«ئ‍ۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى توختىشى ۋە مەبلەغ ساھىبلىرىنىڭ شىجائىتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-04-02
Share
«ئ‍ۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى توختىشى ۋە مەبلەغ ساھىبلىرىنىڭ شىجائىتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «يەھۇدىيلار ئۆچمەنلىكىنى نازارەت قىلىش» گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەكىلى ئېللىي كوخانىم (ئوڭدىن بىرىنچى) ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى كېيس كراچ (ئوڭدىن ئىككىنچى) نىڭ «ئامېرىكا پىكىر يېتەكچىلىرى» ئاقىللار مەركىزى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەركەز قىلىنغان مەخسۇس مۇھاكىمىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 25-مارت.
Social Media

ھەر دائىمقىدەك دۇنيا مىقياسىدا بۇ يىلنىڭ بېشىدا «يەھۇدىي زور قىرغىنچىلىقى» نىڭ 75 يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقاندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ناتسىستلارنىڭ لاگېر سىستېمىسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئالتە مىليوندىن ئارتۇق يەھۇدىينىڭ ھۆرمىتىگە بۇ خىلدىكى پاجىئەنىڭ قايتىدىن كۆرۈلمەسلىكى ئۈچۈن تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىرىق قىلدى. ئەمما دەل ئەنە شۇ سۆزلەر بولۇۋاتقاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئ‍ۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان مىسلىسىز ئىجتىمائىي پاجىئەنى «ئىرقىىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلدى. بۇ ھۆكۈمنىڭ جاكارلىنىشى ئەينى ۋاقىتتا «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دەپ يۇقىرى ئاۋازدا توۋلانغان تارىخىي شوئارنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارا قىلدى.

يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «يەھۇدىيلار ئۆچمەنلىكىنى نازارەت قىلىش» گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەكىلى ئېللىي كوخانىم (Ellie Cohanim) ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى كېيس كراچ (Keith J. Krach) نىڭ «ئامېرىكا پىكىر يېتەكچىلىرى» ئاقىللار مەركىزى بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس مۇھاكىمىسىدە بۇ مەسىلە مەركىزىي تېما بولدى.

كېيس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنىڭ تۇنجى قەدىمى ئالدى بىلەن مۇشۇنداق بىر قاباھەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىش ئىكەن. دەرۋەقە ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيە تەرەپدارلىرى بۇ مەسىلىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش مەۋقەدە بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىشتا پىكىر ئىختىلابى يوق ئىكەن. بولۇپمۇ كېڭەش پالاتا ئەزاسى بوب مېناندىز ئەپەندى «قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىمىز، دەيدىكەنمىز جەزمەن بۇنىڭغا قارشى ئورنىمىزدىن دەست تۇرۇشىمىز ھەمدە ھەقىقەتنى سۆزلىشىمىز لازىم» دەپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيو ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندىلەر بىردەك بۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا بۇ ھالنى نۆۋەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتىكى بىر مۇھىم قەدەم، دېيىشكە بولىدىكەن.

ئېللىي خانىممۇ بۇ جەھەتتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشتا بولۇپ، ئۇنىڭ پىكرىچە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ باشلىنىشىغا نەزەر سالغاندا ئەينى ۋاقىتتىكى «يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئومۇمىي جەريانىغا بەكمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن ئىكەن. بولۇپمۇ ناتسىستلار گېرمانىيەسى ئالدى بىلەن بارلىق ئاخبارات ۋە نەشرىيات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، يەھۇدىيلارنى قۇرت-قوڭغۇز، ھاشارات ۋە چاشقان دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن سۈپەتلىگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى دۆلەت مىقياسىدا خۇنۈكلەشتۈرگەنىكەن. خىتاي كومپارتىيەسىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئۇيغۇرلارنى «زەھەرلىك ئۆسمە»، «روھىي كېسەللىك بىلەن چىرمالغان» دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن تەسۋىرلەپ، بۇ خىل «ئىللەتلىك مەرەز» نى يوقىتىش ئۈچۈن ئۇنى «تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش، مەڭگۈ كۆكلىيەلمەس قىلىۋېتىش» دېگەندەك چارىلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمدىلىكتە يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان قاباھەتلەر بولسا قىرغىنچىلىقنىڭ تارىختىكى ئىزنالىرىنى قايتىدىن كىشىلەر ئۆڭىدە زاھىر قىلماقتا ئىكەن.

كېيىس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ جەھەتتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسىنىڭ سۆزلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۆلچەملىك ئۈلگە بولۇشى لازىم ئىكەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سودا ئىشلىرىدىكى مەنپەئەتنى كۆزلەپ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان ھەقلەر دەپسەندىچىلىكىگە قارشى سۆز قىلمىسا ئۇ ھالدا بىزنىڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلغۇدەك ھېچقانداق ئەخلاقىي نوپۇزىمىز قالمايدۇ» دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكىل مەككولنىڭ «بىز خىتاي دۆلىتى ئىجرا قىلىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا كۆزىمىزنى پارقىرىتىپ قاراپ ئولتۇرساق بىزنىڭ بۇ سۈكۈتىمىز ماھىيەتتە ئاشۇ قىرغىنچىلىققا شېرىك بولغانلىققا باراۋەر بولۇپ قالىدۇ» دېگەن سۆزلىرى دەل مۇشۇ نۇقتىغا قارىتىلغانىكەن. ئەنە شۇ خىل «قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇپ قېلىش» ھادىسىسى نۆۋەتتە ئامېرىكا سودا ساھەسىدىكى مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەر ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھالقىلىرى بىلەن چېتىشلىق تەمىنات زەنجىرىگە باغلىنىپ قېلىشىدا ئۆز ئەكسىنى تاپماقتا ئىكەن. .

كېيىس ئەپەندى بۇ جەھەتتە ئالاھىدە تەكىتلىگەن يەنە بىر نۇقتا ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇملارغا دۇنيا جامائىتىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشى، شۇنىڭدەك بۇ جايدىكى زۇلۇمنىڭ ئەمدىلىكتە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلىنىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولۇۋاتقاندىمۇ مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرى، بانكىلار دېگەنلەرنىڭ پېنسىيە فوندى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ زاپاس مەبلىغى قاتارلىق غايەت زور ساندىكى جۇغلانمىنى خىتايغا پاي مەبلىغى قىلىپ سېلىشى بولماقتىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل مەبلەغ سېلىش ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنى قىرىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋاسىتىلىك ھالدا ياردەم بەرگەنلىك بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسى رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىجتىمائىي مەجبۇرىيەتكە خىلاپ قىلمىشلار ئىكەن. ئەمما بەزىلەرنىڭ بۇنى «سودا جەھەتتىكى مۇئامىلىنىڭ ئېھتىياجى» دېيىش ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىگە تىزلىنىۋاتقانلىقى بۇنىڭدىكى كۆپ قاتلاملىق ئامىللارنى تېخىمۇ ئاشكارا نامايان قىلماقتا ئىكەن. ئەمما بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل بۇ مەبلەغ شىركەتلىرىنى ماڭدۇرۇۋاتقان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ خىتايدا مەۋجۇت بولمىغان يۈكسەك ئىنسانىيلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇشى، «ئامېرىكا پۇقراسى» دېگەن نامغا چۇشلۇق ئىش قىلىشى ھېسابلىندىكەن.

مۇھاكىمىنىڭ ئاخىرىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقاندا بۇنى توختىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئامېرىكا مەبلەغ شىركەتلىرىنىڭ ئۆز ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقى تەكىتلىنىپ «ئىنسانىيەت جەمئىيىتى بىر قېتىملىق زور قىرغىنچىلىقنىڭ كۆرۈلۈشىنى توسۇپ قېلىشقا قادىر بولالمىغان. ئەمدى ئۇنىڭ ئىككىنچىسى باشلانغان ئىكەن ئۇنى جەزمەن توسۇپ قېلىشىمىز لازىم. ھېلىھەم تېخى ئۇنىڭ ۋاقتى ئۆتمىدى» دېگەن خۇلاسە چىقىرىلدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت