ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ كۆپلەپ دوكلات ۋە خەۋەر قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنى قوللاش سېپىگە دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە ھۆكۈمەتلەر، ھەر خىل دىنىي ۋە ئىلمىي تەشكىلاتلار، شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئىستۇدېنتلارمۇ قوشۇلماقتا. يېقىنقى مەزگىللەردە مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى قوللاشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلۇۋاتقان ۋە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىرلەشمىلەر ۋە تەشلكىلاتلارمۇ مەيدانغا كەلمەكتە.
«ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك شۇئان» (Free Uyghur Now) ئىستۇدېنتلار بىرلەشمىسى، ئامېرىكادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن يېل ئۇنىۋېرستېتىدىكى ئىستۇدېنتلارنىڭ ئۇيۇشۇشى بىلەن 2020-يىلى مارتتا قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلات ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىغان، ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ئازاد قىلىنىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان، خالس ۋە پايدا ئالمايدىغان بىرلەشمىدۇر. نۆۋەتتە بۇ بىرلەشمىگە ئامېرىكانىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىلىرىدىن باشقا يەنە كانادا، ئەنگلىيە، تۈركىيە، يېڭى زېلاندىيە، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇن ئىۋېرستېتنىڭ ئىستۇدېنتلىرىمۇ ئاۋاز قوشماقتا ئىكەن. ئۇلارنىڭ Instagram, Facebook Twitter قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئومۇمىي ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ سانى 50 مىڭدىن ئاشىدىكەن.
بىز ئاكتىپ پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان مەزكۇر ئىستۇدېنتلار بىرلەشمىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە دىرېكتورى ئامال ئالتارېبنى (Amal Altareb) زىيارەت قىلدۇق. كىچىكىدە ئاتا-ئانىسى بىلەن يەمەندىن ئامېرىكاغا كېلىپ پاناھلانغان ئامال ئالتارېب، ئامېرىكا يېل ئۇنىۋرستېتىنىڭ سىياسەت پەنلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كەسىپلىرىنى ئوقۇپ، بۇ يىل ئوقۇپ پۈتتۈرگەن ئىكەن.
ئامال مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبلىرى ۋە جەريانىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يېل ئۇنىۋېرستېتىدىكى بىر قانچە دوستلىرىمىز بىلەن 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن ئىستۇدېنتلار بىلەن بىر پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇش ھەققىدە مەسلىھەت قىلدۇق. ئۇنىڭ ئالدىدا ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى ‹ئۇيغۇرلار سېتىلىدۇ: قايتا تەربىيە-شىنجاڭدىن ھالقىغان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە نازارەت› ناملىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، زور ئىنكاس قوزغىغان ۋە بىزنىڭمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەمەلىي بىر ھەرىكەت قىلىشىمىزغا تۈرتكە بولغان ئىدى.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «‹ئۇيغۇرلارغا ھۆرلۈك شۇئان› بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ تەشكىلات لوگوسىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلدۇق. ئېلانلىرىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھوقۇقى ھەم ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇردۇق. بىز ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەشۋىقات قىلىش، قانۇن چىقىرىش ھەرىكىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى پاش قىلىش ۋە ئاممىنىڭ بۇنىڭغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش، ئۇيغۇر ئاۋازى ۋە ھېكايىلىرىنى كۈچەيتىش، خەلقئارا سودا چەمبىرىكىدىكى ماركىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلەتكەنلىكىنى ئەيىبلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەخسۇس پائالىيەتلەر ۋە تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارماقتىمىز.»
ئامال ئالتارېب يەنە مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئاۋاز قۇشقۇچىلارنىڭ كۈپىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىرلەشمىمىزدە 150 تىن كۆپرەك ئىستۇدېنت پائالىيەتچىلەرباش قوشقان مەسلىھەت گۇرۇپپىمىز بار، بىرلەشمىمىزگە ئاۋاز قوشۇلىدىغانلار بارغانچە كۆپەيمەكتە. ھازىر ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 70 تىن ئارتۇق ئۇنىۋېرستېتلاردىن نۇرغۇن ئىستۇدېنتلار بىز بىلەن ھەمكارلاشتى. بىز ئاساسلىق ئىنىستاگرامدا تەشۋىقاتلىرىمىزنى كۈچەيتىېۋاتىمىز. بىزنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، شۇنداقلا ئەنگىلىيە، تۈركىيە، مالايسىيا قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردا ئەگەشكۈچىلىرىمىز بار.»
ئامال ئالتارېبنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، «ئۇيغۇرلارغا ھۈرلۈك شۇئان» ئىستۇدېنتلار بىرلەشمىسى 2020-يىلى مارتتا قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە باشقا مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش نامايىشلىرى ھەمدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىش پائالىيەتلىرىدە ئاكتىپ ھەمكارلاشقان.
ئۇلار يەنە ئۆز ئالدىغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نى ئۆتكۈزۈش توغرىلىق دەۋەت مەكتۇپلىرى يېزىپ، توردا ئىمزا توپلاش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن لاگېرغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قويۇپ بېرىش چاقىرقلىرىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ تور ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ھەمبەرھرلەپ، مەخسۇس چاقىرىق ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن.
ئۇلار يەنە خىلتون مېھمانخانىسى ۋە تېسلاغا ئوخشاش ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلقىغا شېرىك بولۇۋاتقان چوڭ شىركەتلەرنى بايقۇت قىلىش، بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش، «مۇلەن» دىسنېي فىلىمىنى بايقۇت قىلىش، خىتايغا زىيارەتكە بارغان مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئەلچىخانىلىرىغا مەخسۇس مۇراجىئەتنامىلەرنى يېزىپ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىمۇ ئۇيۇشتۇرغان. ماراكەشتە تۇتۇلۇپ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە قالغان ئىدىرس ھەسەننى قۇتۇلدۇرۇش، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە تۇرۇۋاتقان نۇرمەمەت روزى، ھەمدۇللا ئابدۇۋەلى قاتارلىقلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرىغا ئىمزالىق ئىلخەت يوللاشقا ئوخشاش تور پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان.
«ئۇيغۇرلارغا ھۆرلۈك شۇئان» بىرلەشمىسى نېمە ئۈچۈن ئىستۇدېنتلار ئۈچۈن مۇھىم، دەپ قارايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇ مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن ئىنسانلار ئۆزىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن يىراق، مۇناسىۋەتسىز دەپ قارايدۇ. بەزىلەر بىلسىمۇ، ئۇنى توختىتىشقا ھېچنىمە قىلالمايمىز، دەپ ئۈمىدسىزلىنىدۇ. خىتاينىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىقىتىسادىي تەسىرى نەتىجىسىدە نۇرغۇن شىركەتلەر ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار خىتاي بىلەن باغلانغان. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى بىلسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا چارە تەدبىر قوللانمايدۇ. ئەگەر ئىستۇدېنتلار ئۆزلىرىنىڭمۇ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان شىركەت ۋە ئۇنىۋېرستېتلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق بۇ قىرغىنچىلىققا باغلانغانلىقىنى بىلسە، بۇنىڭ خاتالىقىنى ھېس قىلسا، چوقۇم ئۇنىۋېرستېت ياكى شىركەتلەردىن خىتاينىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلىدۇ، دەپ ئىشىنىمەن. بىرلەشمىمىزدىكىلەرنىڭ مەقسىدىمىزمۇ دەل شۇ. ئىستۇدېنتلارغا ئۆزىنىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قانداق باغلىنىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش، شۇنداقلا ئۇلارنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ مەسىلىلەرنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش، بىزنىڭ نىشانىمىزدۇر.»
ئامال ئالتارېبنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەزكۇر ئىستۇدېنتلار بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسلىق پالىيەتلىرى، ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ھەر خىل نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇش، ھەرقايسى ئۇنۋېرستېتلاردا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى قوللاش ۋە قانداق قوللاشنى تېما قىلغان لېكسىيەلەرنى تەشكىللەش، ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش ۋە ئۇلارنى قوللاش توغرۇلۇق قوللانما ۋە كۆرسەتمىلەرنى، دىگىتال ئىمزا قويۇش پروگراملىرىنى تارقىتىش قاتارلىقلار ئىكەن. ئۇلار يەنە يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت فاكۇلتېتى قارمىقىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ لېكسىيە پائالىيەتلىرىگە ياردەملىشىپ، تەتقىقاتچىلار، ژورنالىستلار ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر ئئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرۇلۇق مۇھاكىمىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن.
ئامال ئالتارېب، بۇ بىرلەشمىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ھازىر ئامېرىكا ۋە باشقا جايلاردىن نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئاۋاز قوشۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار جەۋھەر ئىلھام، رىزۋانگۈل، كابېر قۇربان قاتارلىق ئۇيغۇر ئاكتىپلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقان ئىكەن.
«ئۇيغۇرلارغا ھۆرلۈك شۇئان» بىرلەشمىسىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى، كانادا ۋانكوۋېردىكى مەلۇم مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى، ئاكتىپ پائالىيەتچى ئۇيغۇر ياش كابېر قۇربان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ بىرلەشمىگە قاتنىشىش جەريانى ۋە پائالىيەتلەرنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىپ جەريانىدا ئالغان تەسراتلىرىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئەزەلدىنلا كانادا ۋانكۋېردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتاتتىم. 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكى باشلىنىش ئالدىدا، قانداق قىلىپ ئۇنى بايقۇت قىلىش ئاۋازىنى كۈچەيتىش توغرۇلۇق باش قاتۇرۋاتقىنىمدا، ‹ئۇيغۇرلارغا ھۈرلۈك شۇئان› بىرلەشمىسىنى تور ئارقىلىق بىلدىم. ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ پائالىيەتنى ھەمكارلىقتا ئېلىپ باردۇق، ھەمكارلىقىمىز شۇنىڭدىن باشلاندى. بۇ بىرلەشمە بىلەن بىرلىكتە كانادا ۋە ئامېرىكادىكى يېل، كورنېل، نيۇ-يورك، ۋاشىنگتون، مارىلەند ئۇنۋېرستېتلىرىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە دوكلاتلارنى بەردىم. ئۇيغۇر بولمىغان ئىستۇدېنتلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇيغۇرلارغا ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان؛ تىلى، كىيىنىشى ۋە تاماقلىرىمۇ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىنسانلارنىڭ بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىمىز ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىۋاتقانلىقى، مېنى ھەممىدىن بەك خوشال قىلدى. ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى مېنى تېخىمۇ كۆپرەك ئىشلارنى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ كەلمەكتە.»
«ئۇيغۇرلارغا ھۆرلۈك شۇئان» بىرلەشمىسى يېقىندا، يەنى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېركا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانۇن لايىھەلىرىنى دەرھال تەستىقلاشقا چاقىرىق قىلىنغان «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن» ناملىق كۆپ تەشكىلاتلار ھەمكارلىقىدىكى نامايىشىنى تەشكىللەشتە ئاكتىپ رول ئوينىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى، يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىستۇدېنتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۇ بىرلەشمىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ يارىتىۋاتقان ئۈنۈمىگە يۇقىرى باھا بەردى.
ئۆمەر قانات ئەپەندى ئۇلار ھەققىدە «ئۆزى ئۇيغۇر بولمىسىمۇ، بۇ بىرلەشمىدىكى ياشلار بەزى ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىدىنمۇ بەكرەك قىزغىنچىلىق ھەم پىداكارلىق كۆرسىتىپ، نەتىجىلىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا» دېدى.