يۇتىيۇبىر ۋىنىستون ستىرزېل: «شىنجاڭغا بارغان ھەر قانداق چەت ئەللىك ساياھەتچىگە خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى ھەمراھ بولىدۇ»

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىشى بىلەن خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتلىرىدا ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. بۇنىڭغا ماس ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاقلايدىغان تەشۋىقات ۋىدىيولىرىمۇ كۆپەيگەن.

خىتايدا 14 يىلدەك تۇرغان ۋە خىتاي ھەققىدە ئىشلىگەن بىر قاتار ۋىدېيولىرى سەۋەبلىك ئاخىرىدا خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، تورداشلارغا Serpentza نامى بىلەن تونۇشلۇق بولغان ۋىنىستون ستىرزېل بۈگۈن رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ خىتاي ئۈچۈن تەشۋىقات ۋىدىيوسى ئىشلەۋاتقان ئاتالمىش «چەت ئەللىك ساياھەتچى» لەرنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى تەرىپىدىن قانداق كونترول قىلىدىغانلقىنى پاش قىلدى.

خىتاينىڭ ئىچىدە چەكلەنگەن خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىتىلىۋاتقان، «ساياھەت ۋىدىيولىرى» نامىدا تارقىتىلىۋاتقان ۋىدىيولارلاردىن كۆرۈنۈش.
خىتاينىڭ ئىچىدە چەكلەنگەن خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىتىلىۋاتقان، «ساياھەت ۋىدىيولىرى» نامىدا تارقىتىلىۋاتقان ۋىدىيولارلاردىن كۆرۈنۈش.

سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.