ئاتلانتىك مۇھاكىمىسى: «ئۇيغۇرلار مەسىلىسى قىرغىنچىلىق سۈپىتىدە ھەل قىلىنىشى لازىم!»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق باشلانغىلى ئالتە يىل بولغاندا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق تەشكىلات بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە بېغىشلانغان باھالاش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىلمىشى ھەققىدە توختىلىپ «خىتاي ھازىر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە چىقىرىلدى. بۇنىڭ بىلەن يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى پۇقراۋىي تەشكىلاتلار، ئاقىللار مەركەزلىرى ۋە بىر قىسىم غەرب ھۆكۈمەتلىرى قايتا-قايتا تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ئۇرۇنۇشلىرى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكى، بۇ خىل پىكىر ئېقىمىنىڭ قانداقتۇر ئامېرىكا ياكى باشقا بىر غەرب دۆلىتىنىڭ «سىياسىي ئويۇنى» ئەمەس، ئەكسىچە رېئاللىقنىڭ ئىنكاسى ئىكەنلىكى بىۋاسىتە ھالدا ئىسپاتلاندى. ئەنە شۇ سەۋەبتىن دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ساھەسى بۇ دوكلاتنى ھەمدە ئۇنىڭدىكى ئاخىرقى خۇلاسىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلىپ، بۇ ھال دۇنيا مىقياسىدا يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە زور داغدۇغا قوزغىدى.

نيۇ-يورك شەھىرىدىكى داڭلىق ئاقىللار مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاتلانتىك كېڭىشى (Atlantic Council) چاقىرغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئاتلانتىك كېڭىشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئادۋوكاتى رەيھان ئەسئەت رىياسەتچىلىك قىلدى. 2022-يىلى 19-سېنتەبىر.
نيۇ-يورك شەھىرىدىكى داڭلىق ئاقىللار مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاتلانتىك كېڭىشى (Atlantic Council) چاقىرغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئاتلانتىك كېڭىشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئادۋوكاتى رەيھان ئەسئەت رىياسەتچىلىك قىلدى. 2022-يىلى 19-سېنتەبىر. (atlanticcouncil.org)

ب د ت نىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى باش شتابىدا چاقىرىلغان 2022-يىللىق قۇرۇلتىيى باشلانغان مەزگىلىدە بۇ مەسىلە يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىندى ھەمدە قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلدى. نيۇ-يورك شەھىرىدىكى داڭلىق ئاقىللار مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاتلانتىك كېڭىشى (Atlantic Council) 19-سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن چاقىرغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى ئەنە شۇ خىل دۇنياۋى ئىنكاسلارنىڭ بىرى بولدى.

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە دۇنياۋى ئىنكاس» تېمىسىدىكى بۇ يىغىنغا ئاتلانتىك كېڭىشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئادۋوكاتى رەيھان ئەسئەت رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي كرىزىسنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، ب د ت نىڭ رولى قاتارلىقلارنى قىسقىچە ئەسكەرتىپ ئۆتكەندىن كېيىن يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى.

كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بوب رەي (Bob Rae) ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ب د ت غا ئەزا بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن ئىككى خىل ئەھۋال مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقاچان «ب د ت ئەھدىنامىسى» دا بەلگىلەنگەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلىپ باقمىغان. يەنە بىرى بولسا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا تەنقىدلەنگەن ھامان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «باشقىلار ئۆزىنىڭ پېشانىسىنى سىلىۋېتىپ ئاندىن گەپ قىلسۇن» دېگەن مەنتىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىرىشى بولغان. بۇنىڭدا ئۇلار ھەدىسە ئامېرىكا، كانادا ۋە ئاۋسترالىيەدىكى يەرلىك خەلقنىڭ قىرغىن قىلىنىشىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ: «باشقىلار ئۆزى قىلغان ئىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ بىزنى سوراققا تارتىۋاتىدۇ» دېگەن پىكىرنى ئالغا سۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق «بۇ ئىش بىلەن باشقىلارنىڭ نېمە كارى؟» دېگەن ئۇچۇرنى ئىپادە قىلغان. ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنمۇ ئۇلار تېزدىن بۇنى «قانۇنسىز ۋە ساختا دوكلات» دەپ جاكارلىغان. چۈنكى بۇ دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان باستۇرۇشلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئىكەنلىكىنى پاش قىلغان. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇلار بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىمزا قويغان خەلقئارا قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە پۈتۈنلەي خىلاپ بولغان قىلمىشلار ھېسابلىنىدۇ. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مىليونلىغان ئۇيغۇر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتقاندا يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ۋولكېر تۈرك (Volker Turk) نىڭ بۇ جەھەتتىكى مەجبۇرىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنى بۇ جەھەتتە ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، دەپ ئىشىنىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەتراپلىق پىلانلاش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگەن بۇ خىل كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان جازا تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

شۇ قاتاردا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى (ئا ق ش) نىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ئەلچىسى جېففېرىي پرېسكوت (Jeffrey Prescott) ئەپەندىمۇ ئالاھىدە سۆز ئالدى. ئۇ ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى باھالاش دوكلاتىغا يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر دىيارىدا بولۇۋاتقان ئىشلارغا دۇنيانىڭ تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇملارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئالدىن ئويلىشىدىغان مەسىلىلەردىن بولۇپ قالغانلىقىنى ئېنىق ئەسكەرتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىن ئويلىشىدىغان مەسىلىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئەنە شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن «شىنجاڭدا بولۇۋاتقان ئىشلار قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ قايتا مۇئەييەنلەشتۈرگەن. يەنە بىر ياقتىن دەل مۇشۇ خىل رېئاللىق تۈپەيلىدىن ئا ق ش نىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى توماس گرېنفېيلد خانىم (Thomas Greenfield) ب د ت مۇنبەرلىرىدە ئۇيغۇر دىيارىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش ھەققىدە كۆپ قېتىم سۆز قىلغان ھەمدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى دوكلاتنى بېسىپ قويماي ئېلان قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلغان. شۇڭا بۇ جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى تىلغا ئېلىپ ئەيىبلەپ قويۇشلا كۇپايە قىلمايدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قاتارىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھەلىرىنى مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغان. نۆۋەتتە بۇ قانۇن لايىھەلىرى ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ مۇشۇ خىلدىكى قانۇن لايىھەلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى بېسىشقا يۈزلەنگەن ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىمەكچى بولغان. ئەمدى بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىشقا باشلىغان. چۈنكى خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى زۇلۇمى ھازىر خىتاي چېگراسىدىن ھالقىپ خەلقئاراغا، جۈملىدىن ئامېرىكا تۇپرىقىغا كېڭەيگەن. بۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىقلار تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ زورايتىشقا موھتاج ئىكەن.

يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلۈكى مۇھاكىمە باسقۇچى بولۇپ، بۇنىڭدا ھەرقايسى ساھەدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەت ھەمدە كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. رەيھان ئەسئەت ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ تۈرمىلەرگە ئۆزگەرتىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ بەختىيار ھاياتى» ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقاتلىرى، تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى قايسى دەرىجىدە تارتقىنى قاتارلىقلارنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەچ ب د ت نىڭ دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلەرنى بولسىمۇ ھېسابقا ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئالدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردسونمۇ شۇ قاتاردا سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. شۇنداقلا بۇ قېتىمقى دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن ئىنكاسلارغا بەكمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشنىڭ لازىملىقىنى، بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى تارىخ يارىتىشنىڭ پەيتى كەلگەنلىكىدىن بېشارەت ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق دۆلەت قانۇندىن ئۈستۈن بولمايدىغان ئەھۋالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بۇ قەدەر ۋەھشىيانە مۇئامىلە قىلىشى توغرىسىدا دۇنيا مىقياسىدا سۈكۈتنى بۇزۇپ بىر ئورتاقلىق ھاسىل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىنىڭ بىر ئالاھىدە مېھمىنى شاھزادە زەئىد بىن ھۈسەيىن (Zeid bin Hussein) بولدى. نۆۋەتتە پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولۇپ ئىشلەۋاتقان زەئىد 2014-2018 يىللىرىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى بولۇپ ئىشلىگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئالىي كومىسسار بولغان مىشېل باچېلېتنىڭ دوكلاتى ھەققىدە سورالغان سوئالغا جاۋاب بەرگەندە ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭدىكى بەزى ئەجەللىك ئاجىزلىقلارنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. زەئىد ھۈسەيىننىڭ قارىشىچە، بۇ دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دۇنيا مىقياسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغايدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان ئەھۋالدا ئېلان قىلىۋېتىلگەن. شۇڭا مۇشۇنىڭ ئۆزى بىر مۇھىم قەدەم بولۇپ قالغان. ئەمما بۇنىڭدا ئىككى مۇھىم كەمچىللىك بولۇپ، بۇنىڭ بىرى كۆپلىگەن پاكىتلار يۇمشىتىۋېتىلگەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭدا «قىرغىنچىلىق» ئاتالغۇسى ئىشلىتىلمىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «ئەگەر مەن بولغان بولسام جەزمەن ‹قىرغىنچىلىق› دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتكەن بولاتتىم، ئۇنى چىقىرىۋەتمىگەن بولاتتىم» دېدى. .

ئۇنىڭ پىكرىچە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىق ب د ت نىڭ قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى تەبىرلىرىدە ئېيتىلغان مەزمۇننى ئەكس ئەتتۈرۈۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى يوقىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتىكەن. يەنە بىرى، ئالىي كومىسسار بولغان مىشېل باچېلېت بۇ دوكلاتقا يېزىلىدىغان تەۋسىيەلەردە ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياتچان بولۇپ كەتكەن. خىتاي ھەققىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى شۇنچە كۆپ يەكۈنلەرنى تەييار قىلىپ بەرگەن ئەھۋالدا مىشېل باچېلېت بۇنىڭغا مۇناسىپ تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئۆزىنى تارتقان.

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا ھەر ساھەدىن كەلگەن مۇخبىرلار ۋە تاماشىبىنلار بۇ قېتىمقى دوكلاتتىكى مەزمۇنلار، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى، خەلقئارانىڭ ئىنكاسى قاتارلىق كۆپلىگەن تېمىلار بويىچە سوئال سورىدى. نۆۋەتتە ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى باھالاش دوكلاتى خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتاي ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىشتە مۇھىم رول ئويناۋاتقان بولۇپ، ئەمدىكى قەدەمنىڭ قانداق بولۇشى ھەققىدە جىددىي مۇزاكىرىلەرگە يول ئاچقانلىقى مەلۇم.