ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان سىنلىق كۆرۈنۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن تويلىشىش ئۈچۈن ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان خىتاي ئەرلەرنىڭ لايىق تونۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن تونۇشۇپ بىرقانچە كۈن ئىچىدىلا توي خېتى ئېلىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللار مەلۇم بولماقتا، شۇنداقلا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئارىچىلىقى بىلەن خىتاي ئەرلىرىگە ياتلىق قىلىنىش ھادىسىسىنىڭ يېڭى بىر دولقۇن ھاسىل قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.
بولۇپمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن مەخسۇس ئۇيغۇر خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن كېلىۋاتقان خىتاي ئەرلىرىنىڭ «چىرايلىق ئۇيغۇر قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا ئالغانلىقى» خىتاينىڭ «دوۋيىن» ، «ۋېچات» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ھاياسىزلارچە تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرىنى پۇچىلىماقتا، شۇنداقلا ئېغىر ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلماقتا. بۇ خىل سىن كۆرۈنۈشلىرىنى چەت ئەللەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلىگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر تور كېزەرلىرى بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرىگە ئىلاۋە قىلغان يازمىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان كۈچلۈك ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرمەكتە.
لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغاندا، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى خىتايلارغا ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەت قىزلىرىدىن لايىق ئىزدەشنى تىجارەت كەسپى قىلىۋالغان بۇنداق شىركەتلەرنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە دېگۈدەك قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بايقىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. زۇمرەت خانىمنىڭ كۆزىتىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتايلار بىلەن توي قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ سانى مۇشۇ بىر قانچە ئاي ئىچىدە ئالاھىدە كۆپەيگەن. ئىلگىرى خىتايلارغا تەگكەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە كېلىپ خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلىغان. زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنى خىتاي ئەرلەر بىلەن تېپىشتۇرىدىغان كەسپىي مۇلازىمەت ئورۇنلىرى ۋە تور سۇپىلىرىنى قۇرۇپ، ئىش باشلىغان. ھازىرقى ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرى بىلەن تويلىشىش دولقۇنىنىڭ يۈز بېرىشىدە مۇشۇ خىل توردا لايىق تونۇشتۇرۇش سۇپىلىرىنىڭ ئويناۋاتقان رولىغا سەل قاراشقا بولمايدىكەن.
ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن خىتاي ئەرلىرىنىڭ تويلىشىشىغا دائىر سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئەسلى مەنبەسى خىتايدىكى «دوۋيىن» تاراتقۇسىدىن كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا «ئۇيغۇر-خىتاي تېز تويلىشىشى» ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تويى» ، «شىنجاڭ گۈلى بىلەن توي قىلىش» دېگەندەك ناملاردا مەخسۇس لايىق تونۇشتۇرۇش سۇپىلىرىنىڭ ئېچىلغانلىقى مەلۇم. بۇلاردا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ گۈزەللىكى تەسۋىرلەنگەندىن باشقا يەنە، توي خېتى ئېلىشنىڭ ئەرزان ۋە ئاسانلىقى، پەقەت كىملىكىنى ئېلىپ كەلسىلا لايىق تونۇشتۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئۇلارغا توي خېتى بېجىرىپ بېرىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنماقتا ئىكەن.
ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئۆز ئارا تويلىشىش نىسبىتىنىڭ 2010-يىلىدىكى خىتاينىڭ 6-قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسىدا خىتاي بويىچە ئەڭ تۆۋەن نىسبەتتە، يەنى بىر پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. ھالبۇكى، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرى بىلەن تويلىشىش نىسبىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك كۆپىيىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
خىتاينىڭ تەشۋىقات ۋىدىيولىرىدا مۇھەببەتنىڭ كۈچىنى ھېچكىم توسالمايدىغانلىقى، خىتاي ئەرلىرىنىڭ خاتىرجەم ھالدا ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئالسا بولىدىغانلىقى، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايلار بىلەن تويلىشىشنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولىدىغانلىقى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنغان. بۇ خىل تەشۋىقاتلاردا ھەتتا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئارتۇق شەرت قويمايدىغانلىقى، خىتاي قىزلىرىدەك يۇقىرى تويلۇق ئالمايدىغانلىقى، خىتاي ئەرلىرى ئەگەر ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن توي قىلسا بالىلىرىنىڭ چىرايلىق تۇغۇلىدىغانلىقىدەك بايانلارمۇ ئوچۇق ئاشكارا دېيىلگەن.
مەكىت ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، مەكىت ناھىيەسىدە نىكاھ تىزىملاش «پۈتۈن رايون» بويىچە بىر تۇتاش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. ئۇنىڭدا، 2023-يىلى 10-دېكابىردىن باشلاپ يېڭىدىن يولغا قويۇلىدىغان نىكاھ تىزىملاش سىناق بەلگىلىمىسىدە «خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىپ توي خېتى ئالىدىغانلار شىنجاڭدا تىزىملاتسا بولىدىغانلىقى، نىكاھقا تىزىملاتقان ئىككى تەرەپ نوپۇس، كىملىك، تۇرۇش كىنىشكىسى بىلەنلا توي خېتى بېجىرەلەيدىغانلىقى» ئەسكەرتىلگەن.
ئۇيغۇر قىزى بىلەن خىتاي يىگىت توي خېتى ئېلىۋاتقان بەزى سىن كۆرۈنۈشلىرىدىنمۇ، بۇ مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ مەخسۇس خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىپ ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن توي خېتى ئېلىۋاتقانلار ئۈچۈن مەخسۇس مۇلازىمەت كۆزنىكى تەسىس قىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
بىز مەكىت ناھىيەسىدىكى لايىق تونۇشتۇرۇش شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، مەكىتتىكى «قىزغىن سۆيگۈ» (热恋) دەپ ئىسىم قويۇلغان بىر لايىق تونۇشتۇرۇش شىركىتىگە تېلېفون قىلدۇق.
بۇ شىركەتنىڭ خوجايىنى خىتاي بولۇپ، ئۇ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈش پىروگراممىسى بويىچە قوللاشقا ئېرىشكەن ۋە شۇ ئاساستا قۇرۇلغان مەكىت ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئىچكىرىدىكى خىتاي ئەرلەرنى تونۇشتۇرىدىغان بىردىن بىر مەخسۇس شىركەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇنداق، بۇ قەشقەرنىڭ مەكىت ناھىيەسىدە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇلغان بىر شىركەت، مەكىتتە بىزنىڭ بۇ شىركەتتىن باشقا قانۇنلۇق تونۇشتۇرۇش ئورنى يوق. ئۇيغۇر قىزلار بىلەن خىتايلارنى تونۇشتۇرىدىغان مەخسۇس ئورۇنلار 2024-يىلىدىن باشلاپ قۇرۇلغان، بۇرۇن يوق ئىدى. بۇ ھۆكۈمەت قوللايدىغان، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان بىر ئورۇن. بىلەمسىز، بىزنىڭ ئۇدۇلىمىزدىلا ساقچى پونكىتى بار، بۇمۇ بىزنىڭ ھۆكۈمەت يول قويغان قانۇنلۇق بىر ئورۇن ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىدۇ» .
بىز ئۇنىڭدىن ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۇيغۇر-خىتاي نىكاھلانغۇچىلارغا مۇكاپات پۇلىنىڭ بار يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: «بەزى ناھىيەلەردە بار، بەزىلىرىدە يوق، ھازىر بىزنىڭ مەكىتتە بۇنىڭغا 40 مىڭ ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ» .
ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسىنىڭ پەقەتلا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئەرلەرگە ياتلىق بولۇشنى خالايدىغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلارغا تونۇشتۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى: «بىز تونۇشتۇرىدىغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىسىدىكىلەردۇر» .
بىز ئۇنىڭدىن بىر يىل جەرياندا خىتايلارغا ياتلىق بولغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ سانى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى سورىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى : «بۇ بىزنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىمىز، دەپ بېرەلمەيمەن. بىزگە تىزىملاتقان ۋە بىز تونۇشتۇرغان ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر قىزى توي قىلماي قالمىدى. خىتاي ئەرلەر بىلەن توي قىلىشنى خالايدىغان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۆز لايىقىنى تېپىپ توي قىلىشى ئاسان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىدە قازاق، قىرغىز ۋە تاجىك قىزلارمۇ بار. 20 ياشقا تولغان بولسىلا توي خېتى ئالغىلى بولىدۇ» .
بىز ئۇنىڭدىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئەرلەرنى قانداق ئۇسۇلدا ئۇيغۇر قىزلىرىغا تونۇشتۇرىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ سوئال ئارتۇق بولۇپ كەتتى. ئەرگە تەگمەكچى بولغانلار ئالدى بىلەن خىتاي ئەرلەرنى ياخشى كۆرۈشى كېرەك، بىزگە تىزىملاتسىلا بولدى، قالغىنىنى شۇ چاغدا دەپ بېرىمىز. ئىككى تەرەپ توختام تۈزىدۇ، توي قىلىدۇ، ئەگەر ئەر ياخشى مۇئامىلە قىلمىسا، ئاجراشسا بولىدۇغۇ! خىتاي ئەرلەرگە تەگمەكچى بولغانلار مېنى ئىزدىسىلا بولدى، باشقىسى مۇھىم ئەمەس» .
بىز ئۇنىڭدىن مەكىتنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ئۇيغۇرلار تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ نېمىشقا ئۇيغۇر يىگىتلەرگە تونۇشتۇرۇش مۇلازىمىتى قىلماي پەقەتلا خىتاي ئەرلىرىگە لايىق تونۇشتۇرىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سورىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتايلارغا ياتلىق بولغاندا، تۇرمۇشى ياخشى ئۆتىدۇ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە مۇقىملىق ياخشى، خىتاي ئەرلەر ئايالىغا كۆيۈنىدۇ، ئاياللىرى نېمە خالىسا، شۇنى قىلسا بولىدۇ. ھەر ئايدا ئايالىغا خەجلەيدىغان 20 مىڭ يۈەن پۇل بېرىدۇ، بۇنى بىلەمسىز؟ »
بىز ئۇنىڭدىن يەنە ئەگەر ئۇيغۇر قىزلار خىتايلارغا توي قىلسا، ئىقتىسادىي كاپالەتتىن باشقا، ئۆزى ياكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ لاگېرلارغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئوخشاش سىياسىي كاپالەتكىمۇ ئىگە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ سەزگۈرلۈكى بىردىنلا ئېشىپ، سۆزىنى يىغىشتۇردى: «بۇ، بۇ سەن كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ئەمەس، بۇ سەن سورايدىغان ئىشلار ئەمەس، ھۆكۈمەت ياردەم قىلامدۇ-قىلمامدۇ، سېنىڭ كارىڭ بولمىسۇن. يېنىمىزدىلا ساقچى ئىدارىسى بار، بىلەمسەن! كېرەكسىز سوئاللارنى مەندىن سورىما» .
تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەكىتتىكى بۇ لايىق تونۇشتۇرۇش ئورنىنىڭ 2024-يىلى 8-ئايدا يەركەندە شەخسىي شىركەت نامىدا تىزىملىتىلغانلىقى مەلۇم بولدى.
مەلۇمكى، مەكىت ناھىيەسى قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان چوڭ ناھىيەلەرنىڭ بىرى. 2019-يىلىدىكى نوپۇس ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، مەكىت ناھىيەسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 272 مىڭ 400 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 227 مىڭ، خىتاي ۋە باشقا مىللەتلەر 44 مىڭ ئىكەن.
بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «شىنجاڭ ‹لايىقىم› مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى» نىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ تۇرمۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان لايىق تونۇشتۇرۇشنى كەسىپ قىلغان مەخسۇس سۇپا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى.
خىتاينىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان مەخسۇس سىياسەت ۋە تەدبىر بەلگىلەپ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلەر بىلەن تويلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. 2014-يىلى 21-ئاۋغۇست چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم چىقارغان «مىللىيلار بىلەن خەنزۇلار تويلاشقان ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاش تەدبىرلىرى» ناملىق ھۆججەت شى جىنپىڭنىڭ بۇ خىل سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە جىددىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقىدىن سىگنال بەرگەنىدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 2022-يىلى 11-ئايدا ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇلۇشى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەر ئارا تويلاشتۇرۇش سىياسىتى» سەرلەۋھىلىك چوڭ ھەجىملىك دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن تويلاشتۇرۇش سىياسىتىنى دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە سىستېمىلىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ۋاسىتىسى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەنىدى. مەزكۇر دوكلاتتا بۇ خىل سىياسەت-ئۇيغۇرلارنى خىتاي جەمئىيىتىگە سىڭدۈرۈۋېتىشنى مەقسەت قىلغان بىر تاكتىكا، دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ سابىق خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفې رىچاردسون خانىم بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئىنساننىڭ كىم بىلەن توي قىلىشى ھۆكۈمەت ئارىلىشىدىغان ئىش ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرى ئارقىلىق خىتاي شىركەتلىرىگە سودا پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىدىن باشقا يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس بىر گۇرۇپپىغا قارىتا مىللەتلەر ئارا تويلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشى، دۆلەت ئاپپاراتلىرى قىلىدىغان ئىش ئەمەس. مەن يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئۇيغۇر قىزلارنىڭ خىتايلارغا تېگىشىنى ‹ئانارنىڭ دانىسىدەك ئۇيۇشۇش› دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار ئىنسان، ئۇيغۇرلارغا ھۆكۈمەت ۋاسىتىسى بىلەن ئېغىر ھالدىكى مىللىي كەمسىتىش خاھىشىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باشقا مىللەتلەر بىلەن تويلاشتۇرۇش ئىشى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بىر پاجىئە. بۇ ھۆكۈمەت بېكىتىپ بېرىدىغان ياكى تارتىۋالىدىغان ھوقۇق ئەمەس. ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھەر تەرەپتىن يوقىتىلىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارا داۋام قىلدۇرۇۋاتقان بۇ قىلمىشلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدىن ئايرىپ قاراش مۇمكىن ئەمەس».
سوفې رېچاردسون يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىزنىڭ رايوندا داۋام قىلىۋاتقان كونتروللۇق سەۋەبىدىن، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بۇ خىل نىكاھ مۇناسىۋىتىنى ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن تاللىغانلىقىنى بىلىشىمىز ئىنتايىن قىيىن. خىتايلار بىلەن توي قىلغان قىزلارنىڭ ھېچقانداق ئاۋازى بولمىغان بۇ خىل ئەھۋالدا، بۇنىڭ ئىختىيارىي ياكى مەجبۇرىي نىكاھ ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشمۇ تەس. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر بۇ ھەقتىكى پاكىتلارنى يوشۇرمايۋاتقان، ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدىكىدەك ئۇيغۇر قىزلىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خىتايلارغا نىكاھلىنىۋاتقان بولسا، بۇ گۇمانلىرىمىزنى يوق قىلىش ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونغا بېرىپ تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشى، بۇ قىزلار بىلەن سۆزلىشىپ كۆرۈشكە يول قۇيۇشى كېرەك».