ئۇيغۇر ئېلىدە بەلگىلىمىدىن سىرت روزا تۇتقانلار ساقچىغا مەلۇم قىلىنىدۇ

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىلار بولۇپ مىليونلارچە مۇسۇلمانلار خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان، پۈتۈن رايون خىتاينىڭ ئىلغار سەۋىيەدىكى نازارەت قىلىش تېخنىكاسى ئارقىلىق قاتتىق نازارەت قىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە يېتىپ كەلگەن بۇ يىللىق رامىزان، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نەزىرىنى قايتىدىن رايوندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزاندىكى ۋەزىيىتىگە مەركەزلەشتۈرمەكتە.

مۇخبىرىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەردىن بۇ يىللىق رامىزانلىق چەكلىمىلەر ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىشى جەريانىدا، ھەتتا بەلگىلىمە بويىچە روزا تۇتۇشى رۇخسەت قىلىنغان كاتېگورىيەدىن باشقىلارنىڭ روزا تۇتقانلىقى بايقالسا، ئۇلارنىڭ جىنايەتچىدەك مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

گۈلچېھرەنىڭ بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرى دىققىتىڭلاردا بولسۇن.

ئۇيغۇر ئېلىدە، كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا يول قويماسلىق، رامىزان مەزگىلىدە ئاشخانىلارنى تاقاشقا رۇخسەت قىلماسلىق، ئىدارە-ئورگانلاردا، مەكتەپلەردە ھەقسىز سۇ ۋە تاماق تارقىتىپ غىزالىنىشقا مەجبۇرلاش، ئۇيغۇرلارنى ھاراق-پىۋا ئىچىش مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتۇرۇش، پەرزەنتلەرنى-ئاتا-ئانىسىنىڭ رامزاندىكى پائالىيەتلىرى ئۈستىدىن نازارەت قىلدۇرۇش قاتارلىق چارىلەرنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىسلام دىنىنى «روھىي كېسەللىك» ياكى «زەھەرلىك ئۆسمە» دەپ جاكارلىشى بىلەن دىنىي كىملىكنىڭ ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى، «دىنىي مەسىلە» گە باغلىنىپ لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق دىنىي تۈس ئالغان پائالىيەتلەردىن ئۆزىنى تارتىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنداق بىر شارائىتتا كەلگەن بۇ قېتىملىق رامزاندا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرى يەنە قانداق چەكلىمىلەرگە ئۇچرىماقتا ؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقەلىشىشقا تىرىشتۇق. ئۈرۈمچىدىكى خان تەڭرى مەسچىتىگە تېلېفونىمىز ئۇلاندى. بىر خادىم بىزنىڭ مەسچىتتە ئىپتار بېرەمسىلەر دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشكە تەمشەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يېنىدا تۇرغان بىرەيلەننىڭ تېلېفوننىڭ چەتئەلدىن كەلگەن نومۇر دەپ ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن جاۋاب بەرمەيلا تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

بىز يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىغا تېلېفون ئۇلىدۇق. تېلېفوننى ئالغان بىر ئۇيغۇر ئۆشرە-زاكات ۋە تەراۋىھ نامىزى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا ناھايىتى سەزگۈر ۋە جىددىي مۇئامىلە قىلىپ، «بىزنىڭ بۇنداق ئىشلار بىلەن ئالاقىمىز يوق» دېگەن جاۋابنى بېرىپ، تېلېفوننى قويدى.

بۇ يىللىق رامىزان خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرلارنى قۇرغاندىن بۇيانقى ئۈچىنچى رامىزان. رامىزان ئېيىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مىليونلىغان مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ باشقا مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش ئۆزى خالىغانچە رامىزان روزىسى تۇتۇش ئىمكانىيىتىنىڭمۇ بولماسلىقى مەتبۇئاتلاردىن يەر ئالماقتا. بۇ ھەقتە «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىمۇ ئۆتكەن ھەپتە «خىتاي دىپلومات شىنجاڭدىكى رامىزانلىق چەكلىمىلەرنى ئېتىراپ قىلدى» دېگەن تېمىدا خەۋەر ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ئەلچىسى جاۋ لىجيەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى رامىزانلىق چەكلىمىلەر ھەققىدىكى خەۋەرنى «غەربنىڭ تەشۋىقاتى» دېگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت كادىرلىرىنى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن چەكلەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

خوتەن ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تور پونكىتىدا ئېلان قىلىنغان قارا كۈچلەرنى تازىلاش رەزىللىكنى تۈگىتىش پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىغا تېلېفونىمىز ئۇلاندى. كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرغان خىتاي ھۆكۈمەت خادىمىدىن بىرى، ئاممىنىڭ روزا تۇتۇشىغا قانداق چەكلىمىلەر بارلىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ: «18 ياشتىن يۇقىرى ئادەتتىكى ئاممىنىڭ قانۇنلۇق دىنىي ئېتىقادى ۋە روزا تۇتۇشىغا يول قويۇلىدۇ، ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچى، ئىشچى خىزمەتچى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلىنىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇنىڭدىن قايتۇرۇپ يەنە ئەگەر شۇنداق روزا تۇتۇشى چەكلەنگەنلەرنىڭ روزا تۇتقانلىقى بايقالسىچۇ، سىلەرگە مەلۇم قىلىش كېرەكمۇ ؟ دەپ سورىدۇق. ئۇنىڭ جاۋابى رايوننىڭ بۇ يىلدىكى رامىزان مەزگىلىدىكى ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىكىنى يورۇتۇپ بەردى.

ئۇ: «ھە، بۇنداقلار بايقالسىمۇ، بىزنىڭ قارا كۈچلەرنى تازىلاش گۇرۇپپىمىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى يوق، ئەمما قانۇندا يول قويۇلغاندىن باشقىلارنىڭ روزا تۇتقانلىقى بايقالسا بىزگە ئەمەس ساقچىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش قىزىق لىنىيەسى 110 گە تېلېفون قىلىش كېرەك، ئۇلار مەسىلىنىڭ خاراكتېرى، ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ بىر تەرەپ قىلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتنىڭ 28 خىل ئىپادىسى»، «دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ 75 خىل ئىپادىسى»، دېگەن يەرلىك مىزان، بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، ساقال قويۇش، ھىجابلىنىش، روزا تۇتۇش، قۇرئان ۋە باشقا دىنىي كىتابلارنى ساقلاش، ئىپتار بېرىش، دۇئا-تىلاۋەت قىلىش، زاكات ۋە سەدىقە-پىتىر بېرىشتەك نورمال دىنىي ئىبادەت ھەم دىنىي قائىدە-يوسۇنلارنى چەكلىگەن. 2017‏-يىلى 4‏-ئايدا قانۇن چىقىرىپ، يۇقىرىدىكى بىر قىسىم ئىپادىلەرنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ئۇلۇغ ئېيىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە قانداق رادىكال سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە گەرچە ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس ئۇقتۇرۇش ياكى مەمۇرىي ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ «پان-ھالالىزىم» غا قارشى تۇرۇش دېگەن باھانىدە، خىتاينىڭ ئىسلامى ئىستېمال ئادەتلىرىنى چەكلەپ، رېستوران ۋە ئىستېمال مەھسۇلاتلىرىغا ھالال بەلگىسى قويۇشنى مەنئى قىلىشى ئۇيغۇرلارنى ئىسلامى يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە، مۇسۇلمانلارغا چوشقا گۆشى قاتارلىق «ھالال» بولمىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ئاشكارا تەرغىب قىلىشى، لاگېرلارنى قۇرۇش بىلەن تەڭ بىر مەزگىلدە داۋام قىلىۋاتقان سىياسەتلىرىدۇر.

د ئۇ ق رامزان مەزگىلىدىكى دىنىي زىيانكەشلىك ھەققىدە 7-ماي كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىدۇ. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى «روھىي كېسەللىك» دەپ ئاتاش ئارقىلىق ئۇنى پۈتۈنلەي «سۈپۈرۈپ تاشلاش» قا ئاتلانغانلىقى، بۇ ھالنىڭ بۇ يىلقى رامزان مەزگىلىدە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققانلىقى تەكىتلىنىدۇ.

ئومۇمەن، رامىزان مەزگىلىدە ئەسلىدە خىتايلارنىڭ ھەر قانداق ئەنئەنىۋى بايرىمى، مەسىلەن، باھار بايرىمى، تاۋۇز چاغىنى، چوكانتال بايرىمى دېگەنلەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىمۇ مۇنداق بايراملارنى داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەيدىغان ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە مەتبۇئاتلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ ئېيى بولغان رامىزان ھەققىدە تەبرىك ۋە ياكى رامىزانلىق پائالىيەتكە ئائىت ھېچقانداق خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارنىمۇ ئېلان قىلمىدى.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىنغان خەلقئارالىق خەۋەرلەردىنمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزاننى چەكلەش تەدبىرلىرى بىلىنىشكە باشلىدى. بىر قانچە خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ رامزاندىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رايوندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ چوشقا گۆشى يېيىشكە، ئىسلامىي ئىستېمال ئادەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقلىرىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى بۇ خىل چەكتىن ئاشقان چەكلىمىلىرى «رەزىل ۋە رادىكال تەدبىر» دەپ كۈچلۈك تەنقىد قوزغىماقتا.