تۈركىيە «ئىلمىي تەتقىقات ئىنستىتۇتى» : «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا يېڭى ۋاسىتىلەر قوشۇلغان»
2024.01.12

ئەنقەرەدىكى «ئاكادېمىيلىك (ئىلمىي) تەتقىقات ئىنستىتۇتى» دەپ ئاتالغان مەخسۇس تۈرك دۇنياسى ئىلمىي تەتقىقات ئورگىنى تۈرك دۇنياسىنىڭ 2023-يىلى دېكابىر ئېيىدىكى مۇھىم ۋەقەلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئائىت دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىملىق دوكلاتتا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ شۇنچە بېسىمىغا قارىماستىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا يېڭى ۋاسىتىلەرنىڭ قوشۇلۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ھەر ئاي بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان ئايلىق دوكلاتتا تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى قاتارىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكىمۇ مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىلغان. ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىدىغان كەڭ كۆلەملىك زىيانكەشلىكىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ خىتايچە مائارىپ ۋە تەربىيە ئارقىلىق خىتايلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى، بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سىن كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئاشكارىلانغانلىقى بايان قىلىنغان. دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تېزلىتىش ئۈچۈن قايتىدىن لوپنۇردىكى يادرو قوراللىرى يەر ئاستى سىناق قۇرۇلۇشىنى مەخپىي كېڭەيتىۋاتقانلىقىغا ئورۇن بېرىلگەن. دوكلاتتا، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغان خەۋەرلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئېلان قىلغان دوكلاتلار ئارقىلىق يالغان ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقى بايان قىلىنغان. دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن 9-دېكابىر «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق» كۈنىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولغان ئىلھام توختىنى 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. قىسقىسى دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر «ئىلمىي تەتقىقات ئىنستىتۇتى» تەييارلىغان دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن مەزكۇر دوكلاتنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» بۆلۈمىنى تەييارلىغان مۇتەخەسسىس ئەلچىن ياۋۇز ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئەلچىن ياۋۇز ئەپەندى مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان تۈرك دۇنياسىنىڭ قانىغان يارىسىدۇر. شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدىكى زېمىندۇر. شەرقىي تۈركىستانسىز تۈرك دۇنياسى بولمايدۇ. شۇڭا بىز ھەر ئايلىق دوكلاتىمىزدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان ھەر تەرەپلىمىلىك زىيانكەشلىكلەرگە ئورۇن بېرىۋاتىمىز. بۇ ئايلىق سانىدىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئالاھىدە ئورۇن بەردۇق» .
ئۇ يەنە «تۈرك دۇنياسى دوكلاتى» ناملىق ئايلىق دوكلاتنى چىقىرىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسىتىمىز، تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ۋە دوكلاتلاردا مۇستەقىل تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئورۇن بېرىلىۋاتىدۇ. ئامما تۈرك دۇنياسى ئۇقۇمى پەقەتلا مۇستەقىل تۈرك دۆلەتلىرى بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. بىز تۈرك مىللەتچىلىرىنىڭ تۈرك دۇنياسى ئۇقۇمى تۈركىي مىللەتلەر تۇرۇۋاتقان ھەممە جاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا بىز تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك. تۈرك دۇنياسى ئۇقۇمى، تۈركىيە، ئەزەربەيجان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق مۇستەقىل دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، شەرقىي تۈركىستان، قىرىم، مۇسۇل ۋە كەركۈك دېگەن جايلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا بىز ھەر ئاي يۇقىرىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ كۈن تەرتىپىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا دوكلات تەييارلاپ ئېلان قىلىۋاتىمىز. بۇ دوكلاتنى تەييارلاشتىكى ئەڭ مۇھىم مەقسىتىمىز بېسىم، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان تۈركىي خەلقلەرنىڭ دەردىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشتىن ئىبارەت».
تۈركىيە تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە تىجارەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە. شۇڭا تۈركىيەدە نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى تەتقىقات مەركەزلىرى بۇ خىل دوكلاتلارنى چىقارغاندا پەقەتلا مۇستەقىل دۆلەتلەر توغرىسىدا توختىلىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىگە ئورۇن بېرىلىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئەنقەرەدىكى مەزكۇر ئىلمىي تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلاردىن سىرت گىرېتسىيە، شىمالىي ئىراق، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، قىرىم يېرىم ئارىلى ۋە سۈرىيەدىكى تۈركىي خەلقلەر دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگىمۇ مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىلغان.