مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاينىڭ مەقسىدى بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى پاراللېلدۇر!»
2022.01.27

خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىكى 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك تەنقىدلەر، جۈملىدىن بۇ مۇسابىقىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش ھەركەتلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقنى، شۇنىڭدەك سىستېمىلاشقان مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىنى تېخىمۇ كۆپ ساھەگە ئاڭلىتىش رولىنى ئوينىغانلىقى مەلۇم. «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى سوت ھۆكۈمى بولسا بۇنى قانۇنى ئاساسقا ئىگە قىلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ھەركىتىنىڭ قانداق چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا بارلىققا كەلگەنلىكى غەرپ دۇنياسىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن ناتونۇش بىر تېما بولۇپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتىكى بەزى مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن «ھەپتىلىك سۆھبەت» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئامېرىكا شۆبىسى بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشنى ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بىرقەدەر تونۇشلۇقى بولغان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرگە ھاۋالە قىلدى.
مۇھاكىمىدە ئۇيغۇر دىيارىدا بىۋاستە تەكشۈرۈش بىلەن مەشغۇل بولغان ياش ئۇيغۇرشۇناس، كانادادىكى سايمون فرايز ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى دەررېن بايلېر ئالدى بىلەن سۆز ئالدىئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىستېمىلىق نازارەت مېخانىزىمى تۈپەيلىدىن نۆۋەتتە ئاللىقاچان «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلانغان ئۇ جاي بىلەن بىۋاستە ئالاقىدا بولۇش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ ئالاقە دائىرىسىدىكى بىر قىسىم خىتايلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قولغا ئېلىش ھەركىتى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلغا قارىغاندا سەل-پەل پەسكويغا چۈشكەن. شۇنداقتىمۇ ئائىلىلەرنىڭ جۇدالىقى، ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى دارىلتاملارغا توپلىنىشى، مىڭلىغان ئونمىڭلىغان كىشىنىڭ ئىز-دېرىكى بولماسلىق، تۇغۇت كونتروللۇقى، نازارەت مېخانىزىمى دېگەنلەر ھېلىھەم يەنىلا ئومۇمىيۈزلۈك ھادىسە ئىكەن. گەرچە زور كۆلەملىك كوللىكتىپ قىرغىنچىلىق ھازىرچە كۆزگە چېلىقمىغان بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنى تۈرگە ئايرىپ چىقىپ ئۆتمۈشتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى «جىنايەت» لەر ئۈچۈن جازاغا ھۆكۈم قىلىشى يەنىلا داۋام قىلماقتا ئىكەن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگىرلارغا دائىر مەلۇماتلارنى ئاساس قىلغاندا ئۇ جايدا ئاز دېگەندىمۇ 15 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان بىر مىليوندىن ئىككى مىليونغىچە كىشىنى لاگىرغا قامالغان، دەپ قاراش پۈتۈنلەي پاكىتقا ئۇيغۇن كېلىدىكەن. گۇندىپايلارنىڭ نەزەرىدە «ھايۋان» دەپ قارىلىدىغان بۇ تۇتقۇنلار بولسا زامانىۋىلاشقان نازارەت ئاستىدا نەچچە يىلغا سوزۇلۇپ كېتىدىغان ئىدىئولوگىيە ئۆتكىلى، خىتاي تىلى ئۆتكىلى دېگەندەك بىر قاتار ئۆتكەللەردىن ئۆتكەندىن كېيىنلا بۇ جايدىن چىقىپ كېتەلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دېيىلىدىغان بۇ جايدىكى مەھبۇسلارنىڭ بىر قىسىمى ئاشۇ جايدىن چىقماي تۇرۇپلا ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ كۆپلىگەن خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن. «ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چىققان» ئاياللارنىڭ ئاشۇ مەركەزلەرگە ئانچە يىراق بولمىغان جايلاردىكى زاۋۇتلارغا ئىشچى بولۇپ ئەۋەتىلىدىغانلىقى، ئەرلەرنىڭ بولسا تۈرمىلەرگە يوللىنىدىغانلىقى ھازىر كۆپلەپ مەلۇم بولماقتا ئىكەن.
تاشقى دۇنيا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتاۋاتقان قىلمىشلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنى تىل، مەدەنىيەت ۋە كەلگۈسى ئەۋلات بىلەن بولغان باغلىنىش ساھەلىرىدە «ئۈزېل-كېسىل يوقىتىش» قا كىرىشىپ قالغانلىقى تاشقى دۇنيادىكىلەر ئۈچۈن چۈشىنىش قىيىن بولغان يەنە بىر سوئال بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم.
بۇ ھەقتىكى ئارقا كۆرۈنۈشكە دائىر مەلۇماتلار توغرىسىدا ئەنگلىيەدىكى شەففېيىلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دېيۋىد توبىن ئايرىم سۆز قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئۇيغۇرلارنى «قالاق خەلق» دەپ قاراپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنى «زامانىۋى» ۋە «مەدەنىيەتلىك» قىلىشنى ئۆزلىرىنىڭ «مەجبۇرىيىتى» دەپ كەلگەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن بۇ زېمىندىكى خەلقنىڭ خىتاي بىلەن ھېچقانداق ئورتاقلىقى يوق بولۇپ، بۇ ھال 1930-يىللار ۋە 1940-يىللاردا ئىككى قېتىم مۇستەقىللىق جاكارلىغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دە تولۇق ئەكس ئەتكەن. 1949-يىلى خىتاي ئازاتلىق ئارمىيىسى بۇ رايوننى زورلۇق بىلەن خىتاي تېرىتورىيەسىگە قوشۇۋالغاندىن كېيىن ئۆزىنى «مىللىي دۆلەت» دەپ قارايدىغان خىتاي دۆلىتى بۇ رايوندىكى مەدەنىيەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭكىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى، بۇ جايدىكى ئورتاق تىل بولغان ئۇيغۇر تىلىنىڭمۇ خىتايچىدىن باشقىچە بىر تىل ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇنى ئۆزلىرى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن شۇ ۋاقىتتا رايون نوپۇسىدا بەش پىرسەنتلىك سالمىقى بولغان خىتايلار ھازىر 50 پىرسەنتكە يەتكەن. تارىختىن بۇيان ئۆزلىرىنى مەدەنىيەتنىڭ مەركىزى، دەپ قاراپ كەلگەن خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنى ئەسىر-ئەسىرلەر بويى «ياۋايى خەلق» دەپ چۈشىنىپ كەلگەن. گەرچە ماۋ زېدوڭ «چوڭ خىتايچىلىقنى چەكلەش» ھەققىدە بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مىللەتلەر كاتېگورىيەسى ئارقىلىق بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان بولسىمۇ، دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى «مەدەنىيەتكە يېتەكلەش» مەجبۇرىيىتى بارلىقى تەكىتلىنىشكە باشلىغان. 2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۇ رايوندىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئىككى خىل پىكىر ئېقىمى شەكىللەنگەن: بىرى، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يۈكسەلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى زامانىۋىلىققا يۈزلەندۈرۈش؛ يەنە بىرى بولسا ئۇيغۇرلارنى تېز سۈرئەتتە ئاسمىلاتسىيە قىلىپ ئۇلارنى خىتايچە تىلنى قوللىنىدىغان خەلققە ئايلاندۇرىۋېتىش، شۇ ئارقىلىق «باشقا مىللەت» دېگەن ئۇقۇمغا خاتىمە بېرىش. شى جىنپىڭ دەۋرىدە بولسا «جۇڭخۇا مىللىي كىملىكى» نى تىكلەش شوئارى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇنى «مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەنگۈشتىرى» دەپ تەشۋىق قىلىش باشلانغان. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى نۇقتىلىق ھالدا «دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى» كاتېگورىيىسىگە مەنسۇپ قىلىنىپ ئاداققى يوسۇندا بىر ياقلىق قىلىشنى باشلىۋەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە تۈرتكە بولغۇچى ئىقتىسادىي ئامىل توغرىسىدا ئاۋسترالىيەدىكى جېيمىس كۇك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئاننا خايىس ئايرىم سۆز قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ۋە ھۇل ئاساسى زور دەرىجىدە ئۇيغۇر دىيارى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان ئىشىكىنى ئېچىشتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ «مۇتلەق بىخەتەر» بولۇشى خىتاي ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم ئىكەن. بۇ خىل «كۆپ چاقلىق» بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئوق مەركىزى ئۇيغۇر دىيارى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوننى غايەت زور كۆلەملىك ئىشلەپچىرىش ۋە تەبىئىي بايلىق قېزىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمران گۇرۇھ نۆۋەتتە بۇ جايدىكى يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنى ئاشۇ ئۈمىدلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا لازىملىق «ئەمگەك كۈچى» قىلىپ قوللانغاندا «بىخەتەرلىك» مەسىلىسىمۇ، «ئەمگەك كۈچى كەمچىللىكى» مەسىلىسىمۇ تەڭلا ھەل بولىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىجرا قىلىش يېقىندىن بۇيانقى خىتاي خەۋەرلىرىدە كۆپ قېتىم تەكرارلانغان تېمىلاردىن بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ يېقىن كەلگۈسى ھەققىدە كۆپلىگەن تەشۋىشلىك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.