ئۇيغۇر قىزى دىلناز تىلايېۋا دۇنيا مۇسابىقىسىدە «بىرىنچى مەلىكە ئورۇنباسارى» ئاتىقىغا ئىگە بولدى

0:00 / 0:00

قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستانلىق ئۇيغۇر قىزى دىلناز تىلايېۋا ۋيېتنامنىڭ خۇجىمىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «يەر شارى مەلىكىسى-2023» مۇسابىقىسىدە «بىرىنچى مەلىكە ئورۇنباسارى» دېگەن ئاتاققا ئىگە بولغان.

قازاقىستاننىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى بولغان «نۇر قازاقىستان» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «دىلناز تىلايېۋا خەلقئارا ‹يەر شارى مەلىكىسى – 2023› گۆزەللەر مۇسابىقىسىنىڭ ‹ئالدىنقى قاتاردىكى 8 نامزات› تىزىمىگە كىردى» ناملىق ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بىر ئاي مابەينىدە قىزلار مۇسابىقىنىڭ ھەر خىل باسقۇچلىرى بولۇپ ئۆتتى. 22-دېكابىردا ئۇزۇندىن بۇيان كۈتكەن ئاخىرىقى باسقۇچ يېتىپ كەلدى. قازاقىستانلىق گۈزەل قىز دىلناز تىلايېۋا كۆپلىگەن رىقابەتچىلىرىدىن ئۈستۈن كېلىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى سەككىز نامزات تىزىمىغا كىردى. بۇ مۇسابىقىگە ھەر قايسى ئەللەردىن 87 نەپەر كىشى قاتناشقان ئىدى. دىلناز ياڭراق ئاۋازى بىلەن ئۆزىنى تونۇتتى. سەھنىدە ئۆز ماھارىتى ۋە گۈزەللىكى بىلەن باشقىلارنى قايىل قىلىپ، ‹بىرىنچى مەلىكە ئورۇنباسارى› ئاتىقىغا ئىگە بولدى.»

«يەر شارى مەلىكىسى-2023» مۇسابىقىسىدە «بىرىنچى مەلىكە ئورۇنباسارى» دېگەن ئاتاققا ئىگە بولغان دىلناز تىلايېۋا ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە چۈشكەن خاتىرە سۈرەت. 2023-يىلى، دېكابىر، ئالمۇتا
«يەر شارى مەلىكىسى-2023» مۇسابىقىسىدە «بىرىنچى مەلىكە ئورۇنباسارى» دېگەن ئاتاققا ئىگە بولغان دىلناز تىلايېۋا ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە چۈشكەن خاتىرە سۈرەت. 2023-يىلى، دېكابىر، ئالمۇتا (RFA/Oyghan)

ئىگىلىشىمىزچە، دىلناز تىلايېۋا بۇ مۇسابىقىدە يەنە «ئەڭ چىرايلىق كەچلىك كۆڭلەك» تۈرى بويىچىمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. مەزكۇر گۈزەللەر مۇسابىقىسىدە ئالبانىيەلىك درىتا زىرى «يەر شارى مەلىكىسى» بولۇپ تاللانغان، قالغان يەتتە نامزات ھەر خىل دەرىجىدىكى شەرەپ ناملىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن.

قازاقىستاننىڭ «نوۋوئې پوكولېنىيې»، يەنى «يېڭى ئەۋلاد» گېزىتى «قازاقىستان گۈزىلىنىڭ دۇنياۋى ئۇتۇقى» ناملىق خەۋىرىدە دىلناز ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «قازاقىستان ئۆزىنىڭ گۈزەل ۋەكىلى بىلەن پەخىرلىنىدۇ. ئۇ پەقەت گۈزەللىككىلا ئىنتىلىپ قالماي، بەلكى يەنە ھەر بىرىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقىمۇ ئاكتىپ ئارىلاشماقتا. دىلنازنىڭ ‹يەر شارى مەلىكىسى-2023› مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى سەككىز نامزات تىزىمىغا كىرىشى، پەقەتلا ئۇنىڭ شەخسىي ئۇتۇقى ئەمەس. بۇ بىزنىڭ كائىناتتىكى ئومۇمىي ئۆيىمىز-يەر شارىغا بولغان جاۋابكارلىق تۇيغۇمىزدۇر.»

«يەر شارى مەلىكىسى-2023» مۇسابىقىسىدە «بىرىنچى مەلىكە ئورۇنباسارى» دېگەن ئاتاققا ئىگە بولغان دىلناز تىلايېۋا. 2023-يىلى، دېكابىر، خۇجىمىن
«يەر شارى مەلىكىسى-2023» مۇسابىقىسىدە «بىرىنچى مەلىكە ئورۇنباسارى» دېگەن ئاتاققا ئىگە بولغان دىلناز تىلايېۋا. 2023-يىلى، دېكابىر، خۇجىمىن (RFA/Oyghan)

دىلناز تىلايېۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن 2022-يىلى نويابىردا ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹قازاقىستان مەلىكىسى› مۇسابىقىسىدە ‹يەر شارى مەلىكىسى› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن مەن ۋىيېتنامدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مۇسابىقىگە جىددىي تەييارلاندىم. 27-نويابىردا مەن ۋىيېتنامنىڭ خۇجىمىن شەھىرىگە ئۇچۇپ باردىم. مېنى پۈتكۈل قازاقىستانلىقلار قوللىدى. مەن بۇنىڭغا ناھايىتى خۇشال بولدۇم. بۇ مېنىڭ چوڭ ئۇتۇققا ئېرىشىشىمگە كۈچلۈك مەدەت بولدى. ۋىيېتنامدا بىز بىر ئاي تۇردۇق ۋە مۇسابىقىگە تەييارلاندۇق. ھەر كۈنى ھەر خىل باسقۇچلاردا ئۆزىمىزنى سىنىدۇق. 2-دېكابىردا دالات شەھىرىدە مىللىي كىيىملەر بويىچە ئاخىرىقى باسقۇچ بولدى ۋە سۇ ئۈزۈش كىيىملىرى بىلەن سەھنىگە چىقتۇق. ئاندىن 4-دېكابىردا ئەڭ ياخشى ئېكولوگىيەلىك لايىھەنى تونۇشتۇرۇش بولۇپ ئۆتتى. شۇنداقلا رەسىمگە چۈشۈش، تالانت شوۋلىرى، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق باسقۇچلار بولۇپ ئۆتتى. شۇلارنىڭ بىرىدە مەن ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇللىرىدىن ‹چىنە ئۇسسۇلى› نى ئورۇندىدىم.»

دىلناز تىلايېۋا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىللە چۈشكەن خاتىرە سۈرەت. 2023-يىلى، دېكابىر، ئالمۇتا
دىلناز تىلايېۋا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىللە چۈشكەن خاتىرە سۈرەت. 2023-يىلى، دېكابىر، ئالمۇتا (RFA/Oyghan)

دىلناز تىلايېۋا يەنە 22-دېكابىردا ئۇزاقتىن بۇيان كۈتكەن ئاخىرىقى باسقۇچ بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا بارلىق مۇسابىقە قاتناشقۇچىلىرىنىڭ كېچە-كۈندۈز ئۇخلىماي دېگۈدەك تەييارلىق قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭمۇ ياخشى نەتىجىسى بولدى. مەن ئۆزۈمنى يۇقىرى دەرىجىدە كۆرسىتەلىدىم. راستىنى ئېيتسام، دۇنيا دەرىجىسىدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشىش، مەن ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن ۋەقە بولدى. مەن قازاقىستاندىمۇ تەبىئىي چىرايلىق قىزلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى دەلىللىدىم. مەن شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى نامايىش قىلالىدىم. ئۇلار مېنىڭدىن ‹نېمە ئۈچۈن مۇشۇ ئۇسسۇلنى تاللاۋالدىڭىز؟› دەپ سورىغىنىدا، مەن ‹بىزنىڭ گۈزەل قازاقىستان-كۆپ مىللەتلىك ئەل، بىزدە 130 دىن ئوشۇق مىللەت ياشايدۇ، بىز بىر ئائىلىدەك دوست خەلق› دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇلار جاۋابىمدىن ھەيران قالدى. ئومۇمەن بۇ مۇسابىقىگە بىز 2-3 ئاي تەييارلاندۇق. سەھنىدە كىيىمىمىزنى نامايىش قىلدۇق، پات-پات خەيرخاھلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندۇق. 24-دېكابىردا مەن يۇرتۇمغا ئۇچۇپ كەلگەندە، مېنى چىرايلىق گۈل كۆتۈرگەن يېقىنلىرىم كەڭ قۇچاق يېيىپ قارشى ئالدى. راستىنى ئېيتسام، بەك چارچاپ كەتكەن ئىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇخبىرلارغىمۇ سۆھبەت بېرىشكە ئىمكان بولمىدى. بارلىقىڭلارغا كۆپ رەھمەت!»

مەلۇم بولۇشىچە، 2003-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچى قازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق قاراتۇرۇق يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن دىلناز دىلشات قىزى تىلايېۋانىڭ كېيىنكى ھاياتى تالغىر ناھىيەسىنىڭ گۈلدالا يېزىسىدا ئۆتكەن. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئالمۇتا شەھىرىدىكى «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەرجىمە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ھازىر ئۇ شۇ ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇماقتا.

«يەر شارى مەلىكىسى-2023» مۇسابىقىسىدە «بىرىنچى مەلىكە ئورۇنباسارى» دېگەن ئاتاققا ئىگە بولغان دىلناز تىلايېۋا. 2023-يىلى، دېكابىر، خۇجىمىن
«يەر شارى مەلىكىسى-2023» مۇسابىقىسىدە «بىرىنچى مەلىكە ئورۇنباسارى» دېگەن ئاتاققا ئىگە بولغان دىلناز تىلايېۋا. 2023-يىلى، دېكابىر، خۇجىمىن (RFA/Oyghan)

گۈلدالا يېزىسىنىڭ باش يىگىتبېشى ئازاد قۇربانوف ئەپەندى بۇ يۇرتتا يەنە بىر چوڭ خۇشاللىقنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھەر قانداق ساھەلەردە ئىشلەۋاتقان ۋەتىنىمىز قازاقىستان ياشلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە تونۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. شۇنىڭ بىرى گۈلدالا يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى دىلناز تىلايېۋا 2022-يىلى قازاقىستان ‹يەر شارى مەلىكىسى› بولغان ئىدى. 2023-يىلى ۋىيېتنامغا بېرىپ، ‹دۇنيا گۈزىلى› دېگەن ئاتاققا ئىگە بولۇپ، ھەممىمىزنى خۇشال قىلدى. كېلەچەكتە مۇشۇنداق بالىلىرىمىزنىڭ يەنە كۆپ كۆرۈلۈپ، قازاقىستاننى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. دىلناز قىزىمىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىلىرىغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!»

ئازاد قۇربانوف يەنە دىلناز تىلايېۋا قاتارلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن بارلىق ئۇيغۇر خەلقىگە بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە ئامەت تىلىدى.

ھازىر ئۇيغۇر ياشلىرىدىن قازاقىستاننىڭ ھەر خىل ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا بىلىم ئېلىۋاتقانلار كۆپەيمەكتە. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوقۇشتىن سىرت تەنھەرىكەت، ئىشلەپچىقىرىش ۋە باشقىمۇ پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماقتا. شۇلار جۈملىسىدىن دىلناز تىلايېۋامۇ كىيىم مودېلىنى كۆرسىتىش ساھەسىدە ئۆز ماھارىتىنى نامايىش قىلىپ كەلمەكتە.