خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىنى كەڭ-كۆلەمدە سانائەتلەشتۈرۈش ئارقىلىق مۇستەملىكە ۋە ئاسسىمىلاتسىيە قەدىمىنى تېزلەتكەن

0:00 / 0:00

ئامېرىكادىكى C4ADS تەتقىقات ئورنى ئۆتكەن بىر يىللىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشلار ئارقىلىق «خىتاي سانائىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كەڭ-كۆلەمدە كىرىشى» ناملىق بىر دوكلاتنى تەييارلىغان. مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاينىڭ شەرقىدىكى ئۆلكە-شەھەرلەردىن كەلگەن دۆلەت كارخانىلىرى ۋە خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ 2009-يىلدىن بېرى ئۇيغۇر رايونىغا كەڭ-كۆلەمدە يۈرۈش قىلغانلىقى، 2016-يىلدىن كېيىن تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ، «مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نەپ ئېلىش قىزغىنلىقى» پەيدا قىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ دەلىللەپ چىققان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات تۈرىگە مەسئۇل خادىمى نىكول مورگرېت خانىم (Nicole Morgret) بۇ دوكلاتنىڭ ئاپتورى بولۇپ، ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ دوكلاتنىڭ ئالدىنقى يىللاردىكى دوكلاتقا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىڭ ھۆججەتلىرى ۋە ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا چىققان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇلار سانائەتنى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكىمەكتە. مەنچە بۇ دوكلات كونكرېت سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق بۇ يۆتكىلىشنىڭ قانچىلىك كۆلەمدە بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. سىز ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىكى مەلۇماتلارغا قاراپ باقسىڭىز، خىتايدىكى ياساش سانائىتىنىڭ تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى كۆرەلەيسىز. كورونا ۋىرۇسى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرمۇ سانائەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكىلىشىنى ئاقسىتىپ قويالمىدى. بىزنىڭ بۇ دوكلاتنى تەييارلىشىمىزدىكى مەقسەت، قانچىلىك شىركەتنىڭ يۆتكىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنى تەمىنلەش».

بۇ دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «مەجبۇرىي ئەمگەك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ مۇھىم قىسمى. بۇ دەپسەندىچىلىك ئۇيغۇرلار باستۇرۇشقا ئۇچرىغان شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى خىتايدا، قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا ۋە تۇتقۇنلار قۇل قىلىنغان زاۋۇتلاردا يۈز بەرمەكتە. خىتاينىڭ دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن خۇسۇسىي شىركەتلەرمۇ بۇ جىنايەتكە شېرىكتۇر».

بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سانائەت ۋە ئىقتىسادنى ۋاسىتە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن خېلى بۇرۇنلا ھەرىكەتكە ئۆتكەن ۋە تۆۋەندىكىدەك چارىلەرنى قوللانغان:

بىرىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى 1997-يىلدىن باشلىغان «شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش» سىياسىتىنى 2010-يىلدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيتكەن؛ خىتاينىڭ 19 ئۆلكە ۋە شەھىرىدىكى شىركەتلەرنى ئەرزان يەر، ئەرزان ئەمگەك كۈچى ۋە كۆپلىگەن ئېتىۋار سىياسەتلەر بىلەن ئۇيغۇر رايونىغا كۆپلەپ جەلپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىن بايلىق ئىزدەيدىغان شىركەتلەر شىددەت بىلەن كۆپەيگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئىچكىرى خىتايدىكى چوڭ شىركەتلەرنى «شىنجاڭ خىزمىتى» نى قوللاشنى سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا كۆرۈشكە بۇيرۇغان. 2009-يىلدىن ھازىرغىچە ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەن شىركەتلەر 40 مىڭ 293 كە يېتىپ، سانائەت كۆلىمى مىسلىسىز كېڭەيگەن؛ ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن يېڭى شىركەتلەر 2017-يىلدىن 2018-يىلغىچە قۇرۇلغان بولۇپ، كەڭ-كۆلەملىك لاگېرلارنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تۇتقۇن قىلىشنىڭ باشلىنىشىغا توغرا كەلگەن.

ئىككىنچىدىن، خىتاينىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئۇيغۇر رايونىغا غايەت زور مىقداردا مەبلەغ سالغان. 2016-يىلدىن 2020-يىلغىچە داۋاملاشقان «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە خىتاينىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئۇيغۇر رايونىغا 767 مىليارد يۈەن (120 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق) مەبلەغ سالغان.

ئۈچىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى «سانائەت باغچىسى» قۇرۇپ، جەنۇبتىكى 4 ۋىلايەت-ئوبلاستنى تەدرىجىي مۇھىم سانائەت بازىلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاھالىسىنى «زامانىۋى ئىشچىلار» قىلىشقا باشلىغان. ئۇيغۇر رايونىدىكى شىركەتلەرنىڭ 34 پىرسەنتى ئەنە شۇ «سانائەت باغچىسى» غا جايلاشتۇرۇلغان. بۇ «سانائەت باغچىلىرى» خىتاينىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتە قۇل قىلىش ۋە ياشاش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىپ ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ياراتقان.

تۆتىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەن ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى يۆلەش بىلەن بىرگە، خۇسۇسىي شىركەتلەرگىمۇ ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىمۇ ئۇيغۇرلارنى تالان-تاراج قىلىش ۋە ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش سېپىگە ئېلىپ كىرگەن. مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى گۇاڭدۇڭلۇق خوجايىنلارنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق شىركەتلىرىگە بىڭتۇەننىڭ «سانائەت باغچىسى» دىن ئورۇن بەرگەن. بۇ شىركەتتىكى ئايال ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھۆكۈمەتنىڭ ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىگە ماسلىشىپ، «ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى» ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن خىتاي ئىشچىلارنى تويلاشتۇرۇش ۋە كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، خىتايدىكى 4642 خۇسۇسىي كارخانا گۇرۇھىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تارماق شىركىتى مەۋجۇت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1624 شىركەتنىڭ باش شىتابى ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىرتىدا ئىكەن. ئۇلار ئۇيغۇر رايونىدىكى تارماق شىركەتلىرىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە يۆتكەپ ئىشلىتەلەيدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىش-ئوقىتى ئۇيغۇر رايونىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، مال تەمىنلەش لىنىيەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بەشىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى، ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ۋە دېھقانلىرىنىڭ ئىگىلىكىنى ۋەيران قىلىپ، ئىقتىسادتىن ئايرىۋەتكەن؛ كۆپلىرىنى ئەرزان باھالىق ئىشلەمچى ياكى ھەقسىز ئىشلەيدىغان قۇل قىلىۋەتكەن. ئۇيغۇر رايونىدىكى بىڭتۇەن، دۆلەت كارخانىلىرى ۋە خۇسۇسىي شىركەتلەر ھەر يىلى توقۇلما بويۇملار، ئېلىكتىر سايمانلىرى، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىقلاردىن 20 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پايدا تاپسىمۇ، بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدىغانلار ئاساسەن خىتايلار بولغان. ئۇيغۇرلار بۇ شىركەتلەرنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىغا كىرەلمىگەن ۋە ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئېلىشقا ياكى ھەقسىز ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان.

نىكول مورگرېت خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى سانائەتلەشتۈرۈشى بىلەن ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىشى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ئالدى بىلەن تەكىتلىمەكچى بولغىنىم، خىتاي ھۆكۈمىتى سانائەتنى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكىگەندە، ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، شىركەت خوجايىنلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسى خىتاي، زاۋۇتتا ئىشلەيدىغانلار ئۇيغۇر. دېڭىز بويى رايونلىرىدىكى سانائەتنى شىنجاڭغا يۆتكەش ئەھۋالىغا قارىساق، شىركەت خوجايىنلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىرتىدىن كەلگەن. شۇڭا ئۇلار يەرلىك خەلق ۋە مەدەنىيەتكە ناھايىتى يات. ئۇلار پەقەت ئۇيغۇرلار باستۇرۇلغان شارائىتتا خاتىرجەم زاۋۇت قۇرالايدۇ. ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىسىڭىز، 2016-2017-يىلدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە، تۈركىي-ئۇيغۇرچە نام بىلەن قۇرۇلغان خېلى كۆپ شىركەتلەرنىڭ سانى بىردىنلا ئازىيىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدىمۇ ئەسلىگە كەلمىدى. گەرچە كېيىنكى يىللاردا تېخىمۇ كۆپ زاۋۇتلار قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئىگە بولغان زاۋۇتلار ئازلاپ كەتتى».

C4ADS تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق دوكلاتىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنى قورال قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى باستۇرۇش ۋە ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش غەرىزىگە يەتمەكچى بولغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەنىدى. ئۇنىڭدا بېرىلگەن مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، خىتاي شىركەتلىرى ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغان پاختا، پەمىدۇر، قىزىلمۇچ، ياڭاق مېغىزى قاتارلىق مەھسۇلاتلار ۋە قۇياش تاختىسىغا ئىشلىتىلىدىغان كرىستاللىق كرېمنىي، كاربۇنلاشقان كالتىسىي، بېرىللىي مېتالى، سۈنئىي تالا، شامال چاقپىلەكى قاتارلىق ماللارنى ئىشلەپچىقىرىشتا مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ئەڭ كۆپ نەپ ئالغان. بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ دۇنيا بازىرىدا، جۈملىدىن مال تەمىنلەش لىنىيەسىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، پاختا مەھسۇلاتلىرى 19 پىرسەنتىنى، كاربۇنلاشقان كالتىسىي 22 پىرسەنتنى، بېرىللىي مېتالى 28 پىرسەنتنى، كىرىستاللىق كرېمنىي 40 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن. خىتاينىڭ قىزىلمۇچ ئىشلەپچىقىرىدىغان چېڭگۇاڭ بىئو-تېخنىكا شىركىتى 2018-يىلدىن 2022-يىلغىچە 147 مىليون دوللارلىق قىزىلمۇچ ئېكسپورت قىلغان.

بۇ قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ماللارغا چەكلىمە قويۇلىدۇ، ئەمما ئۇيغۇر رايونىدىكى چىقىدىغان ماللار خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئېكسپورتچىلارغا توشۇلىدۇ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلمىغىچە ئۇ ماللار يەنىلا خەلقئارا مال تەمىنلەش لىنىيەسىگە كىرىپ قالىدۇ».

نىكول مورگرېت خانىم بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: « <ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى> ئىجرا قىلىنغاندىلا، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۈنۈمى بولىدۇ. بىز بۇ دوكلاتتا مۇھاكىمە قىلغان تېمىلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر رايونى بىلەن دېڭىز بويى رايونلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سانائەت ۋە كارخانا مۇناسىۋىتى. خىتاينىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى مال تەمىنلەش لىنىيەسىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش بەك تەس. ئەگەر ماللار ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلىنىپ، دېڭىز بويى رايونلىرىغا توشۇلسا، ئاندىن خەلقئارا مال تەمىنلەش لىنىيەسىگە كىرىپ قالسا، ئۇنى تەكشۈرۈپ تېپىش قىيىن. <ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى> بىر كۈندىلا ھەممە مەسىلىنى ھەل قىلىۋېتەلمەيدۇ. بۇ يەردە ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن قانۇنلار بار. جەمئىيەتتىن كېلىدىغان بېسىملار شىركەتلەرنى ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىدىغان ماللارنى ئالماسلىققا مەجبۇر قىلالىشى كېرەك. خىتاينىڭ ياساش سانائىتىنىڭ كۆپىنچىسى دېڭىز بويى رايونلىرىدا بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر ئۇلارنىڭ زاۋۇتلىرى ئۇيغۇر رايونىدا بولۇپ قالسا، بۇلار خەتەرلىك ئەھۋال دەپ قارىلىشى كېرەك».

C4ADSتەتقىقات ئورنى سانلىق مەلۇمات تەھلىلى ۋە پاكىتلىق ئۇچۇرلار ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خىلمۇ خىل كىرزىس، توقۇنۇش ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى دوكلات قىلىدىكەن؛ شۇ قاتاردا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىقتىسادىي مونوپۇللۇق، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەدەنىيەت ئاسسىمىلاتسىيەسى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە يىللاردىن بېرى دوكلات بېرىپ كەلمەكتە ئىكەن.