ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر سىياسىي باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق خەلقئارانىڭ كۈن تەرتىپكە كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە قاتتىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى زىيالىيلار ئىكەنلىكى چەتئەلدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن ياخشى بىلىنمەي كەلمەكتە. بۇ خىل رېئاللىقنى نەزەردە تۇتقان «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەر جان ئەپەندىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2-ئاينىڭ 22-23-كۈنلىرى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن براندېنبۇرگ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن رەسىم كۆرگەزمىسىدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا.
بۇ ھەقتە نەق مەيداندا تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنۋەر جان ئەپەندى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ پاجىئەسىنى مەركەز قىلغان بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ، بۇ كۆرگەزمىگە كېسىۋېتىلگەن ۋە لاگېرلارغا قامالغان ئابدۇقادىر جالالىدىن، پەرھات تۇرسۇن، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى قاتارلىق 50 ئەتراپىدا ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ رەسىملىرىنى چوڭايتىپ، ئاستىغا قىسقىچە چۈشەندۈرۈش يېزىپ 22-فېۋرالدا خىتاينىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا تىزىپ كۆرگەزمە قىلغانلىقىنى، 23-فېۋرال كۈنى بولسا بېرلىندىكى براندېنبۇرگ مەيدانىدا كۆرگەزمە قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەنۋەر جان ئەپەندى ئالدى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمە ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «22-فېۋرال چارشەنبە كۈنى بېرلىندە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نارازىلىق نامايىشىمىزنى قايتا باشلىدۇق. ئۆتكەن يىلى 9-دېكابىر كۈنى تۇنجى قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان لاگېرغا سولانغان ناھەق جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان، يوقاپ كەتكەن زىيالىيلاردىن 50 كىشىنىڭ رەسىملىرى بىلەن نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرگەنىدۇق. ئەمدى يەنە مىيۇنخېندىن كېلىپ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا 50 زىيالىينىڭ سۈرىتىنى ئېسىپ ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى، ئاقىۋىتىنى ۋە خىتاي خەلقىنىڭ خەلقىمىزگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى مەزمۇن قىلغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقاتتۇق».

23-فېۋرالدىكى پائالىيەت بېرلىن شەھىرىدىكى ئەڭ قايناق ساياھەت نۇقتىسى بولغان براندېنبۇرگ دەرۋازىسى ئەتراپىدىكى ئاممىۋى مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭغا قىزىققۇچىلارمۇ كۆپ بولغان. مەزكۇر مەيدان ئەتراپىدا دۆلەت ئىدارىلىرىمۇ ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۇ مەيداندىن ئۆتكەن نۇرغۇن كىشىلەر كۆرگەزمە ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق كرىزىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئاڭلىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بېرلىندە تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى غەيۇر قۇربان ئەپەندى نەق مەيداندىن بىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن 2-ئاينىڭ 23-كۈنى گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىن شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ كېلىدىغان ۋە ھۆكۈمەت ئىدارىلىرى جايلاشقان براندېنبۇرگ دەرۋازىسى ئالدىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاڭلىتىلغان كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ قىسمىتىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز».

بېرلىندىكى براندېنبۇرگ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ قىسمىتى ئاڭلىتىلغان كۆرگەزمىنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلغان فرانسۇز ساياھەتچى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن فىرانسىيەدىن بېرلىنگە ساياھەت قىلغىلى كەلدىم. بۇ كۆرگەزمىنى كۆردۈم. ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەردىن كۆڭلۈم يېرىم بولدى. كىشىلىك ھوقۇقى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشىشىنى، ئادالەتكە ئىگە بولۇشىنى تىلەيمەن».
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۆتكۈزۈش پىلان قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىققا قارشى بولغان تەدبىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئازراق بولسىمۇ تۈرتكە بولۇشى ئۈمىد قىلىنماقتىكەن. ئەنۋەر جان ئەپەندى بۇ كۆرگەزمىنى ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا مىيۇنخېندا باشلاتقانلىقىنى، ئۈچ ئايدىن بۇيان بېرلىندە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.