شى جىنپىڭنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى كېڭەيتىشتىكى ئالتە قورالى

0:00 / 0:00

يېقىندا ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ 2020-يىللىق نوپۇس تەكشۈرۈش دوكلاتىدىكى ئۇيغۇر رايونىنىڭ نوپۇس تەكشۈرۈشىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى كېڭەيتكەن. «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» ئۆتكەن يىلى ئاشكارىلىغان ھۆججەتتە خىتاي رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلى «ئۇلارغا قىلچىمۇ رەھىم قىلماسلىقىمىز كېرەك» دېگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

2014-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان يەتتە يىل جەريانىدا ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر ۋە لاگېر شاھىتىلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى، شى جىنپىڭنىڭ پىلانلىغانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا جىددىي قەدەم ئالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

يېقىندا «خەۋەر 18» تورى «قىلچىمۇ رەھىم قىلماسلىق: شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى كېڭەيتىشتىكى ئالتە قورالى» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئىجرا قىلىشتىكى ئالتە قورالى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

خىتايلارنى ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈرۈش.

خىتايلارنى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاساسلىق ئىشچى-خىزمەتچىگە ئايلاندۇرۇش.

ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى بولغان ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش.

ئۇيغۇرلار نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى كونترول قىلىش.

ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا سولاش.

ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى يېڭىدىن باشلانغان ئەمەس، ئۇزۇن يىللاردىن بىرى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان بىر سىياسەت. خىتاي پەقەت 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، بۇ سىياسىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا، پىلانلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىدى.»

گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى دوكتور ئادريان زېنزنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى: بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە تەھلىل» سەرلەۋھىلىك ئىلمىي دوكلاتىدا كۆرسىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ مەركەزلىشىپ ‍ئولتۇراقلىشىش ھادىسىسىنى «سىياسىي تەھدىت» دەپ قارىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىم ۋادىسىدىكى نوپۇس نىسبىتىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى ئارىلاش ئولتۇراقلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» دېگەن نامدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ يۆتكەش، ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە لاگېرلارغا قاماش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغان. ئۇيغۇر رايونىغا مىليونلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرگەن. «ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىك» ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتى «ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇشىنى مەجبۇرىي چەكلەش» تەدبىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى قاتتىق كونترول قىلغان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي رەئىس شى جىنپىڭ ئېيتقان «قىلچىمۇ رەھىم قىلماسلىق» يوليورۇقىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا ئىككى يول تۇتقان: خىتايلاشتۇرۇش ۋە خىتايلاشمىغانلارنى يوقىتىش.»

دوكتور ئادريان زېنزنىڭ دوكلاتىدا يەنە مۇنداق مەزمۇنلار يەر ئالغان ئىدى: «ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئىجرا بولۇۋاتقان كۆپلىگەن نوپۇس كونتروللۇقى تەدبىرلىرى تۈپەيلىدىن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى ئازىيىپ، 2040-يىلىغا بارغاندا تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار توققۇز ياكى توققۇز يېرىم مىليونچە نوپۇستىن ئاشمايدۇ. ئەمما بۇ ۋاقىتقا بارغاندا، تارىم ۋادىسىدىكى تۆت ۋىلايەتتە خىتايلارنىڭ سانى ئاز دېگەندىمۇ ئىككى مىليونغا يېقىن كۆپىيىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ نوپۇستىكى نىسبىتى 20 پىرسەنتكە يېقىنلاپ قالىدۇ.»

ئادريان زېنز بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بۇ خىل ئاستا سۈرئەتلىك ئۆزگىرىشنى تاشقىي دۇنيا ئاسانلىقچە بايقىيالمايدۇ. بۇنداق بولغاندا سان جەھەتتە ئازايغان ئاھالىنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش ھەمدە كونترول قىلىش تېخىمۇ ئاسانغا چۈشىدۇ.»

ئاخىرىدا ئىلشات ھەسەن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئويغىنىشى كېرەك. خىتاي بۇ ئۇسۇللارنى ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى خوڭكوڭ ۋە تىبەتتىمۇ ئىشلىتىۋاتىدۇ. خىتاي دۇنياغا بىر بالايىئاپەت، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى توسۇش كېرەك.»