24-سېنتەبىر گېرمانىيەنىڭ نۈرنبېرگ شەھىرىدە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا سۆز قىلغان گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى باياناتچىسى گابرېللا خېيىنرىك خانىم، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ياۋروپا پارلامېنتى بىلەن بىرلىكتە بىر قارار چىقىرىش ئۈچۈن يول مېڭىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ يىل31-ئاۋغۇست بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتا خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار يىغىن چاقىرىپ، بۇ دوكلاتقا قانداق قاراش كېرەك؟ خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلەرنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك؟ دېگەنگە ئوخشاش تېمىلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلماقتا.
گېرمانىيەنىڭ نۈرنبېرگ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىنغا نۈرنبېرگ شەھەر باشلىقى ماركۇس كۆنىگ (Markus König) ئەپەندى، گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى باياناتچىسى گابرېللا خېيىنرىك (Gabri’ela Heinrich) خانىم، سانائەت ۋە تىجارەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ماركۇس لۆتزسچ (Markus Lötzsch) ئەپەندى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى كرىستىنە سچۈبلەر (CHristine SchüBler) خانىم ۋە ئەمگەكچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ستېپان دولل (Stephan Doll) ئەپەندىلەر قاتناشقان.

يىغىندا ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى بىلەن جازا لاگېرى شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي خانىم سۆز قىلغان. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەسقەر جان ئەپەندى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان تېمىلار توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «نۈرنبېرگ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى ئېلان قىلغان دوكلاتقا قانداق قاراش كېرەك؟ خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستاندا كارخانىسى بار چوڭ شىركەتلەر، خىتايغا قارىتا قانداق ئىستراتېگىيە ئېلىپ بېرىشى كېرەك؟ شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ؟ دېگەن تېمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىككى يېرىم سائەت داۋاملاشقان بۇ يىغىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا بۇنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ بۇنىڭ بىر قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى، خەلقئارانىڭ بۇنى قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىسا توغرا بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى».
ئەسقەر جان ئەپەندى نۈرنبېرگ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن چاقىرىلغان يىغىنغا 300 ئەتراپىدا كىشى قاتنىشىپ، قىزىقىپ ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «يىغىندا مەيلى لاگېرلاردا بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىق، مەيلى خانىم-قىزلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باسقۇنچىلىق، مەيلى خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بولسۇن ھەممىسىنىڭ قىرغىنىچىلىق سىياسىتى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. يىغىندا يەنە خىتاينىڭ كىچىك بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش قاتارلىق ئادەم قېلىپىدىن چىققان سىياسەتلىرى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلدى».
ئەسقەر جان ئەپەندى يىغىندا ئۆزلىرىنىڭ گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېىتراپ قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى؟ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى، چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى مەجبۇرىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇ يەردە بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىقنى كۆرمەسكە سېلىشقا بولمايدىغانلىقى، شۇڭا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى گېرمانلارنىڭ چوڭ شىركەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ ئۇلارنىڭ گېرمانىيە ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا ماسلاشقان-ماسلاشمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىندا بىز ھازىر خەلقئارادا ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەرنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يېتىپ ئاشىدىغانلىقى، شۇڭا گېرمانىيە باشتا ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردۇق».
يىغىننىڭ ئاخىرىدا سۆز قىلغان گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى باياناتچىسى گابرېلا خېيىنرىك خانىم خۇلاسە سۆزى قىلغان. ئەسقەر جان ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «يىغىندا ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان سوتسىيال دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى كىشىلىك ھوقۇق باياناتچىسى گابرېللا خانىم سۆز قىلىپ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ياۋروپا پارلامېنتى بىلەن بىرلىكتە بىر قارار چىقىرىش ئۈچۈن يول مېڭىۋاتقانلىقىنى دېدى».
يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن سايراگۈل ساۋۇتباي خانىمغا كۆپ قېتىم تېلېفون قىلىپ، ئۇچۇر يازغان بولساقمۇ جاۋاب ئالالمىدۇق.
ئىگىلىشىمىزچە گېرمانىيەنىڭ نۈرنبېرگ شەھىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ناتسىستلار سوتقا تارتىلغان شەھەر بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەر يىلى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى تارقىتىلىدىكەن. 2021-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى لاگېر شاھىتلىرىدىن سايراگۈل ساۋۇتقا بەرگەنىدى. شۇنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.