن تەشكىلاتلارمۇ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. يەنە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرمۇ بايدىن ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشتىن بۇرۇن بۇ مەسىلىدە ھەققانىيەتنى قوللاپ بۇ مەكتۇپقا ئىمزا قويۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ساھەنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر دىيارىدا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىغا جەلپ قىلغىلى بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىشكە پايدىلىق، دېگەن پىكىرلەرنىمۇ بەردى. مەكتۇپ قارىماققا ئىلگىرىكى مەكتۇپقا ئوخشاشتەك كۆرۈنسىمۇ، بۇ قېتىم قىرغىنچىلىق ساھەسى بىلەن ياخشى تونۇشلۇقى بولغان تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بۇنىڭغا ئىمزا قويدى.»

پىتېر ئىرۋىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىجتىمائىي پاجىئەلەر ھازىر دۇنيادىكى كۆپلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى مەكتۇپقا ئىمزا قويغۇچىلار سانىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىمۇ بۇنىڭ بىر دەلىلى ئىكەن.

«ئالدى بىلەن بۇ قېتىم بىز بىلمەيدىغان كۆپلىگەن تەشكىلاتلار، شۇنىڭدەك بىز كۆرۈپمۇ باقمىغان كۆپلىگەن مۇتەخەسسسلەر بىزنىڭ مەكتۇبىمىزنى كۆرگەندىن كېيىن دەرھاللا بۇنداق زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان بىر مىللەت ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭغا ئىمزا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چۈنكى بۇ گۇرۇپپىلار ئىزچىل مۇشۇ خىلدىكى خىزمەتلەرنى قىلىپ كېلىۋاتقانلار بولغاچقا زۇلۇم ھەققىدە بەك ئوبدان چۈشەنچىگە ئىگە ئىدى. بىز يەنە كۆپلىگەن باشقا تەشكىلاتلار بىلەنمۇ ئالاقىلەشتۇق. شۇنداق بولغاچقىمىكىن، بىز بۇ مەكتۇبنى 2020-يىلى سېنتەبىردە ئېلان قىلغان ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا بۇ قېتىم تېخىمۇ كۆپ مۇتەخەسسىسلەر ۋە تەشكىلاتلار بۇنىڭغا ئىمزا قويدى. ئۇلار قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار بولۇش سۈپىتىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ زور قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇنىڭغا بەس-بەستە ئىمزا قويدى.»

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇشنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە غەرب دۇنياسىدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەر كەسكىن قارارلارنى ئېلىشقا يۈزلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئوچۇق مەكتۇپنىڭ قايتىدىن ئېلان قىلىنىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرىمۇ دەل مۇشۇنىڭدا ئىكەن. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇزاكىرىسىدە بۇنىڭ ئىجابىي بولغان تۈرتكىلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلماقتا ئىكەن. شۇنداق بولغاندىلا خىتاي بىلەن بولىدىغان ئىقتىسادىي مۇئامىلىدىكى مەنپەئەتنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ زور بولغان كەلگۈسى بەدەلدىن ئارتۇق ئەمەسلىكىنى تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەتلەرگە بىلدۈرۈشكە بولىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇ مەكتۇپتا قىرغىنچىلىقنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دېيىشكە بولىدىغان قىلمىشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدۇق. ھازىرقى ھۆكۈمەتلەر بۇنىڭ خاراكتېرىنى مەيلى قىرغىنچىلىق دەمدۇ ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتەمدۇ، بىز ئاشۇ ھۆكۈمەتلەرگە بۇ ھەقتە قارار ئېلىش، بۇنىڭغا تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك بولۇپ قالسۇن، دەپ ئويلىدۇق. ئەمما خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇئامىلىنى كۆزدە تۇتۇپ كۆپلىگەن دۆلەتلەر بۇ مەسىلىدە مۆرىمەس بولۇۋالدى. ياخشى يېرى ھازىر بارغانسېرى كۆپ ھۆكۈمەتلەر بۇ مەسىلىدە كەسكىن مەۋقەگە مېڭىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئالساق، ئۇلار ناۋادا بۇنىڭ خاراكتېرىنى ‹قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتسە ئۇلارنىڭ دەرھاللا ئەمىلى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ خىتاي بىلەن ياقا سىقىشىشى ھاجەت ئەمەس. ئۇلار بىخەتەرلىك كېڭىشىدە بۇ مەسىلىنى كەسكىنلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇش ھەمدە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىش ئارقىلىق بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرسا بولۇۋېرىدۇ. بۇ ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە تاقىشىدىغان بىر مۇرەككەپ مەسىلە بولغاچقا ھازىرغىچە بۇنىڭدا ئىلگىرىلەش ئاستا بولۇۋاتىدۇ. ئەمما ئىشەنچىمىز كامىلكى، بارغانسېرى كۆپ ساھەنىڭ نۆۋەتتىكى يامانلىشىپ مېڭىۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىقتىن خەۋەردار بولۇشىغا ئەگىشىپ بۇنىڭدا ياخشى نەتىجىلەر بارلىققا كېلىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي باستۇرۇش ھادىسىسىنى «21-ئەسىردىكى قىرغىنچىلىق» دەپ قارار ئېلىشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا بۇ تارىخىي يۈزلىنىشنى توسۇش ئۈچۈن تۈرلۈك ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشقا سالماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.