سكوت خاررولد: «ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىۋاتقانلىقى بەش قولدەك ئاشكارا بولماقتا!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.01.14
راندى شىركىتىنىڭ غايىب ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى: سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىكى لاگېرلار ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ بىرى بولغان راندى شىركىتىنىڭ بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئېنىقلاپ چىققان سۈنئىي ھەمراھىدا تارتىلغان لاگېرلارنىڭ ئورنى. 2021-يىلى يانۋار.
rand.org

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ھەققىدە رەسمىي قارار ئالغان بولسىمۇ، غەرب دۇنياسىدىكى جامائەت، بولۇپمۇ ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى ئاۋامنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسى يەنىلا تولىمۇ چەكلىك بولۇۋاتقانلىقى يېقىنقى مەزگىللەردە كۆپلەپ مەلۇم بولغانىدى. ئامېرىكادىكى تىڭشىغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ بولغان رادىيو سۆھبەت قاناللىرىدىن «جاسۇس سۆھبىتى» (SpyTalk) پروگراممىسى ئۆزىنىڭ ئىستىخبارات ئىشلىرى، تاشقى سىياسەت، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ھەربىي ئىستراتېگىيە ھەققىدىكى جەلپكار سۆھبەتلىرى بىلەن ئاۋام ئارىسىدا زور ئابرۇيغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ 13-يانۋاردىكى سۆھبەت تېمىسى دەل ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىققا بېغىشلاندى.

ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار مەركىزىنىڭ بىرى بولغان «راند گۇرۇھى» نىڭ سىياسىي ئانالىزچىسى، دوكتۇر سكوت خاررولد بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە نۇقتىلىق قىلىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ بايقىلىشى ھەمدە مۇشۇنىڭدىن شاخلاپ چىققان بىر قاتار سوئاللار ھەققىدە توختالدى. دوكتۇر سكوتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «راند گۇرۇھى» نىڭ تەتقىقاتچىلىرى بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىدە مەخسۇس كېچىلىرى تارتىلغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى توپلىغان. ئاندىن بۇ سۈرەتلەردىكى چىراغ يورۇقىدىن ھاسىل بولغان نۇرنىڭ مىقدارىنى ھېسابلاش ئارقىلىق ئەسلىدە ھېچقانداق ئېلېكتر مۇئەسسەسىلىرى بولمىغان جايلاردا كېيىنكى ۋاقىتلاردا پەيدا بولۇپ قالغان زور كۆلەملىك لاگېر قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى كارتىنىسىنى سىزىپ چىققان. ئۇلار يەنە مۇشۇ خىلدىكى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدا كۆزدىن يىتكەن قەبرىستانلىقلار، مەسچىتلەر ۋە باشقا دىنىي قۇرۇلۇشلارنى مۇقىملاشتۇرغان. ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان نۇقتىلارنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتى «بىزدە لاگېر مەۋجۇت ئەمەس. ئۇلار پەقەت ھۈنەر-كەسىپ ئۆگىتىدىغان ‹قايتا تەربىيەلەش مەركىزى›دۇر» دەپ جاكارلىغاندىن كېيىنمۇ بۇ خىل مۇئەسسەسىلەرنىڭ داۋاملىق كېڭىيىپ مېڭىشى بولغان. ئۇلار مۇشۇ خىل شەكىلدە ئېنىقلاش ئارقىلىق بۇ مۇئەسسەسىلەرگە ئاز دېگەندىمۇ ئىككى يېرىم مىليون كىشىنىڭ قامىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى دەلىللەپ چىققان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر لاگىرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى بۇ مۇئەسسەسىلەرنىڭ مەكتەپ ئەمەسلىكىنى كۆپ تەرەپلەردىن دەلىللەپ بەرگەن. بولۇپمۇ بۇ مۇئەسسەسىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ئەسلا مەكتەپكە ئوخشىمايدىكەن. ئۇنىڭدىكى كۆزىتىش مۇنارى، تىكەنلىك سىم توسۇقلارنىڭ دەرىجىسى دېگەنلەر ھەرقانداق قىلىپمۇ بۇنىڭغا چۈشمەيدىكەن. لاگېرلاردىن چىققان كىشىلەرنىڭ ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى بولۇپ سېتىلىشى بولسا بۇ جايلاردا قىرغىنچىلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بەكمۇ ئاددىي بىر مىسالى ئىكەن. مەكتەپلەر ھەققىدىكى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلەر ئانالىزى توپلانغان نەچچە مىڭ پارچە سۈرەتلەر ئاساسىدا مەكتەپ قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر، بولۇپمۇ بالىلار ئاتا-ئانىلىرىدىن جۇدا بولغاندىن كېيىن مەكتەپكە «قامىلىش» قا مەجبۇر بولغان رېئاللىقنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

سكوت خاررولد ئالاھىدە دىققەت قىلغان يەنە بىر ھادىسە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» ھەققىدە سۆز بولغاندا «يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش، نەسەبىنى قىرقىپ تاشلاش» ئىبارىسىنى كۆپ قېتىم تەكرارلىغانلىقى بولغان. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلاردىكى خىتايلاردىن پەرقلىق بولغان بارچە شەيئىلەر «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش» نامىدا يوقىتىلغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن تارىخىي باغلىنىشى بولغان ئۇيغۇرلار خۇاڭخې (سېرىق) دەريا بىلەن رىشتە تۇتاشقان قوۋمغا ئايلىنىشقا مەجبۇرلانغان. كۆپلىگەن ئۇيغۇر شەھەرلىرى چېقىپ تاشلىنىپ، كەلكۈندەك ئېقىپ كېلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرى ماكانلىشىدىغان يېڭى ئولتۇراق رايونى بەرپا قىلىنغان. بۇ خىلدىكى يېڭى ئولتۇراق رايونلىرىنى كۆپلەپ بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرىستانلىقلىرى تۈركۈم-تۈركۈملەپ بۇزۇپ تاشلانغان. بۇنىڭ بىلەن ھەم يېڭى ئولتۇراق ماكانىغا يەر ھازىرلاش، ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ «نەسەبىنى ۋە يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش» قا شارائىت يارىتىش ئىشقا ئاشقان. ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنى بىلەن بولغان بارلىق باغلىنىشىمۇ ئۈزۈل-كېسىل كېسىپ تاشلانغان. نەتىجىدە ئۇيغۇرنىڭ شەھەرلىرى بارغانسېرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شەھەرلەرگە ئوخشاپ قالغان.

ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىرغا قەدەر ئىزچىل كېڭىيىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان نازارەت مېخانىزمى نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى قورال قىلىۋاتقان بولۇپ، سكوت خاررولدنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى «خۇاۋېي» قاتارلىق چوڭ شىركەتلەر دەل غەرب دۇنياسىدىكى پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىققا خىزمەت قىلدۇرماقتا ئىكەن. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ھەرقانداق شەكىلدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىققا ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئارىلىشىپ قالماسلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە ئىكەن. ئەمما «تېسلا»، «ئىنتىل» قاتارلىق بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرى يەنىلا بۇ تەۋسىيەلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئۆزى بىلگەنچە ئىش كۆرمەكتە ئىكەن. يەنە كېلىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىققا شى جىنپىڭ بىۋاسىتە باش جاۋابكار بولغان ئىكەن، نۆۋەتتىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان جازا تەدبىرلىرىدە ۋە ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتىدە مۇھىم نۇقتا مۇشۇ مەركەزنى چۆرىدىگەن ھالدا ئورۇن ئىگىلىشى لازىم ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنە شۇ خىلدىكى قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقى نۆۋەتتە بىر قىسىم دۆلەتلەرنى خىتايدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا ئۈندىمەكتە ئىكەن. ئەمما بۇ خىلدىكى قىرغىنچىلىققا ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە قارشى خەلقئارا بىرلىكسەپنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن نۆۋەتتە ناھايىتى كۆپ خىزمەتلەر ئىشلىنىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.