مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇشتۇمتۇت يولغا قويغان ۋە چەكتىن ئاشقان قامال تەدبىرلىرى، ئاھالىلەرگە ئۈستى-ئۈستىلەپ ئاۋارىچىلىقلارنى تۇغدۇرغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تەبىئىي ھالدا بەلگىلىك دەرىجىدە ۋەزىيەتتىن قاخشاش ۋە شىكايەت قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. ئاممىۋىي سورۇنلاردىكى بۇ ئىنكاسلار، خىتاي دائىرىلىرىنى يەنە بىئارام قىلغان؛ نەتىجىدە «سۆز-چۆچەك تارقاتماسلىق» ۋە «سۆز-چۆچەكلەرگە ئىشەنمەسلىك» نامى ئاستىدا تەشۋىقات ئېلىپ بارغان، شۇنداقلا بەزى جايلاردا تۇتۇپ-تەكشۈرۈش ۋە سوراق قىلىش يولى بىلەن ئاھالىلەرگە تەھدىت سالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا كۆپىيىۋاتقان تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرى سەۋەبىدىن ئىجرا قىلىنىۋاتقان قامال تەدبىرلىرى، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشۇغا ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرغاندىن كېيىن، بەزى كىشىلەر ئۆزئارا ياردەمنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە بىر قىسىم قېيىنچىلىق ئۇچۇرلىرىنى ئۈندىدار قاتارلىق ۋاستىلار ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقان. مەدھىيەدىن باشقا پىكىر ۋە ئىنكاسلارنى ئاڭلاشقا ئادەتلەتمىگەن خىتاي دائىرىلىرى ئۈچۈن ئاھالىلەرنىڭ بۇ ئەقەللىي دەرىجىدىكى ئۆزىنى قوغداش ئۇچۇر پائالىتىمۇ خەتەرلىك كۆرۈلگەن ۋە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئاھالىلەرنى ۋىرۇس ۋەزىيىتىنى مۇنازىرە قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.
غۇلجا ناھىيەسىنىڭ تۇرپايۈزى يېزىسدىكى بىر خىتاي كادىر، بۇ يېزىدا ئاھالىلەرنىڭ ۋىرۇس ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز-چۆچەك تارقاتماسلىق ۋە سۆز چۆچەكلەرگە ئىشەنمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، دائىرىلەر ئاھالىلەردىن ھۆكۈمەتنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىنىلا ئاڭلاش، شۇنىلا تارقىتىش، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇچۇرلارنى ئاڭلىماسلىق ۋە تارقاتماسلىقىنى تاپىلىغان. بولۇپمۇ ۋىرۇس ۋەزىيتىنى مۇنازىرە قىلماسلىقنى ئالاھىدە بۇيرىغان.
2019 -يىلى ۋۇخەندە ۋىرۇس پەيدا بولغاندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇچۇرنى قامال قىلىشى، خەلقارادىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن يۇقۇمنىڭ ۋاباغا ئايلىنىپ كېتىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى دەپ قارالغان ۋە خىتاي دائىرىلىرى بۇ سەۋەبتىن خەلقئارادا كۆپ تەنقىدىلەرگە ئۇچرىغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارانىڭ ۋىرۇس ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش چاقىرىقى خىتاي تەرەپكە تەسىر قىلمىغان. غۇلجا ناھىيەسىدىكى يەنە يېزىلىق ساقچى پونكىتى خادىمىنىڭ پاش قىلىشىچە، مەزكۇر يېزىدا ۋىرۇس ۋەزىيىتى توغرىلىق سەلبىي ئۇچۇر تارقاتماسلىق ھەققىدىكى تەشۋىقات يېزىلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى تەرىپىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئالاقىدار سىياسىي-قانۇن كادىرلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان.
غۇلجا ناھىيەسىنىڭ توخۇچى يېزىسىدا، ساقچى خادىملىرى كىشىلەرنىڭ قول تېلېفونلىىنى تەكشۈرۈپ، قول تېلېفونلىرىدىن ۋىرۇس ۋەزىيىتى ھەققىدە ئاتالمىش «پايدىسىز ئۇچۇر» بايقالغانلار تۇتۇپ سوراق قىلىنغان. بىرقانچە ئاينىڭ ئالدىدا يەركەن ناھىيەسىدە «دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغان ماتېرىياللارنى ساقلىماسلىق، كۆتۈرۈپ يۈرمەسلىك ۋە ئۇنى مۇنازىرە قىلماسلىق قاتارلىق» قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «10 نى قىلماسلىق» تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرغان ئىدى.
توردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر بۇ نۆۋەت قامال مەزگىلىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى تىلغا ئالغان ۋە ئۇنىڭدىن قاخشىغان ئاھالىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۇلارغا تەھدىت سېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە خىتاي تەرەپنىڭ قامال تەدبىرلىرىنى ماختىغان خوشامەت خاراكتېرىدىكى تەشۋىقات ئۇچۇرلىرىغا يول ئېچىپ بەرگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ۋىرۇس ۋەزىيىتى ھەققىدە قىزىل ناخشىلار ئىجات قىلىنىپ، تىك-توك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىتىلغان. بۇلاردىن بىرىدە، خىتاينىڭ قامال تەدبىرلىرى ئالاھىدە مەدھىيەلەنگەن.