رۇسىيەدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر رەسسامى ئازاد مەمەدىنوف ئالەمدىن ئۆتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-04-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
رەسساملىق ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسامى، رۇسىيە رەسساملار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى ئازاد مەمەدىنوف (1952-2020).
رەسساملىق ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسامى، رۇسىيە رەسساملار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى ئازاد مەمەدىنوف (1952-2020).
Waqqas Memedinof teminligen

24-ئاپرېلدا رۇسىيەنىڭ سانكىت-پېتېربۇرگ شەھىرىدە ياشاپ، رەسساملىق ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسامى، رۇسىيە رەسساملار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى ئازاد مەمەدىنوف 68 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئازاد مەمەدىنوف ھازىرقى كۈندە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىجاد قىلىپ كېلىۋاتقان تونۇلغان رەسساملار كۈرەش زۇلپىقاروف، رۇسلان يۈسۈپوف، ئەخمەتجان ئەھەد، ئەركىن زۇلپىقاروف، ھاشىمجان قۇربانوفلار بىلەن دەۋرداش ھەم كەسىپداش بولۇپ ئۆتكەن ئىكەن.

قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئازاد مەمەدىنوفنىڭ ئاكىسى ۋاققاس مەمەدىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئازاد ئابباس ئوغلى مەمەدىنوف 1952-يىلى 12-مارتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغانىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ دادىمىز ئابباس قارىم مەمەدىنوفنى 1955-يىلى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىدۇ. دادام شىنجاڭ قاتناش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1962-يىلى يانۋاردا كۆچۈپ، ئالمۇتىغا كېلىدۇ. ئازاد ئالمۇتادا مەكتەپنى تۈگىتىدۇ. ئاندىن ئۇ ئۈچ يىل گېرمانىيەدە ئارمىيەدە بولىدۇ. ئاندىن لېنىنگرادتا ئىككى ئوقۇش ئورنىنى تاماملاپ، ئالمۇتاغا كېلىدۇ. بىر ئاي ئىشقا كىرەلمەي، دادىمىزنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ، لېنىنگرادقا كېتىدۇ ۋە ئاركتىكا-ئانتاركتىدا ئىنستىتۇتىدا ئىشلەپ، شۇ يەردە قالىدۇ.»

ئىگىلىشىمىزچە، ئازاد مەمەدىنوف 1977-يىلى شۇ ۋاقىتتىكى لېنىنگراد، يەنى ھازىرقى سانكىت-پېتېربۇرگ شەھىرىدىكى مېمارچىلىق-قۇرۇلۇش مەكتىپىنى، ئاندىن 1984-يىلى مۇخىنا نامىدىكى ئالىي بەدىئىي-سانائەت ئىنستىتۇتىنى تاماملىغان. ئۇ 1992-يىلى رۇسىيە رەسساملار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە شۇنداقلا «ماستېر-كلاسس» لايىھەسىنىڭ ئاپتورى سۈپىتىدە كۆپلىگەن كۆرگەزمىلەرنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.

ھازىر سانكىت-پېتېربۇرگ شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ھەمراجان زايىتوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئازاد مەمەدىنوفنىڭ ۋاپاتى پەقەت رۇسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان پۈتكۈل ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئورنى تولماس جۇدالىق ئىكەن.

ھەمراجان زايىتوف مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ رەسىملىرى چەت مەملىكەتلەردە، نۇرغۇن يەرلەردە ساقلانماقتا. ئەتە بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تەزىيە بىلدۈرمەكچىمىز. ئۇ كۆپلىگەن رەسساملارنىڭ رەسىملىرىنى يىغىپ، كۆرگەزمىلەرنى ئاچاتتى. يېقىن ئارىلىشاتتۇق. ئۇيغۇرلار جەم بولغاندا ئازاد ئاكىنىڭ گاللېرېيەسىدە يىغىلاتتۇق. مۇشۇ مارتتا شۇ يەردە يىغىلماقچىدۇق. كورونا ۋىرۇسى دەپ، ئۇچرىشالماي قالدۇق. ئۇنىڭ ئايالى سېميونوۋا تامارامۇ رەسسام. ئېرمىتاژنىڭ پرېزىدېنتى پىئوتروۋسكىي، دۆلەت دۇماسى ئەزاسى گوۋورۇخىن، ئازاد مەمەدىنوف ۋە تامارا سېميونوۋانىڭ تۆت كىشىلىك چوڭ ئۇيۇشمىسى بولغان.»

ھەمراجان زايىتوف يەنە گوۋورۇخىن ھەم پىئوتروۋسكىيلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، يەنە مۇنداق دېدى: ئاكىسى ۋاققاس مەمەدىنوف كېلىپ، پىئوتروۋسكىي ۋە گوۋورۇخىن بىلەن ئۇچرىشىپ، بىر فىلىم ئىشلەپ چىقاردى. بۇ فىلىم تور بەتلىرىدە بار. ئازاد ئاكىنىڭ سىڭلىسى گۈزەل مەمەدىنوۋا قازاقىستان دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ باش رەسسامى. بىز چوڭقۇر قايغۇرۇپ، تەزىيە بىلدۈرىمىز.»

كۆپلىگەن جۇمھۇرىيەتلىك ۋە خەلقئارا كۆرگەزمىلەرنىڭ قاتناشقۇچىسى ئازاد مەمەدىنوفنىڭ ئەمگىكى يۇقىرى باھالىنىپ، بىر نەچچە مۇكاپاتلار بىلەن تەقدىرلەنگەن.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت