ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ياۋروپا ئەللىرىدە ھەر ساھە كىشىلىرىگە ئاڭلىتىلغان
2023.03.27

ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى، 19-مارتتىن 22-مارتقىچە پولشا پايتەختى ۋارشاۋادا بىر قاتار مۇھىم پائالىيەتلەرنى ۋە ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغان.
ئاندىن ئۇلار 23-24-مارت كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندە زىيارەتتە بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى مارتىن تۈممەل (Martin Thümmel) ئەپەندى ۋە بەزى تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان، شۇنداقلا بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئابدۇلھەكىم ئىدرىسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتىدە پولشادىكى پائالىيەتلىرى ئالاھىدە ئۈنۈملۈك بولغان. ئۇلارنىڭ پولشا زىيارىتىدىكى ئەڭ زور ئۇتۇق، ئاخبارات ئورگانلىرى، ئەقىل ئامبارلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا بولغان قىزىقىشى بولغان.
ئۇلار 18-مارت پولشا پايتەختى ۋارشوۋاغا يېتىپ كېلىپ، 20-مارت كۈنى مەركىزى ئامېرىكادىكى خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنىستىتۇتى، يەنى ئامېرىكادىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ دېموكراتىيە، دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى تەرغىپ قىلىدىغان ئورگانىنىڭ ۋارشاۋادىكى ئىشخانىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن ۋە دوكلات بەرگەن.
ئابلېكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز پولشادىكى پائالىيىتىمىزنى 20-مارت ئەتىگەن خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىشخانىسىدا يىغىن چاقىرىش بىلەن باشلىدۇق. بۇ يىغىنغا ئوبزورچىلار ۋە مۇخبىرلار ئىشتىراك قىلدى. بىز ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردۇق. ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردۇق. بۇ ئوبزورچىلار ۋە مۇخبىرلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىن خەۋىرى بولسىمۇ، لېكىن تەپسىلاتىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»
21-مارت كۈنى ئەتىگەن ۋارشاۋادىكى دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ ئىشخانىسىدا ۋارشاۋادا تۇرۇشلۇق چەت ئەللىك دىپلوماتلار بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىنغا 20 دىن كۆپ دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرى ئىشتىراك قىلغان. ئابلېكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «21-مارتتا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشخانىسىدا يىگىرمىگە يېقىن دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرىغا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق. بۇ يىغىنغا ئېستونىيەنىڭ باش ئەلچىسى مىكو ھالجاس (Mico Haljas) ئەپەندى ۋە نورۋېگىيە ئەلچىسىمۇ قاتناشتى. ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋارشاۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىدىنمۇ خادىملار قاتناشتى. بۇ دىپلوماتلار ئەڭ كۆپ تۆۋەندىكى ئىككى سوئالنى سورىدى. بىرىنچىسى، ئۇيغۇرلار ھەم تۈركىي مىللەت ھەمدە مۇسۇلمان، شۇنداق تۇرۇقلۇق، بۇ مەسىلىگە نېمە ئۈچۈن تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى يېتەرلىك دەرىجىدە ئىگە چىقمايدۇ؟ ئىككىنچىسى، خىتاي بىلەن رۇسيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئۇيغۇرلار قانداق قارايدۇ؟ بىزمۇ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە تىرىشتۇق.»
ۋارشاۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكلات جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار بەس-بەس بىلەن سوئال سوراپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بۇ دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بىر قىز ئوقۇغۇچى ئۇلاردىن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلمايۋاتقانلىقىنى سورىغان: «سىز تۈركىيەگە بارغانمۇ؟ تۈركىيە سىزنى تەكلىپ قىلدىمۇ؟ تۈركىيە قاتارلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلمايدۇ؟ بىز ئۇيغۇرلارنى بىلىمىز، لېكىن ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىز دېگەندەك دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتۇق. بىز نېمىلەرنى قىلىپ بېرەلەيمىز؟»
روشەن ئابباس بىلەن ئابدۇلھېكىم ئىدرىسنىڭ پولشا پايتەخى ۋارشاۋادا ئېلىپ بارغان 3 كۈنلۈك زىيارىتى داۋامىدا پولشادىكى سىياسەتچىلەر، دۆلەتلىك ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى، دىپلوماتلار، ئەقىل ئامبارلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئۇچراشقان، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا لېكسىيە سۆزلىگەن. ئۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلدۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى دەلىل-ئىسپاتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. ئىگىلىشىمىزچە، بۇ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ پولشادا تۇنجى قېتىم بۇنداق كەڭ دائىرىدە ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلىتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. روشەن ئابباس خانىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
ئابدۇلھېھىم ئىدرىس ئەپەندى گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى مارتىن تۈممەل ئەپەندى ۋە ئەقىل ئامبارلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا دائىر بەزى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.
روشەن ئابباس بىلەن ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئىككەيلەن ۋارشاۋاغا كېلىشتىن بۇرۇن، يەنى 13-مارتتىن 16-مارتقىچە 3 كۈن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، گىرېتسىيە دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن ئۇچراشقان، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلار توغرىلىق دوكلات بەرگەن. ئۇلار، 16-17-مارت كۈنلىرى يەنە چېخىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى مارېك ھىلسېر، پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىرى ئوبېرفالسېر قاتارلىقلار بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەر ئۆتكۈزگەن.