كۆزەتكۈچىلەر: «ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى ئۇيغۇر مىللىي روھىنى يالقۇنجاتتى»

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسىدا ئۈرۈمچىدىكى ئاھالىلەرنى ئۆيلىرىگە قاماپ قويغىلى 100 كۈندىن ئاشقاندا، ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. 24 -نويابىر يۈز بەرگەن بۇ پاجىئەلىك ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ داۋاملىق ئېشىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىنىڭ نەق مەيداندىن تارتىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يوللىغان ۋىدىيو ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرى، شۇنداقلا رادىيومىزنىڭ ئۈرۈمچىگە تېلېفون قىلىپ ئەۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشى ۋە شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ بىنادىن قېچىپ چىقالماي ئۆلۈشىگە دائىرىلەرنىڭ چېكىدىن ئاشقان قامال تەدبىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، ئوت كەتكەن بىنادىكى جىددىي ئەھۋالدا قېچىپ چىقىش ئىشىكلىرىنىڭ ھەممىسى قۇلۇپلىۋېتىلگەن بولۇپ، ھەتتا ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرىمۇ بىنا ئالدىدىكى يۇقۇمنى قامال قىلىش تەدبىرى سۈپىتىدە ئورنىتىلغان تۆمۈر رىشاتكىلارنىڭ توسقۇنلۇقى تۈپەيلى، ئوت كەتكەن نۇقتىغا يېقىن بارالمىغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۈرۈمچىدىكى پاجىئەلىك ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، توردا «سېنىڭ جېنىڭ، مېنىڭ جېنىم، بىر جان ئەمەسمۇ؟» دېگەن نامدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىغا مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش ۋە ياردەم بېرىش ھەرىكىتى قوزغالغانلىقى مەلۇم.

تاجسىمان ۋىرۇس (COVID-19) قامالى مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى ئېگىز بىنادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 24-نويابىر.
تاجسىمان ۋىرۇس (COVID-19) قامالى مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى ئېگىز بىنادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 24-نويابىر. (REUTERS)

ئۈرۈمچىدىن ئوت ئاپىتىدىن ئىلگىرى خىتاينىڭ رايوندىكى ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدىكى قاتتىق قامالىدا، 40 كۈندىن ئارتۇق ئۆيلىرىگە سولىنىپ قالغان غۇلجا خەلقى ئاچارلىققا ئۇچراپ، ئادەم ئۆلۈش پاجىئەلىرى يۈز بەرگەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتىمۇ ئۇيغۇرلار قۇربىنىڭ يېتشىچە تەرەپ - تەرەپتىن غۇلجا خەلقىگە ئەنە شۇنداق ياردەم دولقۇنى قوزغىغانىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى چاغدا بۇ ياردەم پائالىيىتىنى چەكلەپ، غۇلجا خەلقىگە ئەۋەتىلگەن يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە باشقا جىددىي ئېھتىياجلىق تيۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بەرمىگەنلىكى، ھەتتا بىر قىسمىنىڭ ئەخلەت ساندۇقلىرىغا تاشلىۋېتىلگەنلىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۇ قېتىممۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەرەپ-تەرەپتىن سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئوت ئاپىتىدىن كېلىپ چىققان پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنى ئازايتىشقا كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىدا قوللانغىلى بولىدىغان چەكلىك ئىجتىمائىي تارتقۇلار ئارقىلىق، «ئۆيلىرى كۆيۈپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمىزغا ئۆيۈمنى بېرىمەن»، «مەن ئۆي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەيمەن»، «ئوت ئاپىتىدە يارىلانغان قېرىنداشلىرىمغا قان تەقدىم قىلىمەن» دېگەندەك ئېلان-ئۇچۇرلارنى چىقىرىپ، قىيىنچىلىقتا قالغان قېرىنداشلىرىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇلاردىن باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يەنە بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇش؛ بىر مەزگىل ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا كۈلكە-چاقچاق، ئويۇن-تاماشا ۋە ناخشا-مۇزىكىلارنى تارقاتماسلىق؛ ئاۋام خەلقنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل ئىنسانىي پەزىلەتلىرى ۋە ياردەم سۆيەرلىكىنى يوقاتماسلىققا ئۇندەش مەزمۇنىدىكى تەشەببۇسلار كۆپەيگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكى ۋە تۈرلۈك سۇپىلىرىنى «بىز ھەممىمىز بىر بىنادا، ئوتنىڭ پەقەت بىزگە تېخى تۇتاشمىغانلا يېرى بار!»، «ئىنسانلارنى يوق قىلىدىغىنى يۇقۇم، ئوت ياكى ئاچارچىلىق ئەمەس، بەلكى ئىنسانلاردىكى شەپقەتسىزلىكتۇر!» دېگەندەك ئىنكاس ۋە يازمىلار قاپلاپ كەتكەن.

گوللاندىيەدىكى ئۈرۈمچى رېستورانىنىڭ خوجايىنى زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى گوللاندىيەدىكى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىغا ئۆزىنىڭ رېستورانىدا ئۇيغۇر رايونىدا بولۇۋاتقان پاجىئەلەرنى ئاڭلاتتى. 2022-يىلى نويابىر.
گوللاندىيەدىكى ئۈرۈمچى رېستورانىنىڭ خوجايىنى زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى گوللاندىيەدىكى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىغا ئۆزىنىڭ رېستورانىدا ئۇيغۇر رايونىدا بولۇۋاتقان پاجىئەلەرنى ئاڭلاتتى. 2022-يىلى نويابىر.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار 24-نويابىردىكى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نامايىش ۋە ماتەم مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ رەھىمسىز سىياسەتلىرى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن بۇ پاجىئەدىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا.

ئۈرۈمچىدىكى ئۆت ئاپىتىنى كۆرۈپ قاتتىق ئازابلانغان گوللاندىيەدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچى ۋە رېستوران خوجايىنى زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى، ئۆزىنىڭ رېستۇرانىغا تاماق يېيىشكە كەلگەن گوللاندىيەلىك خېرىدارلارغا، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەدىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش تەلەشپلىرىنى يەتكۈزگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بىۋاستە ھالدا ئۈرۈمچىدىكى قىيىن ئەھۋالدا ياشاۋاتقان خەلقىگە ياردەم بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما قولىدىن كېلىشىچە ۋەزىيەتنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ۋەتەن ئىچىدە ھەر تۈرلۈك بېسىم، ھەتتا تەھدىت ئاسىتىدا تۇرۇپمۇ قېرنداشلىرى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قاراپ « ھېچقانداق كۈچ ئۇيغۇرنى يوقىتالمايدىكەن» دېگەن قاراشقا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتلىرىدىن ئۆمەر بېكئالى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، شەرقىي تۈركستان خەلقنىڭ خاراكتېرىدىكى قىيىن كۈنلەردە ئۆز ئارا مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش، قېرىنداشلىرىغا ياردەم بېرىشتەك ئېسىل ئىنسانىي پەزىلەتلەرنى كۆرگىنىدە چوڭقۇر تەسىرلەنگەنلىكىنى، مۇھاجىرەتتكى قېرىنداشلىرىنىڭمۇ بۇ خىل ياردەم روھىنى ۋە ئىنسانىي خىسلەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولغان ئۈمىد-ئىشەنچىسىنىڭ زورلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدىن كېلىپ چىققان ئېغىر پاجىئىگە قارىتا ئۆز مەسئۇلىيىتىدىن قېچىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىساللىرىداىن بىرى، دائىرىلەرنىڭ ھازىرغا قەدەر ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارغا قارىتا بىرەر قېتىممۇ تەزىيە باياناتى ئېلان قىلماسلىقىدۇر.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەت ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرىگە ياردەم قىلىشىنىمۇ «سىياسي مەسىلە» دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا ياردەم ۋە مېھرىبانلىق يەتكۈزۈشنى ھەرگىز توختىتىپ قويمىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پەرھات مۇھەممىدىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلاردىكى بۇ خىل پىداكارلىق ۋە تەۋەككۈلچىلىك روھى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتىنى ئېنىق تونۇپ يەتكەنلىكىنىڭ بىر بىشارىتى ئىكەن. يەنى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار يوقۇرىقىدەك تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزئارا ياردەم پائالىيىتى تەشكىللەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ھېچقانداق بىر شەپقەت كۈتمەيدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىگە تايىنىپ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشقا بەل باغلىغانلىقىنى نامايەن قىلغان.