مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار: «بىرلىككە كەلگەن ۋە قېلىپلاشقان ئۇيغۇرچە تاماق تىزىملىكىمىز بولۇشى كېرەك»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2024.11.25
zeynidin-tursun-teshwiqat-2 گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدىكى «ئۈرۈمچى ئۇيغۇر رېستورانى» نىڭ خوجايىنى زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى ئۇيۇشتۇرغان گوللاندىيە پارلامېنتىغا تەشەككۈر ئېيتىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 21-ماي، گوللاندىيە.
Photo: RFA

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاشخانا، تېز تاماقخانا، ئارامگاھ ۋە رېستورانلارنىڭ مەززىلىك تائاملىرى شۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەرلىكلەرنى ئاساس قىلغان باشقا خەلقلەرمۇ ئارزۇلاپ يەيدىغان تاماق تۈرىگە ئايلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانا ۋە رېستورانلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەخسۇس مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالىنى ئىشلەتمەكتە، يەنى كىشىلەر ئۆيىدە ئولتۇرۇپمۇ خالىغان تامىقىنى تور ئارقىلىقلا بۇيرۇتالايدىكەن، مەخسۇس ئۈستەللەرنى زاكاز قىلالايدىكەن.

مەيلى ئۇيغۇر ئاشخانا-رېستورانلىرىنىڭ ئۆزىدە بولسۇن ياكى توردا تاماق زاكاز قىلىشتا بولسۇن، ئۇيغۇر تاماقلىرى تىزىملىكىدە ۋە تاماق تۈرلىرىدە بىرلىككە كەلگەن، قېلىپلاشقان ھەمدە ئۆلچەملىك تاماق نامىنىڭ بولۇشى، خېرىدارلارنىڭ جىددىي تەقاززاسى بولۇۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە. بۇ ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ بازار تېپىشى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئاممىبابلىشىشى ۋە كەڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

تاماق نامى ۋە تاماق تىزىملىكىدە ساقلىنىۋاتقان قالايمىقانچىلىقلار

تاماق تىزىملىكىدىكى غىزا ناملىرىنىڭ قېلىپلاشماسلىقى، ئوخشاش بىر تاماقنىڭ ئوخشىمىغان ئاشخانىلاردا ئوخشىمىغان ناملاردا يېزىلىشى، ھەتتا خېلى كۆپ بىر قىسىم ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ خىتايچە ئاتىلىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىۋاتقان بىر مەسىلە.

دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئېچىلغان 10 دەك ئۇيغۇر ئاشخانا-رېستورانلىرىنىڭ تور بەتلىرىدىكى تاماق تىزىملىكىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش ئارقىلىق، بۇ مەسىلىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇتلۇقى مەلۇم بولدى.

مىسال ئۈچۈن ئېيتساق، لەغمەن-لەگمەن-لەڭمەن؛ قورۇما چۆپ-سومىيەن-بوسو؛ مارجان چۆپ-مەرۋايىت چۆپ-دىڭ-دىڭ سومىيەن؛ قاتلىما-ھورنان-يوتازا؛ تۈگۈرە-بەنشىر-جۇۋاۋا؛ يەلقازان شورپىسى-خوگو-داڭقان شورپىسى؛ توخۇ قورۇمىسى-داپەنجى، چوڭ تەخسىلىك مۇچ توخۇ قورۇمىسى. . . ۋەھاكازالار.

ئۇنىڭدىن باشقا ئاشپەزلەردىن تارتىپ، مۇلازىملارغىچە ئاساسەن دېگۈدەك ئاشخانىلاردا قورۇمىنى «سەي»، ئايرىمخانىنى «بوشاڭ»، تېتىتقۇنى «ۋېيجىڭ» دېگەندەك خىتايچە ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق مەدەنىيىتىدە ۋە مۇلازىمىتىدە جىددىي ئويلانمىسا بولمايدىغان بوشلۇقلارنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

دىلنۇر رەيھان: «تاماقلىرىمىزنى ئۇيغۇرچە ئاتاش مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ بىر قىسمى»

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دىلنۇر رەيھان خانىم، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تائام ناملىرىدىكى خىتايچە ئېلېمېنتلارنى تازىلاش، تاماق تىزىملىكىنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، شۇنداقلا ئۇيغۇر تاماق ناملىرىنىڭ ئۆلچەملىك ۋە قېلىپلاشقان بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغىغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، بىزنىڭ ئۇيغۇر تاماق تىزىملىكىنىڭ بىرلىككە كېلىشى ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، تاماق ئىسىملىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، ئۇنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ئۇيغۇر تاماقلىرىغا بولغان تەسىراتىنى شەكىللەندۈرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دىلنۇر رەيھان، مىللىي كىملىكنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۇيغۇر تاماقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرىنىڭ ئىستېمالچىلارغا تاماك مەدەنىيىتىدىن ئەڭ بۇرۇن سىگنال بېرىدىغان بىر كۆزنەك ئىكەنلىكىنى، شۇڭىمۇ ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ ناملىرىنى خىتايچە ئاتاشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ بۇنىڭ جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ كۈندىلىك ھاياتتىكى يارقىن بىر كۆزنىكى ھېسابلانغان ئۇيغۇر تاماقلىرى تىزىملىكىنىڭ ئۇيغۇرچە بولۇشى، سەل قارايدىغان كىچىك مەسىلە ئەمەس، بىزگە ئائىت ھەرقانداق بىر مەدەنىيەت ئۆرنىكىنى ساپ ئۇيغۇرچە ئاتاش - مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ بىر قىسمىدۇر» دېدى.

زەينىدىن تۇرسۇن: «تاماق تىزىملىكىدە خىتايچە ئىشلەتمەسلىك پىرىنسىپ بولۇشى كېرەك»

گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھەر مەركىزىدە ئېچىلغان «ئۈرۈمچى ئۇيغۇر رېستورانى» ياۋروپادا دەسلەپ ئېچىلغان ۋە خېلى تونۇلغان ئۇيغۇر رېستورانلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. رېستوران خوجايىنى زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى ئۆزىنىڭ 10 يىللىق رېستوران ئېچىش تەجرىبىسىگە ئاساسەن، ئۇيغۇر تاماقلىرى ئىسىملىرىنىڭ قانداق يېزىلىشىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا ھەمدە تەسىراتىغا قارىتا زور رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى. زەينىدىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ رېستورانىدا تاماق ناملىرىنى خىتايچە ئاتىماسلىق، تاماقلارغا خىتايچە تېتىتقۇ ۋە خۇرۇچلارنى ئىشلەتمەسلىكتىن ئىبارەت ئىككى ئۇنىۋېرسال ئۆلچەمگە رىئايە قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇ، رېستورانلاردا تاماق تىزىملىكىنىڭ خېرىدارلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كۆزنەك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان. زەينىدىن ئەپەندى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان ئوخشىمىغان خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇرۇپ، تاماق تىزىملىكىدە ئۇيغۇر تاماق ناملىرىنى ئۇيغۇرچە تەلەپپۇزى بويىچە لاتىنچە يازغاندىن باشقا، شۇ تاماقنىڭ رەسىمى بىلەن ئىنگلىزچە چۈشەندۈرۈشىنى قوشۇپ لايىھەلىگەن. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئەسلى نامى بويىچە يېزىلىشى، خېرىدارلاردا ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ تاماقلىرىغىلا ئەمەس، بەلكى مەدەنىيىتىگىمۇ ھۆرمەت ۋە رازىمەنلىك تۇيغۇسى ھاسىل قىلىدىكەن.

زەينىدىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۇرغۇن خېرىدارلار ئۇيغۇرلارنى تونۇش ياكى ئۇلارنى چۈشىنىشتە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرچە تاماق چىقىرىدىغان رېستورانلارنى ئىزدەيدىكەن. بۇنىڭدا ئۇلار ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان ياكى داڭقى چىققان تاماقلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرىغا دىققەت قىلىدىكەن. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر تاماق تىزىملىكىدىن يەر ئالغان تاماق تۈرلىرى ۋە ناملىرىنىڭ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ئۆلچەملىك، تەرتىپلىك، بىرلىككە كەلگەن ۋە قېلىپلاشقان ھالەتتە يېزىلىشى، ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ تونۇلۇشى ھەم يەرشارىلىشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

خەمىت كېرەم: «ئۇيغۇرلار ئۆز تىلىدا بىرلىككە كەلگەن تاماق تىزىملىكىگە موھتاج»

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى، ئۇيغۇر ئاشخانا ۋە رېستورانلىرىدىكى تاماق تىزىملىكىنىڭ ئۆلچەملىك ۋە بىرلىككە كەلگەن بولۇشى، خېرىدارلارنىڭ ئۇيغۇر تاماق مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى شەكىللەندۈرۈشكە، ھەتتا ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىراتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر تاماقلىرىنى ئاساس قىلىپ رېستوران ئېچىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇ نۇقتىنى بارغانسېرى چوڭقۇر تونۇپ يېتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان ۋە ھازىرغىچە 3 تارماق رېستورانغا تەرەققىي قىلغان «دولان» ئۇيغۇر رېستورانى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەرلىك ئامېرىكالىقلار تەرىپىدىنمۇ بىر قەدەر ئېتىراپ قىلىنغان داڭدار رېستورانلاردىن ھېسابلىنىدۇ. رېستوران خوجايىنى خەمىت كېرەم، تاماق تىزىملىكىنى ساپ ۋە ئۆلچەملىك ئۇيغۇر تىلىدا تۈزۈپ چىقىشتا ئۆزىنىڭمۇ خېلى چوڭقۇر ئويلانغانلىقىنى، بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، بولۇپمۇ تىلشۇناسلىق جەھەتتە بىلىمى چوڭقۇر بولغان بىلىم ئادەملىرىنى تەكلىپ قىلىپ، بۇ ھەقتە مەخسۇس پىكىر ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئۇيغۇر تاماق ناملىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۈچۈن ھەرۋاقىت ۋە ھەرجايدا تولىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ نامىنى ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى بىلەن دۇنياغا ئومۇملاشتۇرۇش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

خەمىت كېرىم ئاخىرىدا: «ئۇيغۇرلار ئۆز تىلىدىكى قېلىپلاشقان ۋە بىرلىككە كەلگەن تاماق تىزىملىكىگە موھتاج» دېدى.

ئابدۇشۈكۈر مەمەت: «بىز بىرلىكتە قىلالايمىز!»

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىر، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر مەمەت ئەپەندى، ئۇيغۇر رېستورانلىرىدا بىرلىككە كەلگەن ۋە قېلىپلاشقان ئۇيغۇر تاماق تىزىملىكىنىڭ بولۇشىنى، مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تاماقلىرىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا ھەممىدىن بۇرۇن كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر مۇھىم قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇر تاماق ناملىرى ۋە تىزىملىكى توغرىسىدا ئىلگىرى ۋەتەندە نەشر قىلىنغان مەخسۇس كىتابلار، يۇمشاق دېتاللارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى، بۇ تۈردىكى كىتاب ۋە يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوتتۇرا-كىچىك ئاشخانىلار، تېز تاماقخانىلار، ئارامگاھلار ۋە رېستورانلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن لايىھەلەنگەنلىكىنى، ئەمما ئۇنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشنىڭ ئانچە ئومۇملاشمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە پۈتكۈل ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇرچە نامى بار بولسىمۇ، ئەمما تۈرلۈك سەۋەبلەردىن بەزى ئۇيغۇرچە تاماقلارنى خىتايچە ناملار بىلەن ئاتاشنىڭ ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكىنى، بۇنى تۈزىتىشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر تاماق تىزىملىكىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرچە ناملىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، شۇنداقلا ئۇنى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى خېرىدارلارغا ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كەسپىي ئاشپەزلەر ھەم ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا چوقۇم ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.