ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق تاشقى دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن ئەركىن دۇنيادىكى خىتاي جامائەتچىلىكىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى ئىزچىل تۈردە ئوخشىمىغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇلاردىن بەزىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارا ئاقلاش مەيدانىنى تۇتقان بولسا يەنە بەزىلەر بۇ ھەقتىكى ئارىسالدىلىقى ياكى گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى. ئەنە شۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا ئەنگلىيەدىكى خىتاي مۇھاجىرلىرىغا ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىققۇچى كىشىلەرگە بىر قېتىملىق لېكسىيە بېرىش ئۈچۈن لوندون شەھىرىدىكى «ھالقىما خىتاي» (China Deviants) تەشكىلاتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئۆركەش دۆلەت ۋە رەھىمە مەھمۇتنى يېقىندا مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى.
يىغىندا ئۆركەش دۆلەت ئالدى بىلەن سۆز ئالدى. ئۇ تاماشىبىنلارغا 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدى-كەينىدە يۈز بەرگەن بىر قىسىم ئەھۋاللارنى ئەسلىتىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە غەرب دۇنياسىدا ئۆتكەن 30 يىل مابەينىدە ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن «خىتايغا ياخشىچاق بولۇش» يۈزلىنىشىنىڭ نۆۋەتتىكى دۇنياۋى مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا زېمىن ھازىرلىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۆركەشنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى، جۈملىدىن ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ ئىشەنچلىك ئىتتىپاقداشلاردىن بولغان ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن 30 يىلدا خىتاينىڭ خورىكى ئۆسۈپ كېتىشكە بىۋاسىتە سەۋەبچى بولغان.
بولۇپمۇ 1989-يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئۆزىنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى تانكا بىلەن قىيما-چىيما قىلىۋەتكەن بىر ھۆكۈمەتنى قاتتىق ئەيىبلىگەن غەرب دۇنياسى يەنىلا ساددىلىق بىلەن «خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە قۇدرەت تاپسا دېموكراتىيە ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا قاراپ ماڭىدۇ» دەپ ئىشەنگەن. كېيىنچە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى دۇنيا بىلىدىغان خىتاي تېررىتورىيەسى تەۋەسىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى قانداق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى كۆپلىگەن ئۇچۇرلار مەلۇم بولۇشقا باشلىغان. شۇ ۋاقىتتىمۇ غەرب دۇنياسى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ۋاقىتلىق ھادىسە، دەپ قارىغان. مانا ئەمدىلىكتە بۇ قاراشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خاتا ياكى قوپالراق قىلىپ ئېيتقاندا ھاماقەتلىك بولغانلىقى ئاشكارا بولغان.

ئۆركەش دۆلەتنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى دەپسەندىچىلىك قىلىشلىرى تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن بۇ مەسىلىنىى سۆھبەت ۋە چۈشىنىش يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش تەكلىپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇ قاتاردا ئىلھام توختىمۇ بۇ سەپكە قوشۇلغان. ئەمما ئىلھام توختىنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى ئەمەلىيەتتە بۇنىڭمۇ ئاقمايدىغان بىر چارە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بولۇپمۇ ئۇ 2010-يىلى بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە سۆز قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە ۋە گىتلېر ھاكىمىيىتىگە ئوخشاتقان. ئەمما غەرب دۇنياسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆركەشنىڭ بۇ سۆزلىرىنى «بەكلا ئاشۇرۇۋەتكەنلىك» دەپ مازاق قىلغان. ھالبۇكى، ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتمەيلا دۇنيا جامائىتى شى جىنپىڭنىڭ خۇددى گىتلېرغا ئوخشاش جازا لاگېرى قۇرۇپ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىغانلىقىغا شاھىت بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ مەسىلىدە ھەرقاچان «تېررورلۇق» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» نى باھانە قىلىپ، ئۆز قىلمىشلىرىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن. ئەمما بۇ يەردىكى مەسىلە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمىنى «تېررورلۇق» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» دەپ قارايدىغانلىقى ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ھېسابلىنىدۇ.
ئۆركەشنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلەۋاتقان ئاشۇ كىشىلەر «قارىسا كۆزى ئۇيۇپ تاشلىنىدىغان، سۆزلىسە تىلى كېسىلىدىغان» بىر بۇلۇڭغا قىستالغانلىقتىن ئۇلارنىڭ مۇتلەق ئۈمىدسىىزلىك قاپلىغان مۇھىتتا زورلۇق كۈچ ئارقىلىق ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلىتىشتىن باشقا ھېچقانداق تاللىشى قالمىغان. بۇنداق ئەھۋالدىكى ئاشۇ بىگۇناھ ئىنسانلارنى «تېررورچى» دەپ ئەيىبلەش ھېچقانداق مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس. «بۆلگۈنچىلىك» ھەققىدىكى بايانلارنىڭ ئوبيېكتى بولغان دالاي لاما ئەينى ۋاقىتتا «تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقى» ھەققىدىكى شوئاردىن ۋاز كەچكەن. چۈنكى شۇ ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان «سىياسىي داھىي» لار «مۇستەقىللىق شوئارىنى تەكىتلىسەك غەرب دۇنياسىنىڭ بىزگە ياردەم بېرىشى قىيىنغا چۈشىدۇ. خىتاي خەلقىمۇ بىزنى قوللاشتىن ۋاز كېچىدۇ» دەپ قارىغان. ئەمما شوتلاندىيە خەلقى ئەنگلىيەدىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغاندا، كۇيبەك ئاھالىسى كانادادىن مۇستەقىللىق سورىغاندا «مۇستەقىللىق» چۈشەنچىسى دېموكراتىيە مەۋجۇت بولغان بۇ ئەللەردە ھېچقانداق مەسىلىگە تاقاشمىغان. شۇنداق بولغانىكەن ھازىر «تىبەت» ياكى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىلىۋاتقان، شۇنىڭدەك زورلۇق كۈچى بىلەن خىتايغا قوشۇۋېلىنغان رايونلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىشمۇ مەسىلە بولماسلىقى، شۇنىڭدەك تېگىشلىك يوسۇندا ھۆرمەتلىنىشى لازىم. شۇڭا ئومۇمى جەھەتتىن قارىغاندا خىتاي غەربنىڭ ياردىمى بىلەن باي بولغانسېرى ئۇلارنىڭ كۆرەڭلىكى ۋە مۇتىھەملىكى خىتاي چېگراسىدىن ھالقىپ مانا ئەمدى غەرب دۇنياسىغا بىۋاسىتە قول تىقىشقا بېرىپ يەتكەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ 1990-يىللىرىدىكى مۇشتۇمزورلۇق قىلمىشى دەۋرىي ھالدا توختىماستىن ئايلىنىپ ھازىر تېخىمۇ زور كۆلەم ئالغان ھالدا دۇنياغا بىر ئورتاق تەھدىتنى پەيدا قىلىشقا تەرەققىي قىلغان.
يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە چۈشەنچە بەرگۈچىلەرنىڭ يەنە بىرى ئەنگلىيەدىكى كۆپكە تونۇلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ۋەكىلى رەھىمە مەھمۇد بولدى. . ئۇ لاگېرلار ھەققىدە ئاشكارا بولغان مەخپىي ھۆججەتلەردىكى لاگېر سۈرەتلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھالدا يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ كىم ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى قاتارلىق ئەھۋاللار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسە ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى»، 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى»، 2016-يىلىدىن باشلانغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى قاتارلىقلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ دەۋرىي ھالدا داۋام قىلىشىنىڭ ئىنكاسلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدىغان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ باققان بۇ زېمىننى خىتاي دۆلىتى زورلۇق كۈچى ئارقىلىق ئىشغال قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ھەرقاچان بۇ زېمىننىڭ قولدىن چىقىپ كېتىشىدىن، بۇ ماكاندىكى غايەت زور بايلىقتىن مەھرۇم قېلىشتىن ئەندىشە قىلىپ كەلگەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ ماكاندىكى خەلقنى يوق قىلىۋەتكەندىلا بۇ خىل ئەندىشىلەردىن خالىي بولغىلى بولىدۇ دەك قارىغان. دەل مۇشۇ خىل ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە خىتاي ھۆكۈمىتى دەسلەپكى قەدەمدە بۇ خىل باستۇرۇشنى لاگېر شەكلىدە كېڭەيتىپ مىليونلارچە ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماپ بولغان. نۆۋەتتە بولسا بۇ لاگېرلاردىكى قىرغىنچىلىقنىڭ كۆپلىگەن شەكىللىرى، روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلار، خورلۇقلار ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەك ھادىسىسىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى كۆپلەپ ئاشكارا بولۇشقا باشلىغان. بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم بىر مەزمۇن خىتايلار بىلەن مەدەنىيەت، كىملىك ياكى دىنىي ئېتىقاد ساھەسىدە ھېچقانداق ئورتاقلىقى بولمىغان ئۇيغۇرلارنى خىتاي قىلىپ ئۆزگەرتىش بولۇپ قالغان. .
مۇھاكىمە يىغىنىدىن كېيىن ئۆركەش دۆلەت ۋە رەھىمە مەھمۇد ئايرىم-ئايرىم ھالدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى مۇھاكىمە پائالىيەتلىرى مەلۇم دائىرىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى يورۇتۇپ بېرىش ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشى ۋە ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا.