ئىلھام توختىنىڭ ئاغرىقلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغان تۈرمە ساقچىسى غوپۇر ئابدۇرېشىت 7 يىللىق كېسىۋېتىلگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.09.17
Ghopur-Abdureshit-ghopur-abdurishit ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدە ئاغرىق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقى ئۈچۈن 7 يىللىق كېسىلگەن غوپۇر ئابدۇرېشىت. (ئورنى ۋە ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
Uyghuryar Fondi

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇريار فوندىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قاناللىرى ئارقىلىق ئىگىلىشىچە، ئىلھام توختىنى نازارەت قىلىۋاتقان تۈرمە ساقچىسى غوپۇر ئابدۇرېشىت بۇ يىل 2-ئايدا، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلىشىچە، غوپۇر ئابدۇرېشىت ئىلھام توختى تۈرمە كامېرىدا ئاغرىپ قالغان ۋاقتىدا، بۇ ئەھۋالنى ئىلھام توختىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كىشىلەرگە ئاشكارىلاپ قويغىنى ئۈچۈن 7 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پىروفېسسور ئىلھام توختى مۇددەتسىز كېسىلگەندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ ھايات پىرىنسىپىدىن، جۈملىدىن، ھەقنى سۆزلەش ۋە ھەقسىزلىققا قارشى تۇرۇش ئادىتىدىن ۋاز كەچمىگەن. ب ب س نىڭ 2014-يىلى 27-ئىيۇن كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، تۈرمىدە ئۆزىگە سۇنۇلغان تاماقنىڭ ھالال ئەمەسلىكىنى، يەنى مۇسۇلمانچە ئەمەسلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ ئاچلىق ئېلان قىلىپ تاماق يېيىشنى رەت قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇ خىتاي ئىجتىمائىي جىنايەتچىلەر بىلەن بىر كامېرغا سولاپ قويۇلغاندا، خىتاي مەھبۇسلار ئۇنى بوزەك قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باققان، ئىلھام توختى تېگىشلىك ئەدىپىنى بەرگەندىن كېيىن، خىتاي مەھبۇسلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان. نەتىجىدە ئىلھام توختى يالغۇز كىشىلىك كامېرغا يۆتكەلگەن. يەنە مەلۇم بولۇشىچە تۈرمە دائىرىلىرى ئىلھام توختىنى ئۇيغۇر مەھبۇس ۋە ئۇيغۇر ساقچى خادىملىرى بىلەن مۇمكىن قەدەر ئۇچراشتۇرماسلىق يولىنى تۇتقان. شۇڭا ئىلھام توختىنى نازارەت قىلىۋاتقان تۈرمە خادىملىرى ئارىسىدا پەقەت بىرلا ئۇيغۇر - غوپۇر ئابدۇرېشىت بار بولۇپ، ئۇمۇ بۇ يىل 2-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئىلھام توختى تۈرمىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلغان.

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇريار فوندىنىڭ ئىگىلىشىچە، تۈرمە خادىمى غوپۇر ئابدۇرېشىت 6 يىلدىن بۇيان ئىلھام توختىنى نازارەت قىلىۋاتقان خادىملار قاتارىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا ئىلھام توختىنىڭ بىرقىسىم ئەھۋالى يەنى تۈرمىدە يالغۇز كامېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، كۈندە بىر قېتىم 15 مىنۇت ئاپتاپقا ئېلىپ چىقىلىدىغانلىقى ۋە سالامەتلىكىنىڭ ناچارلاشقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى سىرتقا ئاشكارىلاپ قويغانلىقى ئۈچۈن بۇ يىل 2-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان.

ئۈرۈمچى تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى، سوئاللىرىمىز ۋە كىملىكىمىزدىن گۇمانلانغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، غوپۇر ئابدۇرېشىتنىڭ نورمال ئىشلەۋاتقانلىقى ۋە نۆۋەتتە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۈرۈمچى 1-تۈرمە 7-رايونىنىڭ بىر نازارەتچى خادىمى، غوپۇر ئابدۇرېشىتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرى بارلىقى، ئەمما ئەھۋالنى سىرتقا ئاشكارىلىيالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە بىر ساقچى خادىمىنىڭ دېيىشىچە، غوپۇر ئابدۇرېشىت خىزمەت داۋامىدا باشقا مەھبۇسلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىلھام توختىنىڭ تۈرمە تۈزۈمىگە بويسۇنمىغانلىقى سەۋەبلىك يالغۇز كىشىلىك كامىرىغا سولانغانلىقى ۋە بۇ كامېردا سالامەتلىكىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى تىلغا ئالغان. بۇ ئۇچۇرلار شۇ مەھبۇسلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ئۇلار ئارقىلىق جەمئىيەتتە ئۇنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بارغان. مەزكۇر خادىمنىڭ دېيىشىچە، دائىرىلەر بۇ دىققەتسىزلىكنى «مەقسەتلىك ھالدا سەزگۈر ۋە سەلبىي ئۇچۇر تارقىتىش» دەپ قاراپ غوپۇر ئابدۇرېشىتنى قولغا ئالغان ۋە تۈرمىگە تاشلىغان.

ئۇيغۇريار فوندىنىڭ يېتەكچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئىگىلىشىچە، غوپۇر ئابدۇرېشىت 1973-يىلى كورلىدا تۇغۇلغان، 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى ھەربىيلىككە قاتناشقان ۋە ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇغان، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن ساقچى بولغان. 2006-يىلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى 1‏-تۈرمىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلدىن كېيىنكى سوتلانغانلارنىڭ سوت ھۆكمى ئاساسەن دېگۈدەك ئەسلى يۇرتىدىكى ساقچىخانىلار ئارقىلىق مەھكۇمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا يەتكۈزۈلگەن. غوپۇرنىڭ يۇرتى بولغان كورلا بازار ئىچى ساقچى خادىمى، ئۆزىنىڭ غوپۇر ئابدۇرېشىت ھەققىدە سوت ھۆكمى تاپشۇرۇۋالغانلىقى ۋە ھۆكۈمنامىنى ئائىلىسىگە يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، سوت ھۆكمىدە ئۇنىڭ 7 يىللىق كېسىلگەنلىكى خاتىرىلەنگەن.

بىز يۇقىرىدا، ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئاغرىق ھالىتىنى سىرتقا ئاشكارىلىغان غوپۇر ئابدۇرېشىتنىڭ 7 يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.