خارۋارد لېكسىيەسى: «خىتاي ھۆججەتلىرىدە ئەكس ئەتكەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.04.05
«شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نېمە دەيدۇ؟ (1) «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» رەتلەپ چىققان «ساقچى ھۆججەتلىرى» دە بۇ سۈرەتنى ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان مانېۋىر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
kommunizm qurbanliri xatire fondi

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشى «يەھۇدىي زور قىرغىنچىلىقى» دىن بۇيانقى ئىنسانىيەتكە قارشى ئەڭ زور جىنايەت، دەپ قارىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان بۇنىڭ «ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى ئ‍ويناۋاتقان سۇيىقەست» ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تەتۈر تەشۋىقاتلارنىڭمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە بازار تېپىۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. ھالبۇكى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىققا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارا بولۇپ كېتىشى تۈپەيلىدىن بۇ ھەقتىكى بەزى بىلىنمىگەن ياكى سەل قارالغان مەسىلىلەرمۇ جامائەتچىلىككە مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. ئەنە شۇ خىل مەسىلىلەر قاتارىدا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقتىكى رولى دوكتۇر ئادريان زېنزنىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن لېكسىيەسىدە يەنە بىر قېتىم گەۋدىلەندى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ساھىبخانى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتايشۇناسلىق ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن پروفېسسورى مارك ئېلليوت (Mark C. Elliott) يىغىن ئەھلىگە ئادريان زېنزنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى رېئاللىقنىمۇ قىسقىچە تەسۋىرلەپ بەردى. ئادريان زېنز بۇ قېتىمقى لېكسىيەدە نۇقتىلىق قىلىپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە غەرب دۇنياسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى دەرگۇمان قىلىپ كېلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى. بولۇپمۇ قىرغىنچىلىقنىڭ مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكى، بۇ ھەقتىكى تەۋرەنمەس ئىسپاتلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، شۇنداقلا بۇنىڭ قىسمەن ياكى ئومۇمىي خاراكتېردىكى ھادىسە ئىكەنلىكى مەركىزىي تېمىلاردىن بولدى.

دوكتۇر ئادريان زېنزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىلمىي ماقالىلىرى ۋە دوكلاتلىرىدا ئىزچىل ئالغا سۈرۈلۈپ كەلگەن بىر مۇھىم نۇقتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقتا مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىك رول ئوينىشى ھەققىدىكى بايانلار ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىل خۇلاسىگە كېلىشىدىكى مۇھىم دەلىل-ئىسپاتلار قاتارىدا 2021-يىلى ئاشكارا بولۇپ كەتكەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى جاۋ كېجى مۇناسىۋەتلىك كادىرلارغا سۆزلىگەن «قەتئىي مەخپىي» نۇتۇقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن. ئۇ بۇ ھەقتىكى پاكىتلارنى يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىمۇ ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىۋاسىتە يېتەكچىلىق قىلىۋاتقان دۆلەت سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنىدى.

شى جىنپىڭ ۋە جاۋ كېجىنىڭ سۆزلىرىدىكى قانچىلىك كىشىنى «قايتا تەربىيەلەش» كە ئەۋەتىش، «نەسەبىنى ئۈزۈپ تاشلاش ۋە يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش» ھەققىدىكى كۆرسەتمىنى قانداق ئىجرا قىلىش، «دۈشمەن كۈچلەرگە قىلچىمۇ رەھىم قىلماسلىق» قاتارلىق مەزمۇنلار بىردەك مۇشۇ «مەخپىي ھۆججەتلەر» دە مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ سىياسەت ئاساسىنىڭ دەل بېيجىڭدىن كېلىۋاتقان يوليورۇقلار ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدا چېن چۇەنگو، ما شىڭرۇي، شۆھرەت زاكىر، ئەركىن تۇنياز قاتارلىقلارنىڭ پەقەت بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلغۇچى قورچاقلار ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەرگەن. شۇ سەۋەبتىن ئادريان زېنز ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلىشقا دەۋەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوخشاش بىر داڭلىق بىلىم يۇرتىدا مۇشۇنداق بىر لېكسىيەنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ھەققىدە سۆز بولغاندا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سابىق ئاسپىرانتلىرىدىن بولغان ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى قەيسەر مىجىت بۇنىڭ ئۆزگىچە ئەھمىيىتى بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

قەيسەر مىجىتنىڭ قارىشىچە، دوكتۇر ئادريان زېنز زامانىمىزدىكى زىيالىيلارنىڭ زىيالىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىدىكى ئۈلگىلىك شەخسلەردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ھەقىقەتنى پاكىتلار ئاساسىدا يورۇتۇپ بېرىشتەك روھى ھەقىقەتەن ماختاشقا سازاۋەر. .

نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئىلمىي تەتقىقات مەركەزلىرى ۋە بىلىم يۇرتلىرىدا مۇشۇ خىلدىكى لېكسىيەلەر كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ قوللاشقا ئىگە بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.