ئۇيغۇر ئانىلىرى ئۆز تائاملىرى بىلەنمۇ ئۇيغۇر كىملىكىنى تونۇتماقتا

0:00 / 0:00

يېقىندا ئامېرىكادىكى داڭلىق خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىرى بولغان ۋائىز ئاگېنتلىقىدا ئامېرىكانىڭ ماساچۇسىتېس شتاتىدا تۇنجى ئېچىلغان يىپەك يولى ئۇيغۇر رېستورانى تونۇشتۇرۇلدى. ئەپچىللىك بىلەن لەغمەن سوزۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ كۆرۈنۈشى بىلەن باشلانغان بۇ خەۋەردە، ئۇيغۇر ئائىلىسى تەرىپىدىن بوستون شەھىرىدە ئېچىلغان يىپەك يولى رېستورانىنىڭ خوجايىنى ۋە ئاشپىزى مارىيە مۇھەممەت خانىم ئاددىيغىنە لەغمەندىن ئىبارەت بىر تاماققا قانچىلىك ئارزۇلارنىڭ يۇغۇرۇلغانلىقىنى چىن قەلبىدىن ئىپادە قىلغان.

ئۇ رېستورانىغا كەلگەن ۋائىز مۇخبىرىغا ئۆزىنىڭ قازان بېشىدا مەشغۇل ۋاقتىدىمۇ، داۋاملىق ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ تۈرمە ۋە لاگېرلىرىغا تاشلانغان ئېرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئويلاپ تۇرىدىغانلىقىنى، بىگۇناھ ئېرىنىڭ 2018-يىلى 20 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئاڭلاتقان.

لوندون شەھىرىدە 2016-يىلى ئېچىلغان «ئەتلەس» ئۇيغۇر رېستورانىنىڭ قۇرغۇچىلىرى مۇقەددەس يادىكار خانىم بىلەن يولدىشى ئابلىكىم راخمان ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى.
لوندون شەھىرىدە 2016-يىلى ئېچىلغان «ئەتلەس» ئۇيغۇر رېستورانىنىڭ قۇرغۇچىلىرى مۇقەددەس يادىكار خانىم بىلەن يولدىشى ئابلىكىم راخمان ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى. (Social Media)

ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى كۆرمەيدىغانلىقى يورۇتۇش مەقسەت قىلىنغان مەزكۇر خەۋەردە يەنە، ئۇنىڭ بىلەن رېستوراننى ئېچىۋاتقان قىزى ئادىلەمۇ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، دادىسىنىڭ تۇتقۇندىن بۇرۇن، ئۈندىدارغا ئەۋەتكەن ئاۋازىدىن باشقا ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى، گەرچە كۈندە ئۆزى يىپەك يولى ئۇيغۇر رېستورانىدا خېرىدارلارغا ھەر خىل مەززىلىك تاماقلارنى ئۆز قولى بىلەن سۇنىۋاتقىنىدا، ئەجەبا دادام نېمە يەۋاتقاندۇ؟ دېگەننى ئويلىماي تۇرالمايدىغانلىقىنى ھەسرەت ئىچىدە بايان قىلغان.

ئۇيغۇرلاردا «ئانىلارنىڭ ئون بارمىقى 10 گۈل» دەيدىغان گەپ بار. مانا بۇ رېستوراندىكى بارلىق تاماقلار مۇشۇ چېۋەر ئانىنىڭ ئۆزىنىڭ ئائىلە رېتسىپلىرىدىن پۈتىدۇ. ھازىر خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا تونۇشتۇرۇلغان بۇ رېستورانى خوجايىنى ۋە ئۇستا ئاشپىزى بولغان مارىيە خانىم ئەسلى ئاشپەز ئەمەس، بەلكى ئاتۇشتا بىر دوختۇر ئىكەن. رامزاندا ئۆز ئۆيىدە يېقىنلىرىغا ئىپتارلىق بەرگىنى ئۈچۈن 20 يىل كېسىۋېتىلگەن ئاتۇشتىكى ئېرى، يەنى بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن سادىر ئېلى بولسا ئەسلى بانكا خىزمەتچىسى ئىدى.

ماسساچۇستېس شتاتىدا تۇنجى قۇرۇلغان بۇ ئۇيغۇر رېستورانى ئېچىلغىنىغا 5 يىل بولغان. رېستوران ئېچىلغان بۇ رايون خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ماسساچۇستېس تېخنىكا ئىنستىتۇتىدەك دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىككى ئالىي مەكتەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 70 دىن ئارتۇق ئالى مەكتەپ ۋە ئىنستىتۇتلار جايلاشقان بىر جاي. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بۇ داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىغا كېلىپ ئوقۇيدۇ.

لوندون شەھىرىدە 2016-يىلى ئېچىلغان «ئەتلەس» ئۇيغۇر رېستورانىنىڭ بېزىلىشى.
لوندون شەھىرىدە 2016-يىلى ئېچىلغان «ئەتلەس» ئۇيغۇر رېستورانىنىڭ بېزىلىشى.

مارىيە خانىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر بوستون شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماسساچۇستتېستا 200 گە يېقىن ئۇيغۇر بار بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن يىپەك يولى رېستورانى ئائىلىگە ئوخشاش بىر جاي، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار، يەرلىكلەر ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىدىغان بىر جايغا ئايلانماقتىكەن.

خىتاي بېيجىڭدا قىشلىق ئولىمپىكقا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، يىپەك يولى رېستورانىدا يەرلىك خېرىدارلارنىڭ سانى كۆپەيگەن، قەدىمى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان بۇ مېھمانلار يالغۇز ئۇيغۇر تاماقلىرىنى تېتىپ بېقىش ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن كەلگەنلىكى مارىيە خانىمنى تولىمۇ سۆيۈندۈرمەكتىكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆيىدىن ئايرىلىپ باشقا جايغا بارغاندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر بارمۇ ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاشخانىسى بارمۇ؟ دەپ ئىزدەيدۇ. لوندون شەھىرىدە 2016-يىلى ئېچىلغان «ئەتلەس» ئۇيغۇر رېستورانى بولسا، ئەنگلىيەدە ئېچىلغان تۇنجى ئۇيغۇر رېستورانى ھېسابلىنىدۇ. بۇ رېستوران ئەنگلىيە دىپلوماتلىرى، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەنگلىيە سىياسىيون، تەتقىقاتچىلىرىنىڭ داۋاملىق بارىدىغان بىر داڭلىق رېستورانغا ئايلىنىپ قالدى. ئەنگلىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ چوقۇم توختاپ ئۆتىدىغان بىر سۆيۈملۈك جاي.

مۇقەددەس يادىكار خانىم بىلەن يولدىشى ئابلىكىم راخمان ئەسلى ئوقۇش ئۈچۈن چەتئەلگە چىققان ئۇيغۇرلاردىن. «ئەتلەس» رېستورانى ئۇلارنىڭ ئىككىنچى ئۆيىگە ئايلانغان، ئۆزلىرى بولسا بۇ رېستوراننىڭ خوجايىن ھەم ئاشپەزلىرى.

مۇقەددەس ۋە ئۇنىڭ «ئەتلەس» رېستورانى ئىلگىرى ب ب س ئاگېنتلىقلىرى تەرىپىدىنمۇ تونۇشتۇرۇلغانىدى. ئۇ مۇخبىرغا رېستوران ئېچىشتىكى مەقسىتىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ جەم بولۇشىغا سورۇن ھازىرلاپ بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

3 پەرزەنتىنىڭ مېھرىبان ئانىسى، مۇقەددەس خانىم مانا ئەمدى ئۆمۈرلۈك ھەمراھى بىلەن تەڭ «ئەتلەس» رېستورانى ئارقىلىقئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندوستلۇقى، چېچەن ۋە چىۋەرلىكىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ خۇددى ئەتلەستەك رەڭدار ۋە باي مەدەنىيىتىنى جۇلالاتماقتا.

نۆۋەتتە، ياۋروپا مەملىكەتلىرىدىن ئۇيغۇرلار كۆپرەك جايلاشقان گېرمانىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە ۋە باشقا مەملىكەتلەردىمۇ ئۇيغۇر رېستورانلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىپ، بارغانسېرى ئالقىشقا ئېرىشمەكتە. بۇ رېستورانلاردىمۇ ئوخشاشلار ئانىلار، خانىم-قىزلار ئۆزلىرىنىڭ مەززىلىك تاماقلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى نامايان قىلماقتا.