ئۇيغۇر رايونىدىكى تېخىمۇ كۆپ مەسچىت ۋە مازارلارنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقىغا دائىر يېڭى دەلىللەر ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.05.07
Qaghiliq-nahiye-meschit-qizil-teshwiqat-lozunkisi.jpg قاغىلىق ناھىيە بازىرىدىكى مەسچىتكە ئېسىلغان قىزىل تەشۋىقات لوزۇنكىسى، 2017-يىلى ئىيۇل.
Oqurmen teminligen

ئەنگلىيەدىكى «مۇھاپىزەتچى گېزىتى» بىلەن «بېللىڭكېيت» ناملىق تور ژۇرنىلى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2016‏-يىلدىن بېرى قاغىلىق، خوتەن قاتارلىق تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى جايلاردىكى 30 نەچچە مەسچىت ۋە دىنىي تاۋاپگاھنىڭ پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن چېقىپ تاشلىغانلىقىغا دائىر يېڭى دەلىللەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. «مۇھاپىزەتچى گېزىتى» نىڭ 6‏-ماي ئېلان قىلغان خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن چېقىپ تاشلانغان بۇ مەسچىت ۋە دىنىي تاۋاپگاھلار خوتەندىكى ئىمام ئاسىم مازىرى، جەفەرى سادىق مازىرى قاتارلىق ئىككى مەشھۇر تاۋاپگاھنى، قاغىلىق چوڭ مەسچىتىدەك ئاتاقلىق جامەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

«مۇھاپىزەتچى گېزىتى» بىلەن «بېللىڭكەيت» تورى بۇ دەلىللەرگە مەزكۇر رايوندىكى 100 دەك مەسچىت ۋە تاۋاپگاھنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ئانالىز قىلىش، يەرلىك پۇقرالارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇلار تەكشۈرگەن 100 دەك مەسچىت ۋە تاۋاپگاھنىڭ ئىچىدىكى قاغىلىق مەسچىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 31 مەسچىت بىلەن خوتەندىكى ئىمام ئاسىم مازىرى ۋە جەفەرى سادىق مازىرى قاتارلىق ئىككى تاۋاپگاھنىڭ قۇرۇلۇشى 2016‏-يىلدىن 2018‏-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىكەن. خەۋەردە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 15 مەسچىت ۋە يۇقىرىقى ئىككى مازارنىڭ پۈتۈنلەي ياكى ئاساسەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى، قالغان مەسچىتلەرنىڭ قۇببە، مۇنار ۋە دەرۋازىلىرىنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن مەسچىت ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان 9 قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈنلەي چېقىپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خوتەندىكى ئىمام ئاسىم مازىرى بىلەن جەفەرى سادىق مازىرى بۇ رايوندىكى ئەڭ مەشھۇر تاۋاپگاھلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئىككى ئورۇن ئەسىرلەر مابەينىدە سوپىلارنىڭ مۇھىم يىغىلىش ماكانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. بەزى رىۋايەتلەردە خوتەندىكى بۇ ئىككى مازاردا ياتقان كىشىلەرنىڭ قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ قوماندانلىرىدىن ئىكەنلىكى، قاراخانىيلار 11‏-ئەسىردە خوتەن بۇددىست خانلىقىغا جازا يۈرۈشى قىلغاندا شېھىت بولۇپ، بۇ ئورۇنغا كۆمۈلگەنلىكىنى، كېيىنكى دەۋرلەردە ئۇلارنىڭ مازىرى ئۇلۇغلىنىپ، ھازىرقىدەك تاۋاپگاھلارغا ئايلانغانلىقىمۇ قەيت قىلىنىدۇ.

ئامېرىكادىكى فوتوگراف لىسا روس خانىم ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىپ، يۇقىرىقى ئىككى مازارنى كۆرگەن ۋە بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى، مەنىۋى ھاياتىغا ئالاقىدار نۇرغۇن ئەنئەنىلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ، ئۇنىڭ دېتاللىرىنى مەڭگۈلۈك خاتىرلەشتۈرگەن فوتوگرافلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، 7‏-ماي كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئورۇنلارنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىگە قاتتىق ئۆكۈنگەنلىكىنى ئىپادىلىدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ تاۋاپگاھلار «ئۇيغۇر كوللېكتىپ خاتىرىسىنىڭ ئىزنالىرىنى ساقلىماقتىكەن». لىسا روس مۇنداق دېدى: «شۇنداق، مەن ئىمام ئاسىم ۋە جەفەرى سادىق تاۋاپگاھلىرىنىڭ ھەر ئىككىسىنى زىيارەت قىلغان. بۇ ئورۇنلار ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنلار ئىدى. ئۇنى تەكلىماكاننىڭ جەنۇبى، شۇنىڭدەك شىمالىيدىكى مەدەنىيەتنىڭ ئومۇرتقىسى، دېسەك بولىدۇ. بۇ ئورۇنلارغا پۈتۈن بىر خەلقنىڭ كوللېكتىپ خاتىرىسىنىڭ ئىزناسى يوشۇرۇنغان. بۇ تاۋاپگاھلاردىكى ئۇلۇغلار پانى ئالەمگە كۆچكەنلەرگە ياردەم قىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلاردىن يالغۇز شەيخلەرلا ئەمەس، ۋاپات بولغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمۇ ياردەم سورايتتى. ئۇنىڭدا يەرلىك خەلقنىڭ نۇرغۇن خاتىرىسى بار. ئۇلار ھەر جۈمە كۈنى نامازدىن كېيىن بۇ ئورۇنلارغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ جامائىتى، ئائىلىسى، ئاتا-ئانىسىغا ۋە پەرزەنتلىرىگە دۇئا قىلاتتى. شۇڭا، بۇ تاۋاپگاھلار پۈتۈن كوللېكتىپنىڭ، يېزا، شەھەر ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خاتىرىسى ساقلانغان ئورۇنلار ئىدى.»

لىسا خانىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ مازارلار يالغۇز تاۋاپگاھ بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە يەرلىك خەلق ئۆز ئارا ئالاقە ئورنىتىدىغان مۇھىم «ئىجتىمائىيلىشىش» سورۇنى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز يەنە بۇ تاۋاپگاھلارنى تەتقىق قىلغۇچى تارىخچىلاردىن بۇ ئورۇنلارنىڭ تارىخى رولىغا باھا بېرىپ، بىزگە ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۆز ئارا ئۇيۇشىدىغان سورۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. خەلق چۆللۈكنىڭ جەنۇبىدىن-شىمالىغا، شەرقىدىن-غەربىگە سەپەر قىلىپ، ئىمام ئاسىم، جەفەرى سادىق مازارلىرىدەك چوڭ تاۋاپگاھلارغا يىغىلاتتى، ئۇلار يالغۇز دۇئا قىلىش ئۈچۈن كەلمەيتتى. ئۇلار يىلدا بىر قېتىم كۆرۈشۈش ئۈچۈن كېلەتتى. بەلكى، بەزىدە ئۆزىگە جۈپ تاپاتتى. چۈنكى، بۇرۇن ياشلارنىڭ باشقا يېزىلارغا بېرىپ ئۆزىگە جۈپ تېپىشى مۈشكۈل بولغاچقا بۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر پۇرسەت ئىدى. شۇنىڭدەك سىز يەنە بۇ يەردە مۇزىكانتلارنى، سېرىكچىلەرنى، دارۋازلارنى، چېلىشچىلارنى ئۇچرىتاتتىڭىز. بۇ يەردە فېستىۋال ئۆتكۈزىلەتتى، تاماق تارتىلىپ، مەدداھلار سۆزلەيتتى. شۇڭا، بۇ تاۋاپگاھلار تارىخ بويىچە نوقۇل ئىبادەت ئورنى بولۇپلا قالماي، كىشىلەر ئۆز ئارا ئالاقىلىشىدىغان، بىر يەرگە جەم بولىدىغان سورۇن بولۇپ كەلگەن.

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇرىزم» تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بەھرام سىنتاش ئۇيغۇر رايونىدىكى چېقىلغان مەسچىتلەر ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 2 يىل ئىچىدە چېقىۋەتكەن مەسچىتلەرنىڭ سانىنى ئاز دېگەندە 5 مىڭ، دەپ قىياس قىلىشقا بولىدىكەن. ئۇ سەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر 40 نەچچە مەسچىتنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاپ چېقىلىپ بولغانلىقىنى جەزملەشتۈردۈم. مۇشۇ بويىچە بولغاندا بىر ناھىيە ياكى بىر شەھەرگە نىسبەتەن ئاشۇ يەردىكى 30% مەسچىتنىڭ تولۇق چېقىلىپ بولغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا. . . .  ئەڭ ئاز ئىستاتېستىكا قىلغاندىمۇ 5000 مەسچىت چېقىلغان بولىدىكەن.»

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە چېقىلغان مەسچىتلەرنى ئېنىقلاپ چىقىپ چېقىلمىغانلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قاتتىق ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن. ئۇ قېلىپ قالغان باشقا مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىپ كېتىش خەۋپى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ب د ت مەدەنىيەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

فوتوگراف لىسا روسنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى مەسچىت ۋە مازارلارنى چېقىشى پۈتۈن بىر تارىخىي ۋە پۈتۈن بىر خەلقنى يوقىتىش بىلەن ئوخشاش ئىكەن. ئۇ، مەسچىت ۋە تاۋاپگاھلارنىڭ بىر خەلقنى بىر يەردە تۇتۇپ تۇرىدىغان يادرولۇق ھالقا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. لىسا رۇس مۇنداق دەيدۇ: «بۇ بىر پۈتۈن تارىخنى، بىر پۈتۈن خەلقنى غايىب قىلىۋېتىش بىلەن ئوخشاش بىر ئىش. مەسچىت ۋە تاۋاپگاھلار بىر خەلقنى بىرگە تۇتۇپ تۇرىدىغان يادرولۇق ھالقا. ئۇنى رادىكاللىق بىلەن باغلاش توغرا ئەمەس. بۇ نەرسىلەر بىر مىللەتنىڭ ئەنئەنىسى، بۇ ئۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى شەكىللەندۈرۈۋاتقان ئامىل. سوپىزم ۋە ئۇيغۇرلار مېڭىۋاتقان ئىسلام ھېچقاچان رادىكاللىق ئەمەس. ئۇنى رادىكاللىق دېيىش يالغان. بىرىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى رادىكال بولغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ.»

«مۇھاپىزەتچى گېزىتى» ئۆز خەۋىرىدە، ئاۋام خەلق، «3 قېتىم زىيارەت قىلسا بىر قېتىم ھەج قىلغانغا باراۋەر»، دەپ قارايدىغان ئىمام ئاسىم مازىرى بىر مەزگىللەردە تاۋاپ قىلغۇچىلار بىلەن توشۇپ كېتىدىغان ئورۇن بولسىمۇ، لېكىن ھازىر ئۇنىڭ قۇرۇقدىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر مازارنىڭ مەسچىتى، خانىقاسى، سوپىلارنىڭ زىكرى سوقۇش ئۆيى ۋە ئۇنىڭدىكى باشقا قۇرۇلۇشلار چېقىۋېتىلىپ، پەقەت ئىمام ئاسىم مازىرىلا قالدۇرۇپ قويۇلغان. ئۇنىڭغا ئېسىلغان بايراق ۋە نەرسە-كېرەكلەرنىڭ ھەممىسى ئېلىۋېتىلىپ، تاۋاپ قىلىش چەكلەنگەن. شۇنىڭدەك يەنە جەفەرى سادىق مازىرى پۈتۈنلەي چېقىۋېتىلگەن. خەۋەردە، مەزكۇر مازارنىڭ 2018‏-يىلى 3-ئايلاردا چېقىۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.