چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر رېستۇرانلىرى ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇدىغان كۆزنەككە ئايلانماقتا

0:00 / 0:00

يۇرتىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولغان ئۇيغۇرلار مەيلى قايسىي دۆلەتتە ياشىمىسۇن، ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرى كىچىكىدىن يەپ كۆنگەن ئۇيغۇر تائاملىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭىمۇ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن ئۆزلىرى ياشۋاتقان جايدا بىرەر ئۇيغۇر ئاشخانىسى ياكى رېستورانىنىڭ ئېچىلىشى، ئۇلارنى تولىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ.

مەيلى تۈركىيەدە بولسۇن ياكى گېرمانىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق ئۇيغۇرلار بىرقەدەر كۆپرەك بولغان ياۋروپا ئەللىرىدە بولسۇن، «تارىم» «تەڭرىتاغ»، «يىپەك يولى»، «ئىدىقۇت» «ئەتلەس» «ئۈرۈمچى»، «تەكلىماكان» دېگەندەك ناملاردا ئېچىلىپ تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر رېستۇرانلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

«دولان» ئۇيغۇر رېستورانىنىڭ خوجايىنى خەمىت كېرىم.
«دولان» ئۇيغۇر رېستورانىنىڭ خوجايىنى خەمىت كېرىم.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكانىڭ بىر قىسىم چوڭ شەھەرلىرىدىمۇ ئۇيغۇر رېستۇرانلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلماقتا. «دولان» ئۇيغۇر رېستورانى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر مەركەزلەشكەن پايتەخت ۋاشىنگتوندا 2018-يىلى ئېچىلغان. يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، ئامېرىكادىكى بەزى مەتبۇئاتلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان خەۋەرلىرىدىمۇ «دولان» رېستورانىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان.

«دولان» رېستورانى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنۋېرسىتېتىدا چىقىدىغان ئىستۇدېنتلار گېزىتى GW Hatchet نىڭ بۇ يىللىق 7-فېۋرال سانىدا مەخسۇس تونۇشتۇرۇلغان. «ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر رېستورانىنىڭ غوجايىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئاڭلاتتى» ناملىق مەزكۇر خەۋەردە، رېستۇران غوجايىنى خەمىت كېرىمنىڭ غۇلجادىكى ئاكىسىنىڭ خىتاي ھۈۆكۈمىتى تەرىپىدىن 20 يىللىق، يەڭگىسىنىڭ 7 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان. مەزكۇر خەۋەردە خەمىت كېرىمنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېچىنىشلىق قىسمەتلەر ئارقىلىق نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىييۈزلۈك ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقى يورۇتۇلغان.

«دولان» ئۇيغۇر رېستۇرانىنىڭ غوجايىنى خەمىد كېرىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، رېستۇرانغا كېلىۋاتقان خېرىدارلارلار ئارىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە رېستۇراننىڭ بېزىلىشىدىن تارتىپ، تاماق تۈرلىرىگىچە ساپ ئۇيغۇر مەدەنىيەت خاسلىقى ۋە ئۇيغۇر پۇرىقىنى ئىپادىلەشپكە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە رېستۇران خىزمەتچىلىرىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولۇش شەرتى بىلەن قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. خەمىت ئەپەندى يەنە «دولان» رېستۇرانىدا خېرىدارلارنى ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن شەخسەن ئۆزىنىڭمۇ تەسەللىي ۋە ئىلھام تېپىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاشخانا ۋە رېستۇران ئاچقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر غوجايىنلارنىڭ كۆپىنچىسى كەسپىي ئاشپەز ئەمەس ئىكەن. 2015-يىلى روتتېردام شەھەر مەركىزىدە ئېچىلغان «ئۈرۈمچى» رېستورانى گوللاندىيەدە ئېچىلغان تۇنجى ئۇيغۇر رېستورانىدۇر. مەزكۇر رېستوراننىڭ غوجايىنى زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندىمۇ ئەسلىدە كەسپىي ئاشپەز بولماستىن، بەلكى چەت ئەلدىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى ئىدى. كېيىنكى يىللاردا ئۇنىڭ رېستۇرانىدا كۆپلىگەن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقوق پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن، مەتبۇئاتلاردا كۆپلەپ تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ رېستۇران يەنە ياۋروپادا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا ئۈلگىلىك بىر سورۇن بولۇپ كەلدى.

زەينىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ «ئۈرۈمچى» رېستۇرانىنى ئېچىشتىكى تەجرىبىسى ھەققىدە توختىلىپ، گەرچە ھازىرغىچە ئۇيغۇر تائاملىرىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەمنى ئۇچرىتىپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن رېستۇرانىغا پەقەت ئۇيغۇر تائاملىرىنىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن كېلىۋاتقانلارنىڭمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە «ئۈرۈمچى» رېستورانىنىڭ پەقەت تاماق يەيدىغان بىر ئاشخانىلا ئەمەس، بەلكى بىر جانلىق ئۇيغۇر مۇزېيىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھەر كۈنى خېرىدارلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلغاندىن سىرت يەنە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتەك بىر مۇھىم ۋەزىپىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

زەينىدىن ئەپەندى چەت ئەللەردە رېستوران-ئاشخانا ئېچىۋاتقان ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇشتا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشتا، ئۇيغۇر رېستورانلارنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېسىدىن چىقارماسلىقنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە چەت ئەللەردە رېستۇران-ئاشخانا تىجارىتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە يالغۇز پۇل تېپىشتىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس ياشاش ئۇسۇلى ۋە مەدەنىيەت شەكىللىرىنى ساقلاشتا باش تارتىپ بولمايدىغان ۋىجدانى مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.