بىلىمخۇمار ئۇيغۇر قىزى رەيھاننىسا كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى

0:00 / 0:00

ئەنگلىيەدىكى كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يېڭى ئوقۇش يىلىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 20 مىڭدىن ئارتۇق يېڭى ئىستۇدېنتلارنى كۈتۈۋالىدىكەن. يېڭى ئىسىتۇدېنتلار قاتارىدا ئەنگلىيىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن 18 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى رەيھاننىسا ھاجى بۇ يىل تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىئولوگىيە كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇ بۇ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان ئۇيغۇر ئىستۇدېنتلىرىنىڭ بولۇپ قالدى.

1209-يىلى قۇرۇلغان، 1231-يىلى ئىنگىلىيە پادىشاھى ھېنرى III تەرىپىدىن خان جەمەتى نىزامنامىسىگە ئېرىشكەن كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنگلىز تىلى دۇنياسىدىكى ئىككىنچى قەدىمكى ئۇنىۋېرسىتېت ھېسابلىنىدۇ. كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، پۈتۈن دۇنيادىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان ياۋروپادىكى ئالىي بىلىم يۇرتىدۇر.

سوئاللىرىمىزغا ئۇيغۇر ئانا تىلىدا راۋان جاۋاب بەرگەن رەيھاننىسا ئۆزىنىڭ كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشنى بۇرۇندىن تارتىپ كۆڭلىگە پۈكۈپ تىرىشىپ كەلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى غايىلىرى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتايدىن تارقىلىپ دۇنياغا ئاپەت سېلىۋاتقان كورونا ۋىرۇسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولغان قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگىيە كەسپىدە ئوقۇشنى تاللىغان ئىكەن.

ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى سۈپەتلىك ئالىي مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە قىلىشقا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ئىگىلىشىمىزچە، رەيھاننىسانىڭ ئانىسى قۇرباننىسا چەتئەلدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن پەرزەنتلىرىنى بىلىمگە تايىنىپ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ياراملىق ئەۋلاد بولۇشقا يېتەكلەپ كەلگەن ئىكەن.

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى(NASA) نىڭ ئوپتىكا ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ بىلىم ئىزدەش يولى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئۇيغۇر ياشلىرىغا تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى دۇنياۋى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇشقا يېتەكلەپ كەلمەكتە. ئۇ بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئەلا نەتىجە بىلەن كامبرىج ئۇنىۋېرستېتىگە قوبۇل قىلىنغانلىقىدىن بەكمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدىكى جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا كىرىپ ئورۇن تۇتۇشىدا داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇشمۇ ئىنتايىن ھالقىلىق رول ئوينايدىكەن. شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلۇق سالاھىيىتى بىلەن داڭدار ئۇنىۋېرستېتلاردا كۆپلەپ ئوقۇش ۋە يېتىلىشى، خەلقئارا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئوبرازىنى تىكلەشتە ئىجابىي رول ئوينايدىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خۇددى دوكتور ئەركىن سىدىق ۋە قۇرباننىسا خانىمغا ئوخشاشلا چەتئەللەردە تۇغۇلۇپ ئۈسكەن ۋە غەرب مائارىپ مۇھىتىدا يېتىلىۋاتقان پەرزەنتلىرىدىن ئۇيغۇر مىللىتىگە سۆيگۈ ۋە مەسئۇلىيەت كۈتمەكتە.

رەيھاننىسانىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ خىل داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا بىۋاسىتە قوبۇل قىلىنىش ئۈچۈن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى نەتىجىلىرى، تىل ۋە ماتېماتىكىغا ئوخشاش ئاساسىي پەن ئىمتىھان نەتىجىلىرى ياخشى بولسىلا كۇپايە قىلمايدىكەن. ئەگەر ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتېتقا ئۆتمەكچى بولسا ياكى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشمەكچى بولسا، چوقۇم يۇقىرى سۈپەتلىك ئىلمىي ماقالە يېزىش تەلەپ قىلىنىدىكەن. رەيھاننىسا ئۆزىنىڭ ئىلمىي ماقالىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە يازغان ئىكەن.

كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆز تارىخىدا داڭلىق ماتېماتىك، ئالىم، سىياسەتچى، ئادۋوكات، پەيلاسوپ، يازغۇچى، ئارتىس، پادىشاھ ۋە دۆلەت باشلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن داڭلىق شەخسلەرنى تەربىيەلىگەن. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ھەققىدىكى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇغانلاردىن 2019-يىلى ئۆكتەبىرگە قەدەر، 120 كىشى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئەنگلىيەنىڭ 14 نەپەر باش مىنىستىرى كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنلەر ياكى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت مەلۇم باغلىنىشى بار كىشىلەر ئىكەن.