ماكېدونىيە پارلامېنت ئەزاسى ئەنەس ئىبراھىم: «بىزنىڭ كۈچ چىقىرىشىمىز بىلەن ماكېدونىيە ئۇيغۇرلارنى قوللىغان 39 دۆلەتنىڭ قاتارىدا ئورۇن ئالدى»

0:00 / 0:00

سابىق يۇگوسلاۋىيە پارچىلانغاندىن كېيىن 1991-يىلى مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا 39 دۆلەت قول قويغان جازا لاگېرلىرىنى تاقاش توغرىسىدىكى بىرلەشمە خەتكە قول قويغانىدى. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ، ماكېدونىيە پارلامېنت ئەزاسى ئەنەس ئىبراھىم ۋە ئۇ رەئىسلىك ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان تۈرك ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئەمەلىيلەشكەن. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئەنەس ئىبراھىم ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئەنەس ئىبراھىم ئەپەندى پارتىيەسىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ بىرلەشمە خەتكە قول قويغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«بىزنىڭ تۈرك ھەرىكىتى پارتىيەمىز، قەيەردە تۈركىي خەلق بولسا ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە تىرىشىۋاتقان بىر پارتىيە. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىش، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان بىرلەشمە خەتكە ب د ت غا ئەزا 39 دۆلەت قول قويدى. بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز بىلەن شىمالىي ماكېدونىيە دۆلىتىمۇ مەزكۇر خەتكە قول قويغان بولدى»

پارلامېنت ئەزاسى ئەنەس ئىبراھىم ئەپەندى تۈرك ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇرۇندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز. خىتاي ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە، ئىسكەنجە ۋە زۇلۇم سىياسىتىنىمۇ يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز. مىليونلىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇنداق ئادەم قېلىپىدىن چىققان بېسىمغا ئۇچرىشىنى بىز ھەرگىز قوبۇل قىلالمايمىز. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى ماكېدونىيەدىكى تۈركلەرنى قاتتىق رەنجىتمەكتە. بىزنىڭ ئارزۇيىمىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ راھەت پاراۋان تۇرمۇش كۆچۈرۈشىدۇر. شۇڭا بىز بارلىق قانۇنىي يوللار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز».

«ماكېدونىيە خەلقى ئۇيغۇرلارنى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى بىلەمدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئەنەس ئىبراھىم مۇنداق جاۋاب بەردى: «ماكېدونىيە خەلقى بولۇپمۇ ماكېدونىيەدىكى تۈركلەر ئۇيغۇرلارنى ياخشى بىلىدۇ دەپ ئويلايمەن. چۈنكى 15 يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىزدە تۈرك دۇنياسى ھەققىدە پائالىيەت ئۆتكۈزگەندە ئۇيغۇرلارمۇ قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇۋاتىدۇ. بىز تۈرك ھەرىكىتى پارتىيەسى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىسىنى ھەر يەردە، ھەر سورۇندا ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بىز ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنلىرى، مەتبۇئات يىغىنلىرى چاقىرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاڭلىتىۋاتىمىز. پارتىيەمىز تۈرك دۇنياسىنىڭ بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىك كۆرۈشىنى قوللايدۇ، ھەر دائىم ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى جاكارلاپ كېلىۋاتىمىز».

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن 1946-يىلىدا يۇگوسلاۋىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان بولۇپ، كوممۇنىستلار پارتىيەسىنىڭ باشقۇرۇش ئاستىدىكى كۆپ مىللەتلىك دۆلەت 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن پارچىلانغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى باشقا مىللەتلەر قاتارىدا ماكېدونىيەمۇ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان. 1 مىليون 200 مىڭ نوپۇسقا ئىگە بولغان ماكېدونىيە نوپۇسىنىڭ 4% نى تۈركلەر تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، تۈركلەر ئىككى پارتىيە قۇرۇپ 2 پارلامېنت ئەزاسى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغدىماقتىكەن. تۈرك ھەرىكىتى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى ئەنەس ئىبراھىم ئەپەندى ماكېدونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا ئاڭلاتماقتا. ئۇ، ماكېدونىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، بارلىق ھەق-ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«سابىق يۇگوسلاۋىيە دۆلىتى كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئىدى. ئۇ مەزگىلدە دىنىي جەھەتتىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىكىدەك بولمىسىمۇ بەزى بېسىملار بار ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن يۇگوسلاۋىيەمۇ پارچىلىنىپ يېڭى دۆلەتلەر قۇرۇلدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يۇگوسلاۋىيەنى سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يۇگوسلاۋىيەدە ھەر مىللەت خەلقىگە ئانا تىلدا مائارىپ يولغا قويۇلغانىدى. 1991-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنمۇ ماكېدونىيەدە ئانا تىلدا مائارىپ ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، پارتىيەلەرنى قۇرۇپ ھەق-ھوقۇقىمىزنى قوغداشقا تىرىشىۋاتىمىز. ماكېدونىيە كۆپ پارتىيەلىك دېموكراتىيە تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدە تەشكىلاتىغا ئەزا بولدۇق، بىخەتەرلىكىمىز كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك سابىق يۇگوسلاۋىيە ئىچىدىمۇ يېقىن تارىختا قەتلىئاملار ئېلىپ بېرىلدى».

«سىزگىمۇ مەلۇم بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ دېيىلىۋاتىدۇ، دۇنيادا 300 مىليون ئەتراپىدا تۈركىي خەلقلەر بار. ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ بېسىم سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز داۋاملىق تۈركىي خەلقلەر نوپۇسىنىڭ 300 مىليون ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىمىز. خۇشاللىقتا غەم-قايغۇدا ئورتاق ئىكەنلىكىمىزنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز. ئەپسۇسكى كېيىنكى 5-6 يىلدىن بۇيان ئۆزئارا ئالاقىدە مەسىلە پەيدا بولدى. 10 مىليون كۋادرات كىلومېتىر چوڭلۇقتىكى زېمىنلاردا ياشاۋاتقان 300 مىليون تۈركىي خەلقتە ئۆزئارا ھەمكارلىشىش يوق. بۇرۇن ھەر يىلى تۈرك دۇنياسى قۇرۇلتايلىرى ئۆتكۈزۈلەتتى. بۇ قۇرۇلتايلاردا تۈرك دۇنياسىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىپ، ھەل قىلىش يوللىرى توغرىسىدا قارار ماقۇللىناتتى. ھازىر بۇلار يوق. تۈرك دۇنياسىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى كۈچەيتىش، كەسپىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھازىر خەلققە ياردەم تارقىتىدىغان تەشكىلاتلار كۆپ، لېكىن ئىلغار ئاكتىپ پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان سەۋىيەدە تەشكىلاتلار بەك ئاز. تۈرك دۇنياسىدىكى بارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلسە بۇنىڭ ھۆكۈمەتلەرگە تەسىرى زور بولىدۇ دەپ ئويلايمەن».

ئەنەس ئىبراھىم ئەپەندى 1984-يىلى ماكېدونىيەنىڭ ئۈسكۈپ شەھىرىدىكى تۈرك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ماكېدونىيەدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان. 2008-يىلى ئۇفۇق جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. ئۇ، ماكېدونىيەدە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆپ قېتىم يىغىنلارغا قاتنىشىپ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئاڭلاتقان. ئۇ، 2013-يىلى تۈرك ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ باش كاتىپلىقىغا، 2018-يىلى پارتىيە رەئىسلىكىگە سايلانغان. ئۇ، 20 يىلدىن بۇيان ماكېدونىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ ئاڭلاتماقتا.