«‪ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆرگەزمە پائالىيىتى قىزغىن ئالقىشلاندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز ۋە جۈمە تەييارلىدى
2024.04.17
Uyghur-irqiy-qirghinchiliq-korgezme-05

«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 16-ئاپرېل، نيۇ-يورك ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى/ئەزىز

Uyghur-irqiy-qirghinchiliq-korgezme-01

«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 16-ئاپرېل، نيۇ-يورك ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى/ئەزىز

Uyghur-irqiy-qirghinchiliq-korgezme-02

«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 16-ئاپرېل، نيۇ-يورك ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى/ئەزىز

Uyghur-irqiy-qirghinchiliq-korgezme-03

«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 16-ئاپرېل، نيۇ-يورك ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى/ئەزىز

Uyghur-irqiy-qirghinchiliq-korgezme-04

«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 16-ئاپرېل، نيۇ-يورك ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى/ئەزىز

Uyghur-irqiy-qirghinchiliq-korgezme-06

«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 16-ئاپرېل، نيۇ-يورك ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى/ئەزىز

Uyghur-irqiy-qirghinchiliq-korgezme-07

«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 16-ئاپرېل، نيۇ-يورك ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى/ئەزىز

Uyghur-irqiy-qirghinchiliq-korgezme-08

«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 16-ئاپرېل، نيۇ-يورك ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى/ئەزىز

Uyghur-irqiy-qirghinchiliq-korgezme-09

«ئېلىي ۋىزېل فوندى» جەمئىيەتنىڭ ھازىرقى رەئىسى ئېلىشا ۋىزېل (Elisha Wiesel) «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش، 2024-يىلى 16-ئاپرېل، نيۇ-يورك ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى/ئەزىز

Uyghur-irqiy-qirghinchiliq-korgezme-10

«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 16-ئاپرېل، نيۇ-يورك ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى/ئەزىز

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ تەدرىجىي ئۇنتۇلۇشقا باشلىغانلىقى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقاندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئېلى ۋىزېل (Elie Wiesel‪) فوندى قاتارلىقلار بىرلىكتە چاقىرغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى ئىككى كۈنلۈك مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مۇقەددىمىسى 16-ئاپرېل كۈنى نيۇ-يورك شەھىرىدە باشلاندى. شۇ كۈنى «ئاق ماكان» كۆرگەزمە زالىدا ئەتىگەن سائەت 10 دىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ جانلىق ھالدا يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىلىشى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىدى.

كۆرگەزمە زالىغا ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىدىغان پاختا، ئاليۇمىن، شوخلا، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان قىسقا تېكىستلەر ۋە مودېللار، شۇنىڭدەك بۇ ھەقتە ئالاھىدە ئىشلەنگەن تام رەسىملىرى قاتارىسىغا تىزىلغان ئىدى. بولۇپمۇ ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان ھەمدە «خىتايدا ئىشلەنگەن» دەپ تامغا بېسىلغان شوخلا (پەمىدۇر) قىياملىرى، كىيىم-كېچەكلەر ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا لاگېرلارغا قامىۋەتكەن مىليونلارچە تۇتقۇننىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلىنىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بىلەن غەرب دۇنياسىدىكى مىليونلىغان ئىنساننىڭ ئۆزلىرىمۇ بىلمىگەن ھالدا بۇ خىل ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە شېرىك بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى. كۆرگەزمە زالىدا ئوخشىمىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىنى نەق مەيداندىن سۈرەتكە ئېلىشى، شۇنىڭدەك توپ-توپ كىشىلەرنىڭ بۇ كۆرگەزمىدىن ھاڭ-تاڭ قېلىشى بۇ ساھەدىكى مەسىلىنىڭ زور دىققەت قوزغاۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە ئىدى.

«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 16-ئاپرېل، نيۇ-يورك
«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 16-ئاپرېل، نيۇ-يورك
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى/ئەزىز

 «ئېلى ۋىزېل فوندى» نىڭ رەئىسى ئېلىشا ۋىزېل (Elisha Wiesel) بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە پائالىيىتىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە باسقۇچىدا ئالاھىدە سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتقاندا جازا لاگېرلىرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ بۇنىڭ ئەڭ چوڭ قۇربانلىرىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ «بىز بۇ جىنايەتلەرنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىشىگە قاراپ تۇرمايمىز. بىز بۇنى توسۇش ۋە بۇ ئۇرۇنۇشلارنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز» دېدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ۋەكىلى رەھىمە مەھمۇت يىغىن ئەھلىگە لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن گۈلنىسا ئىمىننىڭ شېئىرلىرىدىن پارچىلارنى ئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر يۈزىنى تەسۋىرلەپ بەردى. ئارقىدىنلا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى 1960-يىللاردا دۇچ كەلگەن سىياسىي تەقىبنىڭ ۋە باستۇرۇشلارنىڭ مەھسۇلى بولغان «تارىم بويىدا» ناملىق ناخشىنى، شۇنىڭدەك «ئاچىل» ناخشىسىنى ئورۇنلاپ، نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە يېڭى ھادىسە ئەمەسلىكىنى، شۇنىڭدەك بۇنىڭ ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ روھىنى تۈپ يىلتىزىدىن قىرقىپ تاشلاشقا قادىر بولالمىغانلىقىنى ۋاسىتىلىك ھالدا بايان قىلىپ بەردى.

«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 16-ئاپرېل، نيۇ-يورك
«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2024-يىلى 16-ئاپرېل، نيۇ-يورك
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى/ئەزىز

بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە باش تېما بولغان قىرغىنچىلىقنىڭ بىۋاسىتە شاھىتلىرىدىن زۇمرەت داۋۇت كۆرگەزمە ئەھلىگە ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا لاگېر ۋە تۈرمىلەردىكى تۈرلۈك قاباھەتلەرنى قىسقىچە قىلىپ تونۇشتۇردى. شۇنىڭدەك بۇنىڭ «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا نىقابلانغان تىۋىشسىز قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق ھەر ساھە كىشىلىرىنى تولىمۇ تەسىرلەندۈردى. پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەتئاي ئەركىن رادىيومىزغا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى مۇشۇنداق ئۆزگىچە شەكىلدە لايىھەلەپ چىقىش خىزمىتىگە يېقىندىن ياردەمدە بولۇش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇشۇ خىل جانلىق ئۇسۇلنى قوللانغاندا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى تېخىمۇ روشەن ھالدا تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولىدىكەن.

بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە 17-ئاپرېلدىن باشلاپ ئېچىلىدىغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى ئىككى كۈنلۈك مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ، بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى توغرىلىق رادىيومىز داۋاملىق خەۋەر بېرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.