گېرمانىيەلىك تۈرك ياشلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئون كۈنلۈك زىيارىتى (2) - غۇلجا ۋە ئۈرۈمچى

0:00 / 0:00

ئەنەس كاپلى (Enes Kaplı) ۋە سىنان چوبان (Sinan Çoban) قاتارلىق گېرمانىيەلىك تۆت ياش قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتكەندىن كېيىن غۇلجاغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ھالبۇكى، ئەنەسنىڭ ئالدىنقى پىروگراممىمىزدا تەكىتلىگىنىدەك، ئۇلارنىڭ ۋىزا ئېلىشى ۋە چېگرادىن ئۆتۈشى ئايرىم بىر ماجىرا بولغان بولسا؛ ئۇلارنىڭ چېگرادىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزلىرى زىيارەت قېلىشنى پىلانلىغان يەرلەردە دۇچ كەلگەن كەچۈرمىشلىرى يەنە ئايرىم بىر ماجىرا بولغان.

بۇ ئەنەسنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىشى بولغاچقا، ئۇنىڭغا چېگرادا قاتار تۇرۇپ كەتكەن خىتاي تاكسىچىلار، ھەر يەردە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان قىپ-قىزىل پانۇسلار ۋە قىزىل بايراقلار ئانچە ھەيران قالارلىق مەنزىرە بولۇپ تۇيۇلمىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپەر تەسىراتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«تۇنجى قېتىم غۇلجاغا كەلگەن ۋاقتىمدا، خۇددى ئۆزۈمنىڭ ۋەتىنىمگە كەلگەندەك ئىچىمدە بىر ھاياجان بار ئىدى. ئىككىنچى قېتىم كەلگەن ۋاقتىمدا ‹ئاللاھ، يەنە بىر قېتىم بۇ ئاتا تۇپراقلارغا قەدەم بېسىشقا نېسىپ قىلدى› دەپ يەنە ئوخشاش ھاياجانلاندىم. غۇلجاغا كەلگەن ۋاقتىمىزدا ناماز ئوقۇۋالايلى دەپ، تاكسى شوپۇرى (ئۇيغۇر) دىن ‹مەسچىت بارمۇ؟› دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ ‹مەسچىتمۇ، مەن بىلمەيمەن› دەپ چۆچۈپ كەتكەن ھالەتتىكى چىرايىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن. بىز بۇ تۈردىكى تېمىلارنىڭ سەزگۈر ئىكەنلىكىنى بىلەتتۇق، لېكىن بۇلارنى رەسمىي ئۇچراتقان ۋاقتىمىزدا ‹ھە، راستكەن› دېيىشتۇق.»

سېنان ۋە باشقا ئىككى نەپەر ياش ئۇيغۇر ئېلىگە تۇنجى قېتىم كەلگەن بولغاچقا، ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەھۋال تامامەن پەرقلىق ئىدى. سىناننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ «ئاتا يۇرت» ئۆزى تارىخى كىتابلاردىن ئوقۇغان، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن كۆرگەن ياكى ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ماكانغا ھېچ ئوخشىمايتتى. . .

ياڭخاڭ مەسچىتى ئالدىدا چىقىرىلغان قىزىل بايراق. 2024-يىلى ئىيۇن، ئۈرۈمچى.
ياڭخاڭ مەسچىتى ئالدىدا چىقىرىلغان قىزىل بايراق. 2024-يىلى ئىيۇن، ئۈرۈمچى. (Enes Kaplı/Sinan Çoban)

«غۇلجا مەن كۆرگەن تۇنجى شەھەر بولغاچقا، ماڭا باشقىچە تەسىر قىلدى. مەن ئۇيغۇرلارغا خاس بىر شەكىلدىكى شەھەر-مەھەللىلەرنى كۆرىمەن دەپ خىيال قىلغان ئىدىم، ئەمما چېگرادىن كىرگەندىن كېيىن كۆرگىنىم تىپىك خىتاي شەھىرى ئىدى. تاكسى بىلەن غۇلجا شەھىرىگە ماڭغان يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە خىتايلارنىڭ قىزىل ۋە يۇمىلاق پانۇسلىرى، قىزىل بايراقلىرى ھەممە يەرگە ئېسىلغان ئىدى. ھەممە يەردە خىتايچە ئۇسلۇبتىكى ئىمارەتلەر بار ئىدى. دۇكان-ئاشخانىلارنىڭ ۋىۋىسكىلىرىنىڭ ھەممىسى خىتايچە ئىدى. غۇلجاغا كەلگەندىن كېيىن، بىز مەخسۇس قەدىمكى ئۇيغۇر مەھەللىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن بىر يەرگە باردۇق. ئۇ يەر قارىماققا ساياھەت مەركىزىدەك قىلاتتى. ئۇ يەردىكى ئۆيلەر ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتا سېلىنغانىدى. يەنى ئۇيغۇر مەھەللىسى ئىدى. مەن دەسلەپتە ‹ھە مانا، ماۋۇ مېنىڭ نەق كۆرمەكچى بولغىنىم› دەپتىمەن. كېيىن قارىسام، ھەممە نەرسە ساختا، ھەممە نەرسە پەقەت ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، يەنى ئۆيلەرمۇ ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ياسالغان، ھەممە كوچىدا ساختىلىقى چىقىپ تۇرىدىغان خاتىرە بويۇملىرىنى ساتىدىغان دۇكانلار. . . ئىشقىلىپ. ھېچ نەرسىنىڭ تەبئىي ئەمەسلىكىنى، بۇ مەھەللىدە ياشاۋاتقاندەك كۆرۈنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ ھېچ نورمال ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم.»

ئەنەسمۇ سىناننىڭ ئېيتقانلىرىغا قوشۇمچە قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئىنسانلار ئاشۇ ئۆيلەردە ياشايدىكەن، غەلىتە بولغىنى مۇشۇ. ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ بېشىغا ‹ئىشەنچلىك ئائىلە› دەپ يېزىلغان قىزىل پىلاكات چاپلاقلىق ئىدى. بۇ ئۆيلەر دۆلەت تەرىپىدىن ‹ئىشەنچلىك› دەپ بېكىتىلگەن ئائىلىلەر ئىكەن. بىز ئۆيىگە كىرگەن ئائىلە ئەزالىرى بەك خۇشال كۆرۈنمەيتتى. ئەلۋەتتە، ھېچكىم ئۆيىگە كۈندە يۈز-ئۈچ يۈز كىشىنىڭ كىرىپ چېقىشىنى خالىمايدۇ.»

سىنان غۇلجادا يەنە تۇنجى قېتىم تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنى كۆرگەنلىكىنى ۋە ئۇلارغا ئۇيغۇرلاردىن پەرقلىق مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان:

«ئۇ يەردە خىتاي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بىر مەسچىتنى كۆردۇق. ئاشۇ كۈنى مەن خىتايدىكى تۇڭگانلار بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پەرقىنى كۆردۈم. يەنى مەسچىتلەردە بېشىغا ئاق شاپاق دوپپا كىيگەن، ساقال قويغان خىتاي مۇسۇلمانلىرى نورمال ياشاپ، خالىغىنىنى قىلىدىكەن. بىز مەسچىتنىڭ ئىچىگە كىرمىدۇق، لېكىن ئەتراپىدا ئايلىنىپ سۈرەتكە تارتتۇق. ھېچقانداق مەسىلە چىقمىدى. لېكىن كېيىن بىز ئۇيغۇر مەسچىتىگە بارغان ۋاقتىمىزدا، پۈتۈنلەي چەكلىمىگە ئۇچرىدۇق. يەنى بىز مەسچىت تەرەپكە مېڭىشقا تەمشەلگىنىمىزدە، ئۇ يەردىكى ئىشىك ساقلايدىغانلار ‹بۇ يەردە سىلەر كۆرىدىغان ھېچنىمە يوق› دەپ يېقىنلاشقىلى قويمىدى.»

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار غۇلجادا بىر كۈن تۇرغان. ئۇلار كوچىلاردا ئۇچرىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى ئېيتقىنىدا، ئۇلارنىڭ مۇئامىلىسى باشقىچە ئىللىق بولغان. ھەتتا بىر كىشى ئۇلارنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئېلىپ تۇرۇپ «مېنىڭ بىر قوشنام يوقاپ كەتكىلى 30 يىل بولدى» دېگەن.

ئۇلار ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە گادىرماچ ھېس-تۇيغۇلار بىلەن پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە يولغا چىققان.

سىنان ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىنى كۆرگەندىكى كېيىنكى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچىنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى غۇلجا بىلەن بەك پەرقلەنمەيدۇ. غۇلجاغا كىرگەندىمۇ ھەممە يەردە ھەربىيلەرنى، ساقچى ماشىنىلىرىنى كۆرگەن ئىدۇق. ئۈرۈمچىدىمۇ ئوخشاش، ھەتتا جىقراق دېيىشكە بولىدۇ. ھەر 50 مېتىردا بىر تەكشۈرۈش پونكىتى بار ئىكەن. ئۇلار بىزنىڭ پاسپورتلىرىمىزنى تەكشۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پاسپورتىمىزنى سىكانېرلىدى، سۈرەتكە تارتتى. بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىز، نەدىن كەلگەنلىكىمىز، نەگە بارىدىغانلىقىمىزنى سورىدى. ئۈرۈمچىنىڭ مەندە قالدۇرغان تەسىرى ‹نېمىدېگەن كۆپ ھەربىي ۋە ساقچىلار بۇ! › دېگەن تەئەججۈپ بولدى.».

ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ساياھىتىنىڭ بىرىنچى كۈنى جۈمە كۈنىگە توغرا كەلگەن. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ جۈمە نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىت تېپىشى ئاسانغا توختىمىغان. ئۇلار ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزى رايونلىرىنى ئايلانغان بولۇپ، شۇ ئەتراپتىكى مەسچىتلەردىن ئۈچ مەسچىتنىڭ ئالدىغا بېرىپ كېرەلمىگەن. مەسچىتلەر تاقاق بولۇپ، دەرۋازا ساقلىغۇچى ئۇلارغا «كىرىشكە بولمايدۇ» دېگەن. ئۇلار بارغان ئۈچىنچى مەسچىتنىڭ دەرۋازا ساقلىغۇچىسى ئۇلارغا غالىبىيەت يولىدىكى نوغاي مەسچىتىگە بېرىشنى، ئۇ يەردە ناماز ئوقۇسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بارىدىغان يولنى كۆرسىتىپ قويغان.

سېنان مەسچىتكە كىرىش جەريانىنىڭ خۇددى ئايرودۇرۇمدا تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنگە ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتتى:

«ئەگەر مەسچىتكە كىرمەكچى بولسىڭىز، ئۇ يەردە پەقەت بىرلا ئىشىك بار. ھەممە ئادەم شۇ ئىشىكتىن كېرىدۇ. خۇددى ئايرودۇرۇمغا ئوخشاش ئۇلار سىزنىمۇ، سىزنىڭ سومكىڭىزمۇ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلار پاسپورتلىرىمىزنى ھەم سىكانىرلىدى ھەم سۈرەتكە تارتتى. ئاندىن سومكىمىزنى ئاشۇ ئىشىكتە ئېلىپ قېلىپ بىزنى كىرگۈزدى. قارىسام، ئۇلار مەسچىتىنى پەقەت ناماز ۋاقتىدىلا ئاچىدىكەن. ناماز تۈگىگەندىن ھەممە ئادەملەرنى دەرھال چىقىرىۋېتىدىكەن. ناماز ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتتا ھېچكىمنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت يوقكەن. مەسچىتنىڭ ئىچىدە ھېچبىر ئىسلامىي خەت ياكى بەلگە يوق ئىكەن. ھەتتا بىز كېلىشتىن بۇرۇن توردىن قارىغان ۋاقتىمىزدا، مۇشۇ مەسچىتنىڭ سىرتىدا ‹لائىلاھە ئىللاھ› دېگەن خەت بار ئىدى. لېكىن ھازىر ئۇ خەت يوق، ئورنىغا خىتاينىڭ بايرىقىنى ئېسىپ قويۇپتۇ. بىز بارغان مەسچىتلەرنىڭ تېشىدىكى تاملىرىغا ‹دۆلەتنىڭ بىرلىكى دىندىن مۇھىم› دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار يېزىلغان ئىكەن.»

ئەنەس بىلەن سىنان ھەر ئىككىسى ئوخشاشلا بۇ يەردە ھاياتىدىكى ئەڭ غەلىتە بىر قېتىملىق جۈمە خۇتبىسىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنەس ئوقۇلغان خۇتبە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خۇتبىنى باشتا خىتايچە ئوقۇدى. بىز ئىمام خىتاي ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدۇق. كېيىن ئۇيغۇرچە ئوقۇشقا باشلىدى. يەنە بىر نەرسىنى قوشۇمچە قىلىپ قويسام، بىزنى مۇشۇ مەسچىتكە بېرىڭلار دېگىنىنىڭ سەۋەبى چەت ئەللىكلەر پەقەت مۇشۇ مەسچىتتىلا ناماز ئوقۇيالىسا كېرەك. مەسچىتتە ئاساسەن پاكىستانلىق، ئافغانىستانلىق كىشىلەر بار ئىدى. ئۇيغۇرلاردىن ئون نەچچە ياشانغان كىشى بار ئىدى، ياشلار يوق. ئۆتكەندە خاقان فىدان زىيارەت قىلغان مەسچىت دەل بىز بارغان مۇشۇ مەسچىت ئىكەن. سۈرەت ۋە ۋىدىيولارغا قارىسام، خاقان فىدان بارغاندا مەسچىت ۋە مەسچىتتىكى گىلەملەر پاكپاكىز تۇرىدۇ. بىز بارغان ۋاقىتتىكى بىلەن تامامەن ئوخشىمايدۇ، جۇمۇ. ئىمامنىڭ قىلغان خۇتبىسىگە كەلسەك، ئىمام گېپىنى ‹ۋەتەننى سۆيۈش ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر› دەپ باشلىدى. مەن ئانچە-مۇنچە ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن ۋە تۈركچە بىلەن ئۇيغۇرچە خىلى يېقىن تىللاردىن بولغاچقا، ئىمامنىڭ دېگەنلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن چۈشەندىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ‹كومپارتىيەگە ئىتائەت، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بىلەن ئوخشاش، دۆلىتىمىزنىڭ مۇشۇنداق ياخشى بولۇشى كومپارتىيەنىڭ ۋە داھىمىز شى جىنپىڭنىڭ بولغانلىقىدىندۇر. بىزنى مۇشۇنداق ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن رەھبىرىمىز شى جىنپىڭغا رەھمەت ئېيتىمىز، دېگەندەك دىن بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق سىياسىي گەپلەرنى قىلدى. ئۇلار دىننى خىتايچىلاشتۇرۇپ بولۇپتۇ. گەپنىڭ ئارىسىدا ‹ئاللاھ› دەپ قىستۇرۇپ قويمىغان بولسا ئىدى، تۆۋە ئەستاھپۇرۇللا، مەن ئۇ يەردە شى جىنپىڭنى تەڭرى دەپ ۋەز ئېيتىۋاتىدۇ، دەپ چۈشەنگەن بولاتتىم. يەنى ئۇلار دىننى ئاشۇ دەرىجىدە خىتايچىلاشتۇرۇپتۇ.»

شۇنىڭ بىلەن بۇ ياشلار بۇنداق ئىمامنىڭ ئارقىسىدا ئوقۇغان ناماز قوبۇل بولمايدۇ، دەپ مېھمانخانىلىرىغا قايتىپتۇ. ئۇلار ئۈرۈمچىدە ئىككى كۈن تۇرۇش جەريانىدا ئاساسەن تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەقەت ساياھەتچىلەر ئايلىنىدىغان يەرلەرنىلا ئايلىنالاپتۇ. ئۇلار بۇ خىل ساياھەت مەركەزلىرىدىن سىرتقا چىقىپ، ئۈرۈمچىنىڭ نورمال ھاياتىنى كۆرەلمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقنى بىلدۈرۈشتى.

ئەنەس ئۈرۈمچى ھەققىدىكى زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا كوچا ئايلىنىش جەريانىدا ئۇچرىغان بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار كوچا ئايلىنىپ كېتىپ بارسا، كوچىدا بىر دۇكاننىڭ ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان بىر كىشىگە ئۇچراپتۇ. ئۇ كىشى بۇلارنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، تۇيۇقسىزلا ئەنەسنىڭ قولىدىن قاتتىق تارتىپ ئۇنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرغاندىن كېيىن، «مېنىڭ ئاكام بىر يىل بولدى، ئىچىدە» دەپتۇ ۋە دەرھاللا قولىنى قويۇۋېتىپ ئۇسسۇلىنى داۋام قىلىپتۇ. ئەنەسلەرمۇ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي ئاستا-ئاستا ئۇ يەردىن ئۇزاقلىشىپ. ئەنەس ھازىرغىچە ئاشۇ كىشىنىڭ كۆزلىرىدىكى چارەسىزلىكنى ئۇنتۇيالمايدىغانلىقىنى، ئاشۇ كۈن خىيالىغا كىرىپ قالسا، قولىنىڭ ھازىرمۇ تىترەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ غۇلجادىكى ئاشۇ قوشنىسى 30 يىلدىن بېرى يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇر بوۋاي ۋە يولدا قولىغا ئېسىلغان ئۇيغۇر يىگىتنىڭ خۇددى «دۇنياغا دەپ قوي، ئۇلار بىزنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن» دېگەندەك قىلىپ بۇ گەپلەرنى ئۆزىگە ئېيتقانلىقىنى ھېس قىلىدىكەن.

سىنان ئاخىرىدا غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىنى كۆرگەندىن كېيىنكى ھېسسىياتىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: «قايتا دېسەم، چوڭ شەھەرلەر ئىكەن. لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى بولسا پەقەتلا ساياھەتچىلەرگە كۆرسىتىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاچىدىغان سەھنىدىكى ئويۇنغا ئوخشاپ قاپتۇ. مېنىڭ بۇلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. ئۆزىڭىزنىڭ مۇسۇلمان تۈرك قېرىنداشلىرىڭىزنى بۇنداق ئەھۋالدا كۆرۈش ھەقىقەتەن بەك ئېچىنىشلىق. خىتاي ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ئۇسسۇلغا سالىدىكەن. ئاندىن مىڭلارچە خىتايلار ئۇلارنى رەسىم ۋە ۋىدىيولارغا تارتىپ كۆڭۈل ئاچىدىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيىتىنىڭ ساياھەتچىلەر ئۈچۈنلا خىزمەت قىلدۇرىدىغان بىر كۆڭۈل ئېچىش ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇلۇشى، بەك ئېچىنىشلىق. دېسەم تىلىم كۆيىدۇ، قېرىنداشلىرىمىزغا خۇددى ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ھايۋاناتلارغا، باغچىلاردىكى ئويۇن قويۇپ كىشىنى كۈلدۈرىدىغان سېرىكچىلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قېلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي مەسچىتلەر، دىنىي بىلىملەر ئۆگىتىلگەن مەدرىسەلەر ھازىر ساياھەتچىلەر ئايلىنىدىغان خاتىرە بۇيۇملىرى دۇكانلىرىغا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ياكى قەھۋەخانىلارغا ئايلاندۇرۇلۇپتۇ.»

ئەنەس بىلەن سىنان ۋە ئۇلارنىڭ دوستلىرى بەك دىققەت تارتماسلىق ئۈچۈن ئانچە-مۇنچە خىتايلار بىلەنمۇ رەسىمگە چۈشۈپ، يۇتىيۇبىر قىياپىتىگە كېرىپ، ئۈرۈمچىدىكى سەپىرىنى ساق سالامەت تۈگەتكەن. ئۇلار 5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەپىرىنىڭ كېيىنكى بېكىتى بولغان تۇرپانغا قاراپ يولغا چىققان.