ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى رۇسىيەلىك ئالېكسېي كازاك: «بىز شەرقىي تۈركىستان ۋە بارلىق ئۇيغۇرلار ئەركىنلىككە چىقمىغۇچە كۈرەش قىلىشتىن توختىمايمىز»

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردا، يەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلەۋاتقان مەملىكەتلەر، خەلقئارا تەشكىلاتلار، ھوقۇق قوغدىغۇچىلار، زىيالىيلار سېپىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ ئامېرىكا باشلىق بىر قىسىم دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىگە قارشى ھەرىكەتلەر تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. جۈملىدىن خىتاينىڭ يېقىن شېرىكى دەپ ھېسابلانغان رۇسىيەنىڭ بەزى شەھەرلىرىدىمۇ رۇس، تاتار، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان ئايرىم ھوقۇق قوغدىغۇچىلار، زىيالىيلار، ئادەتتىكى پۇقرالار ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ھەر خىل شەكىللەردە ئىزھار قىلىپ كەلگەنىدى.

رۇسىيەدىكى جامائەت ئەربابى، ھوقۇق قوغدىغۇچى، رۇسىيە ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئالېكسېي كازاك(ئوتتۇرىدا) ئەپەندى نامايىشتا ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەتتە. 2021-يىلى، ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل، تۈركىيە.
رۇسىيەدىكى جامائەت ئەربابى، ھوقۇق قوغدىغۇچى، رۇسىيە ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئالېكسېي كازاك(ئوتتۇرىدا) ئەپەندى نامايىشتا ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەتتە. 2021-يىلى، ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل، تۈركىيە.

ئىگىلىشىمىزچە، شۇلارنىڭ بىرى رۇسىيەدىكى جامائەت ئەربابى، ھوقۇق قوغدىغۇچى، رۇسىيە ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئالېكسېي كازاك ئۆتكەن يىلنى بېشىدا خىتاينىڭ موسكۋادىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ يالغۇز كىشىلىك نامايىشقا چىققانىدى. ئۇ قولىدا «خىتاي، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات!» دېگەن لوزۇنكىنى تۇتۇپ خىتايدىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئالېكسېي مۇشۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي، «يۇتۇب»، «ئىنستاگرام»، قاتارلىق تورلاردا داۋاملىق چىقىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىمۇ تۈرك-مۇسۇلمان خەلقلىرىگە قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالېكسېي كازاك يېقىندا تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە بولۇپ قايتقانىكەن. بىز ھازىر رۇسىيە پايتەختى موسكۋا شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئالېكسېي كازاك بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ سەپەر توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىدۇق.

ئالېكسېي كازاك ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەگە قىلغان سەپىرىنىڭ مەقسىتىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «مەن ۋەدە بەرگىنىمدەك، بىزنىڭ ‹خەلق ۋىدېيو ستۇدىيەسى› ‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى› توغرىسىدا فىلىم چۈشۈرۈشنى باشلىغانىدى. بۇنىڭغىچە بىز رۇسىيەدە فىلىمغا ئېلىش ئىشلىرىنى ئېلىپ باردۇق. ئەمدى تۈركىيەگە بېرىش مۇمكىنچىلىكى تۇغۇلغان پەيتتىلا بىز يولغا ئاتلاندۇق. چۈنكى خىتاي زالىملىرىنىڭ ئۇزۇن قوللىرىدىن يوشۇرۇنۇشقا مۇۋەپپەق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىكى تۈركىيەدە ئۆزلىرىنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنىنى تاپقانىدى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ئەنە شۇ خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا يېتىپ چىققان، يا بولمىسا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىزسىز يوقاپ كەتكەن ۋە تەن جازالىرىغا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئىزدەۋاتقانلار كۆپ. بىز، ئەلۋەتتە، بىرىنچى بولۇپ تۈركىيەگە باردۇق. گۇرۇپپىمىزدا بەش ئادەم بولدى. سەپەرگىچە بەزى قىيىنچىلىقلارغىمۇ دۇچ كەلدۇق. بىزنىڭ رېژىسسورىمىز ئالېكسېي بىلانوف ئۇزۇن ۋاقىت دوختۇرخانىدا قاتتىق ئاغرىپ ياتتى. ئۇ رۇسىيەدە ئاتاقلىق رېژىسسورلارنىڭ بىرى بولۇپ، كۆپلىگەن بەدىئىي، ھۆججەتلىك فىلىملارنى ئىشلىگەن. ئۇ داۋالىنىپ چىققاندىن كېيىن دەررۇ يولغا ئاتلاندۇق. ئوپېراتورىمىز ماكسىم پولۇنىنمۇ ئىنتايىن تەجرىبىلىك مۇتەخەسسىس».

ئالېكسېي كازاك رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىرەر توسالغۇلار بولدىمۇ؟ دېگەن سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «بىلەمسىز، بىز بۇ فىلىمنى ئىشلەش تەشەببۇسى بىلەن چىققاندا ھەم تۈركىيە ۋە قازاقىستاننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرگەندە، ماڭا كۆپلىگەن پوپۇزىلار، ئاگاھلاندۇرۇشلار كېلىپ چۈشتى. شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىنمۇ ‹سەن بۇ ياققا كەلمە، مەسىلىلەر چىقىدۇ› دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل يازما ۋە ئاۋازلىق ئۇچۇرلار كەلدى. ئەمما بۇ ئايرىم ئادەملەرنىڭ ھەرىكىتى بولدى. ئەلۋەتتە، بۇ ھەقىقەتنىڭ ئېچىلىشىنى خالىمايدىغان بەزى ئىچى قارا ئادەملەرنىڭ، بەزى خىتاي ئاگېنتلىرىنىڭ ئىشىدۇر. ئەمدى رۇسىيە دۆلىتى مېنىڭ پائالىيىتىمگە ھېچ قانداق توسقۇنلۇق قىلمىدى. مەن موسكۋادىمۇ، كاۋكازدىمۇ ئەركىن ئىشلىدىم. تۈركىيەگە ماڭغاندىمۇ، تۈركىيەگە كەلگەندىمۇ ھېچ قانداق مەسىلە چىقمىدى. رۇسىيەنى خىتاينىڭ شېرىكى دەپ پات-پات ئەيىبلىسىمۇ، ئەمما رۇسىيە ۋەزىيەتكە بولا بىر پوزىتسىيەنىڭ تۇتۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. مۇبادا غەربنىڭ رۇسىيەگە بولغان كۆزقارىشى ئۆزگىرىپ، رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولار كۈچىدىن قالدۇرۇلسا، رۇسىيەمۇ ئۇيغۇرلار تەرەپتە بولۇشى مۇمكىن».

ئالېكسېي كازاكنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيەدە فىلىمغا كۆپلىگەن سۈرەت ۋە ۋىدىيو قاتارلىق ماتېرىياللارنى توپلاش بىلەن بىر قاتاردا 20دىن ئوشۇق ئادەمدىن سۆھبەت ئېلىنغانىكەن. ئۇ سۆھبەت بەرگەنلەرنىڭ ئىچىدە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ، ھازىر خىتاي تۈرمىلىرىدە ۋە لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقانلارنىڭ، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ يېقىنلىرىنىڭ بولغانلىقىنى بىلدۈردى: «ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنى تىڭشاش ۋە قوبۇل قىلىش بىزگە ئىنتايىن ئېغىر چۈشتى. بىراق بىز شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلگەنىدۇق. بۇنىڭدىن تاشقىرى، بۇ يەردىكى بىزنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلار مېنى ئىككى چوڭ پائالىيەتكە تەكلىپ قىلدى. بىرىنچىسى، خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا بولغان نارازىلىق ھەرىكىتى. ئۇنىڭغا بىر نەچچە يۈز، ھەتتا مىڭ ئادەم قاتناشتى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرى ۋە شوئارلار بولدى. بىزنى خىتاي كونسۇللۇقىغا يېقىن قويۇپ بەرمىسىمۇ، نامايىشچىلارنىڭ ‹خىتاي، قىرغىنچىلىقنى توختات! ›، ‹خىتاي، سەن ئۆزۈڭ تېررورچى›، ‹ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ مۇسۇلمانلارنى تەقىبلەشنى توختات! › دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارنى توۋلىغانلىقى ھەممە يەرگە ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئىككىنچىسى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىدا بولغان نامايىشمۇ ئىنتايىن تەسىرلىك ئۆتتى. ئۇ يەردە بىر نەچچە تىللاردا يالغۇز كىشىلىك نامايىشلار بولدى».

ئالېكسېي كازاك ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىدا نامايىشقا چىقىپ، ئالدى بىلەن ئىنگلىز تىلىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ مۇسۇلمانلارغا قارشى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئاندىن رۇس تىلىدا مۇنداق دېگەن: «مەن پۈتكۈل دۇنياغا، پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىگە مۇراجىئەت قىلىمەن. بۈگۈن ئۇ ياقتا ئادەملەرنى مىللىي، دىنىي جەھەتتىن قىرغىن قىلىۋاتىدۇ. ئادەملەرنى قىيناۋاتىدۇ، دىنىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ، ياش قىزلارنى زورلاۋاتىدۇ. ئادەملەرنى پاختا ئىشلەپ چىقىرىشتا مەجبۇرلاپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ شۇنداق يول بىلەن ئىشلەپ چىقارغان ئەرزان توقۇمىچىلىق، كەڭ ئىستېمال قىلىنىدىغان مايكىلىرىنى كېيىن بىز كىيىۋاتىمىز. مەن بارلىقىڭلارنى خىتاي تاۋارلىرىدىن باش تارتىشقا چاقىرىمەن. تۈركىيەدە ئاجايىپ ياخشى تاۋارلارنى ئىشلەپ چىقىۋاتىدۇ. بىز رۇسىيەدە تۈركىيە تاۋارىنى سېتىۋالىمىز. مەن بارلىقىڭلارنى مۇشۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چاقىرىمەن. ئادەملەرنىڭ ئورگانلىرىنى بايلارغا سېتىش ئۈچۈن كېسىپ ئېلىۋاتىدۇ. رۇسىيەدىمۇ بۇ ھەددىدىن ئاشقان نەرسىدىن تەشۋىشلىنىۋاتقانلار بار. ھەممىسى زھىم تۇرۇش كېرەك دەپ ھېسابلىمايدۇ. بىز توختىماي ھەقىقەتنى ئېيتىمىز. بىز شەرقىي تۈركىستان، بارلىق ئۇيغۇرلار ئەركىنلىككە چىقمىغۇچە كۈرەش قىلىشتىن توختىمايمىز».

ئالېكسېي كازاك يەنە تۈركىيەدە ئالغان تەسىراتلىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «مەن تۈركىيە خەلقىنىڭ بىزنى شۇنچىلىك ئىللىق چىراي بىلەن قارشى ئالىدۇ دەپ كۈتمىگەنىدىم. ئۇلار مېنى كۆرۈپ، رۇسىيەنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بارلىق رۇسىيەلىكلەرگە سالىمىنى يەتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلدى. مەنمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىۋاتقان پۈتكۈل تۈركىيە دۆلىتىگە، تۈركىيە خەلقىگە رەھمىتىمنى ئېيتىمەن. قېرىنداش ئۇيغۇرلارمۇ بىزنى شۇنداق قارشى ئالىدۇ دەپ ئۈمىد قىلغانىدۇق، ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بولدى. ئۇيغۇرلار بىزنىڭ فىلىم ئىشلەۋاتقانلىقىمىزنى بىلىپ، ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ، بىزگە سۆھبەت بەردى. بىز مۇنچىلىك كۆپ ئادەم بولىدۇ دەپ ھەرگىز ئويلىمىغانىدۇق. ئەمدى فىلىم ئۈستىدە يەنە كۆپ ئىشلەش كېرەك. ئاساسىي جەھەتتىن سۆھبەتلەر ئۇيغۇر تىلىدا بولغانلىقتىن ئۇلارنى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئىشى كۆپ. ماتېرىيال يېتەرلىك بولغانلىقتىن، مەن ئويلايمەنكى، مۇشۇ ئاي ئىچىدە فىلىمنىڭ بەزى ئۈزۈندىلىرىنى تەييارلاپ، كۆرۈرمەنلەرگە ھاۋالە قىلالايمىز».

ئالېكسېي كازاك كېيىنكى ئايلاردا قازاقىستانغا كېلىپ، بۇ ئىشنى يەنە داۋام قىلىدىغانلىقىنى، قازاقىستاندىمۇ يېتەرلىك ماتېرىيال توپلاشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.