تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى سۆھبىتى: «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تۈنۈگۈن باشلانمىغان!»
2022.10.31

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ھەمدە بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار سىستېمىلىق شەرھلەنگەن ئەسەرلەردىن بىرى 2022-يىلى نەشردىن چىققان «قاچارغا يول يوق» سەرلەۋھىلىك ئەدەبىي ئەسەردۇر. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلنىڭ ھايات مۇساپىسى ئەدەبىي خاتىرە شەكلىدە بايان قىلىنغان بۇ ئەسەر ئارقىلىق غەرب ئوقۇرمەنلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسە ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە ئون يىللاپ داۋام قىلدۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تۈگىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ يۇغۇرى پەللىسى ئىكەنلىكىنى ئوڭايلا ھېس قىلالايدۇ. يېقىندا نۇرى تۈركەل تەكلىپ بويىچە تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بويىچە بىر مەيدان لېكسىيە بەردى. بۇ لېكسىيە بولسا ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن جانلىق بىر سائەتلىك دەرس بولدى.
تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ستىۋېن كوللىس (Steven Collis) ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ ئوقۇغۇچىلارغا نۇرى تۈركەل ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. شۇ قاتاردا نۇرىنىڭ غەرب دۇنياسىدا قازانغان شەرەپلىرى، خۇسۇسىي خىزمەتلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر پۇقراۋى جەمئىيەتلىرىنى بەرپا قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدىكى پائالىيەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى سۈپىتىدە ئوخشىمىغان سورۇنلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى ھەرقايسى ساھەگە ئاڭلىتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرى ھەمدە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىسلارغا بېغىشلانغان كۆپلىگەن ماقالە-ئەسەرلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. شۇنداقلا ئەنە شۇ خىل ئەسەرلەرنىڭ بىرى «قاچارغا يول يوق: ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى چىن ھېكايىلەر» نىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنىڭ ئەڭ جانلىق كارتىنىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
بۇ قېتىملىق لېكسىيەنىڭ رىياسەتچىسى، پروفېسسور شېنا گرېيتېنس (Sheena Greitens) نۇرى تۈركەلنى سۆزگە تەكلىپ قىلغاچ ئۇنىڭ «قاچارغا يول يوق» ناملىق ئەسىرىدىكى ئاساسلىق مەزمۇن ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى سورىدى. . نۇرى تۈركەل بۇ ئەسەردە ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ۋە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي كەچمىشلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئومۇمىي مەنزىرىنى غەرب جامائىتىگە قانداق تەسۋىرلەپ بەرگەنلىكى، شۇ قاتاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ قىرغىنچىلىق قىلمىشىدا سىياسىي، ئىقىتىساد، پەن-تېخنىكا ئامىللىرىنىڭ قانداق يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنلىكى، بۇ جەرياندا بىر مىللەتنىڭ قانداقلارچە يوق قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. شۇنداقلا ئۆزى تۇغۇلغان لاگېر سىستېمىسىنىڭ ئارىدىن يېرىم ئەسىر ئۆتكەندە قايتىدىن يامرىغانلىقىدەك بىر تۈپ ئىدىيە ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ زۇلۇملىرى ئەمەلىيەتتە ئۆزى تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا باشلىنىپ بولغانلىقىنى، ئۆزى ھازىر ئامېرىكا پۇقراسى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ھېلىھەم بۇ زىيانكەشلىكنىڭ قاباھىتىدىن قېچىشقا ئىلاج قىلالمىغانلىقى، ئامېرىكا پۇقراسى بولغان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئاشۇ خىل قاباھەتتىن قېچىشقا يول تاپالماي قېلىۋاتقانلىقى، نۆۋەتتە بۇ خىل زىيانكەشلىكنىڭ ۋاسىتىلىك بالاسى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق ئامېرىكا خەلقىگىمۇ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھازىر ھېچكىمنىڭمۇ بۇ زىيانكەشلىكتىن ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ھالدا قېچىشىغا ئىمكان قالمىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. .
نۇرى تۈركەل سۆزىنىڭ داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى يوق قىلىشنى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدىن باشلىغانلىقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. شۇ قاتاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارا ھالدا «نەسەبىنى ئۈزۈپ تاشلاش، يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش» شوئارىدا ئاستىدا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى قانداق ۋەيران قىلىۋاتقانلىقى، قىرغىنچىلىق داۋام قىلغىلى ئالتە يىل بولغاندا ئىككى-ئۈچ مىليون كىشىنىڭ لاگېرغا قامىلىپ بولۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خىتايچىلاشتۇرۇش» شوئارى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، تىلى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى قاتارلىق ھەممىلا نەرسىنى خىتايچىلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ھەرقاچان «تەھدىت» شەكلىدە تەسۋىرلىشى دېگەنلەرنىڭ بىردەك ئاشۇ تۈپ مەقسەدنى نىشان قىلغانلىقىنى جانلىق بايان قىلىپ بەردى. .
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قىرغىنچىلىق ۋە كرىزىس ئالدىدا قىلغان خىزمەتلىرى قاتارىدا نۇرى تۈركەل ئۇلارنىڭ بۇ زۇلۇملارنى پاش قىلىش جەھەتتە ئوينىغان رولى، شۇنىڭدەك قازاقىستان تەۋەسىدىكى قېرىنداش مىللەتلەردىن بولغان سابىق قازاق تۇتقۇنلارنىڭ بۇ جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى، بۇ جەرياندا ھەممىلا كىشى چۈشىنەلەيدىغان ۋە ھېسداشلىق قىلىدىغان «ئۇچۇر ئىستراتېگىيەسى» نىڭ قانداق تەدبىقلانغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە لاگېرلاردىكى قاباھەتنىڭ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «قىرغىنچىلىق» دەپ تەبىر ئېلىشتا ئاساس قىلغان قىز-چوكانلارنى تۇغالماس قىلىۋېتىش، ئۇيغۇر سەبىيلىرىنى ئاتا-ئانىلىرىدىن جۇدا قىلىۋېتىش قاتارلىق قىلمىشلار، ئۇيغۇر كرىزىسى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان «ئامېرىكا ئويناۋاتقان سىياسىي ئويۇن» توغرىسىدىكى سەپسەتىلەر ھەققىدىمۇ چۈشەنچە بەردى. غەرب دۇنياسىنىڭ بۇ قەدەر زۇلۇملار ئالدىدا بىر قاتار جازا تەدبىرلىرىنى ئالغانلىقىنى ئالاھىدە ئالقىشلىغان نۇرى تۈركەل نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن غەرب دۇنياسىدىكى كەڭ ئاۋام خەلقنىڭ «خىتايدا ئىشلەنگەن» دېگەن خەتلەر بېسىلغان تاۋارلارنى سېتىۋالماسلىقىمۇ بۇ جەھەتتىكى بىر مۇھىم قەدەم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
لېكسىيەدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئوخشىمىغان تېمىلار بويىچە سوئال سورىدى. نۇرى تۈركەل قىسقا ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ لايىقىدا جاۋاب بەردى. بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى نۇرى تۈركەل ئىندىئانا شتاتىدىكى خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېت بولغان نوتردام ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇشۇ تېمىدا ئاممىۋى لېكسىيە بەرگەن ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم لېكسىيە بېرىلگەن تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپلىگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، شتات باشلىقلىرى قاتارلىق بىر تۈركۈم سىياسىيونلىرى ۋە داڭلىق شەخسلەرنى تەربىيەلەپ چىققان ئالىي مەكتەپ بولۇپ، نۆۋەتتە ئوخشىمىغان كەسىپلەر بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان 52 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇماقتا.