تونۇلغان رەسسام ئەخمەتجان ئەھەتنىڭ يەككە كۆرگەزمىسى ئۇيغۇر مەكتىپىدە ئېچىلدى
2025.01.24
23-يانۋار كۈنى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىگە جايلاشقان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەسىدە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى، قازاقىستان رەسساملار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى ئەخمەتجان ئەھەتنىڭ يەككە كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. ئۇنىڭغا زىيالىيلار، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.
مەزكۇر كۆرگەزمە ئەخمەتجان ئەھەتنىڭ 70 ياشلىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئاتاقلىق رەسسام رۇسلان يۈسۈپوفنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلاپ ئېچىلغان كۆرگەزمە زالىغا قويۇلدى. تاماشىبىنلار رەسسامنىڭ ماي بوياق، گرافىكا، كېرامىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشتى.
رىياسەتچىلەر مېھمانلارنى كۆرگەزمىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى بىلەن تونۇشتۇرۇپ، مۇنداق دېدى: «ئەخمەتجان ئەھەت - بۇ ئىسىمنى بىلمەيدىغان ئادەم يوق بولسا كېرەك. قازاقىستانغا خىزمەت كۆرسەتكەن جەمئىيەت ئەربابى، تونۇلغان رەسسامنىڭ يېقىندا ‹كازاريان سەنئەت مەركىزى›نىڭ سىزما سۈرەتلەر كۆرگەزمە زالىدا قىرىقتىن ئوشۇق تاللانما ئەسىرى سەنئەت مۇخلىسلىرىنىڭ دىققىتىگە ھاۋالە قىلىندى. بۈگۈن بولسا، قۇتلۇق بىلىم دەرگاھىمىزدا خەلقىنىڭ كېلەچىكى بولغان ياش ئەۋلادنى سەنئەت دۇنياسىغا يېتەكلەپ، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ئەسەرلىرىنى نامايىش قىلىۋاتىدۇ.»
كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشى ئالدىدا بىز ئەخمەتجان ئەھەتنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مەكتەپ-گىمنازىيەدە كۆرگەزمە ئېچىلىۋاتىدۇ. بۇ يەرگە 20 دەك سۈرەت قويدۇم. ئاساسىي تېما بىزنىڭ ئۇيغۇرنىڭ تار كوچىلىرى. ئۆزۈم قەشقەر، تۇرپاننىڭ تۇيۇق مازارلىرىغا بېرىپ، كۆپلىگەن سۈرەتلەرنى تارتقانىدىم، ھازىر 10-15 يىل بولدى شۇ سۈرەتلەرنى سىزىپ چقىۋاتىمەن. ئۇلار مەن ئۈچۈن بىر دۇنيا. شۇ كوچىلاردىكى ھەر خىل بوياقلار. بۇ كوچىلار تارىخى چوڭ كوچىلار. شۇ كوچىلاردا يۈسۈپ بالاساغۇنى ماڭغان، مەھمۇت قەشقەرى ماڭغان. شۇلار بويىچە سۈرەتلىرىم كۆپلىگەن كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتى. ئۆتكەن يىلى ۋاشىنگتوندا بولدۇم. مۇزېيدا، كونگرېستا، ئۇيغۇر ئۆيىدە بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى. ياخشى تەسىراتلار بىلەن قايتتۇق. بۈگۈن بۇ سۈرەتلەرنى مەكتەپكە قويدۇق. بالىلار كۆرسۇن دەپ مۇشۇ كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرۇۋاتىمىز. ئالدىمىزدا خېلى پىلانلار بار. ئاساسىي مەقسىتىم، ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى سىزىپ، شۇ سۈرەتلەرنى پۈتكۈل دۇنياغا تونۇشتۇرۇش.»
ئەخمەتجان ئەھەت رەسساملىق ئاكادېمىيەسىدە ئىشلەۋاتقان مەزگىللىرىدە كۆپلىگەن شاگىرتلارغا بىلىم بەرگەنلىكىنى، شۇلارنىڭ كېلەچەكتە ئۇيغۇر تەسۋىرىي سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئۆز ھەسسىلىرىنى قوشىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلدى.
ئۇيغۇر مەكتەپ-گىمنازىيەسىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى «دۇنيا سەنئىتى» زامانىۋى سەنئەت گالېرىيەسىنىڭ مۇدىرى، مەدەنىيەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ھاكىمجان گۇلىيېف سۆزلىدى. ئۇ، ئەخمەتجان ئەھەتنىڭ دائىم تەسۋىرىي سەنئەت قاينىمىدا بولۇپ، ئەسەرلىرىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدە ئېچىلغان كۆرگەزمىلەردە كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر تەسۋىرىي سەنئىتىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشقا سالماقلىق تۆھپىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتقان رەسساملارنى بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ ئەخمەتجان ئەھەت ئىجادىيىتى يۆنىلىشلىرىنىڭ ھەر خىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭدىكى يەنە بىر چوڭ ئېقىم شەرققە، يەنى ۋەتىنىگە بولغان مۇھەببىتى، بولۇپمۇ ۋەتەندىكى شەھەرلەرنىڭ ھەر خىل كۆرۈنۈشلىرى. قەشقەر، تۇرپانلارغا ئۇ ئۆزى بېرىپ كەلگەن. شۇ يەردە ئالغان تەسىراتلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى ئەنە شۇ ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتتى، دەپ ئويلايمەن. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە پەلسەپىۋى ئويلارمۇ بار. ئۇلارنى مۇنداقلا چۈشىنىشكە بولمايدۇ. قىسقىسى، ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ‹مودېرنىزم›يەنى زامانىۋى ئېقىمدا ئىشلەۋاتقان رەسساملارنىڭ بىرى.»
مەكتەپتە ئۆتكەن مۇراسىمدا سۆزگە چىققان قازاقىستاننىڭ سابىق يۇقىرى پالاتا ئەزاسى مارس باتتالوف، قازاقىستاننىڭ پەخرىي يازغۇچىسى، ئاتاقلىق شائىر جەمشىت روزاخۇنوف، ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئوسمانجان ئوبۇلوف ۋە باشقىلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى، سەنئىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەققىدە، شۇنىڭدەك تەسۋىرىي سەنئەتتىكى مىللىيلىق ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار ئەخمەتجان ئەھەتنىڭ ئىجادىيىتىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي تەسۋىرىي سەنئىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشتىكى رولىنى يۇقىرى باھالاپ، رەسسامغا ئىللىق تىلەكلىرىنى ئىزھار قىلدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ سوغىلىرىنى تاپشۇردى.
شۇ جۈملىدىن ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەسىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف ئەپەندى ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنى ياش ئەۋلادقا تونۇشتۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان مەزكۇر كۆرگەزمىدە زامان تەلىپىگە لايىق ياخشى پىكىرلەرنىڭ ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇشۇنداق كۆرگەزمىلەرنى ۋە باشقىمۇ پائالىيەتلەرنى مەكتەپلەردە ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ياش ئەۋلادلارغا تەلىم-تەربىيە بېرىشنىڭ چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ئۇلارنىڭ ھاياتقا بولغان كۆز قارىشىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىيلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
مۇراسىم ئاخىرىدا سۆزگە چىققان رەسسام ئەخمەتجان ئەھەت كۆرگەزمىگە قاتناشقان بارلىق مېھمانلارغا، مەكتەپ مەمۇرىيىتى، ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆزىنىڭ چەكسىز مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى ۋە ئالبوملىرىنى تەقدىم قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تاغ-كان ئىنژېنېرى، پىروفېسسور ئابدۇللام سامساقوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇنى، بىزنىڭ مەدەنىي ھاياتىمىزدىكى چوڭ ۋەقە دەپ چۈشىنىمەن. چۈنكى ئەخمەتجان ئەھەت چوڭ رەسسام سۈپىتىدە يېقىن ئارىدىلا ئامېرىكادا ئىككى شەھەردە كۆرگەزمە قىلدى. ئۇنىڭ ئالدىدا گېرمانىيەگە، تاشكەنتكە باردى. ئاستانادا، ئالمۇتادا كۆرگەزمىلىرىنى نامايىش قىلىپ كەلگەن چوڭ رەسسام. ئۇ پەقەت ئۇيغۇر مىللىي تەسۋىرىي سەنئىتى ئەمەس، قازاقىستان رەسساملىرىغا ۋەكىل بولۇپ، دۇنيانى ئايلىنىپ يۈرىدۇ. ئەمما بۈگۈن مەكتەپتە ئېچىلغىنى مېنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ ئىش. چۈنكى بۇ مەكتەپتە بىر يېرىم مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئوقۇيدۇ، يۈزدىن ئارتۇق ئالىي مەلۇماتلىق مۇئەللىملەر ئىشلەيدۇ. بۇلار ھەممىسى ھۆكۈمەت تەمىناتىدا.»
كۆرگەزمە داۋامىدا تاماشىبىنلارغا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن تەييارلىغان كونسېرت كۆرسىتىلدى.
ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر قازاقىستاندا ئەخمەتجان ئەھەتتىن باشقا ئازاد ھاكىمبەك، ئەركىن زۇلپىقاروف، كۈرەش زۇلپىقاروف، ھاشىم قۇربانوف، ھاكىمجان گۇلىيېف، گۈزەل مەمەدىنوۋا ۋە ئۇيغۇر مىللىي تەسۋىرىي سەنئىتىنىڭ كۆپلىگەن كېيىنكى ئەۋلاد ۋەكىللىرىمۇ ئىجاد قىلماقتا. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى قازاقىستاننىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە ۋە باشقىمۇ مەملىكەتلەردە قويۇلۇپ، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.